بالىلىق چاغلار راسلا بەك كۆڭۈللۈك ئىدى.ئويۇنلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدە كۈندە مەكتەپتىن يېنىپلا ئويۇنغا چاپاتتۇق.بىر يىغىلىشىمىزدا بىردەمدە 40-50 بالا بولۇپ كېتەتتى.كىچىك چاغلاردا كەڭرى ئېتىزلىقلار،كونا ،ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيلەر كەڭرى كەتكەن بوش يەرلەر كۆپ ئىدى.قانغۇچە گاگار،مۆكۈممەك(يوشۇنماق) ،قىش(نۇر)،چانا ئىشقىلىپ ھەممە ئويۇننى ئوينايتتۇق.بەزىدە بوغۇننىڭ ئۆيلىرىنى بۇزۇپ ئوينىساق كەينىمىزدىن قوغلاپ يۈرۈپ چېقىۋالاتتى.لەگلەك ئۇچۇرۇشۇپ ئويناشلار بەك كۆڭۈللىك ئىدى.
بىراق ھازىرقى بالىلارغا ئۇنداق ئويۇنلار قالمىدى،تور ئويۇنى ھەممىنىڭ ئورنىنى ئالدى.