باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1041 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۈزەل ئەسلىمىلەر
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 700 %
مۇنبەر پۇلى: 1301 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2011-12-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-14 22:42

گۈزەل ئەسلىمىلەر

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(arzuyum) ئەھمىيەتلىك& ..
  • ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 170
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-01-04
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 12:53

         ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:  
         يېقىندىن بىرى مۇنبەرلەردە مۇشۇ باللىققا ئائىت تىمىلارنى كۆپ ئۇچىرىتىپ كىتىپ بارامدىمەن قانداق؟! ئۆتكەن ھەپتە مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ بالىلىقىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز دىگەن تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن مىنىمۇ بالىلىق ۋاقتىمغا باشلاپ كىرىپ ئىڭىكىمنى يۆلەپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتىشىمگە سەۋەپچى بولغان ئىدى. ھازىرمۇ يەنە مۇڭ بىسىپ بالىلىق ئەسلىمەمگە قايتىدىن كىرىپ كىتىۋاتىمەن. بىردەم جىم تۇرۇڭلار، مەن شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قايتىدىن بىر ئەسلەپ باقاي.....نىمە دىگەن گۈزەل-ھە؟؟؟
          مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن توپلىشىپ ئۈژمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقىپ ئۈژمە يىيىش.مانا مۇشۇ مەنزىرە ئەڭ ئاۋۋال كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يۇرت شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان لىكىن شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق بىر كەنىتتە(ھازىر كەنتىمىزنىڭ كۆپىنچە يەرلىرى شەھەرگە قوشۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ.)بولغاچ مەنمۇ كىچىكىمدىن سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان. ئۆيىمىزنىڭ ئالدى تاغ باغرى، سول تەرىپى ساي، ئوي تەرىپى ۋە ئارقا تەرىپى باغ بولغاچ مۇھىتى ئۆزگىچە ئىدى. ھىساپتا مەن تاغدا،باغدا،سايدا مۇشۇ ئۈچ ئورۇندا چوڭ بولغان ئىدىم.  
          ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئادەم ئولتۇرمايدىغان بىر يۈرۈش ھويلىسى كەڭرى ئۆي بار ئىدى.ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلىلا يوغان ئۈژمە دەرىخى بار بولۇپ ئۇ ئۈژمە دەرىخىنى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،ئۇششاق-توڭ ھەممىمىز ‹رابى ئانامنىڭ ئۈژمىسى› دەپ ئاتايتۇق.ئۈژمە پىشىدىغان مەزگىل ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۇ قورۇ شۇ قەدەر قاينام-تاشقىنلىققا تولۇپ كىتەتتى.مەھەللىرىمىزدىكى ھەتتا يىراق مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چۈشتە مەكتەپتىن كىلىپ ئۆيلىرىگىمۇ كىرمەي ئۇدۇل شۇ ئۈژمە دەرىخىگە يامىشاتتۇق.دەرەخمۇ بەك ئىگىز ھەم يوغان بولغاچ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراملىق بىلەن چىقىۋالغان بالىلار يىراقتىن قارىسا قاغىغىلا ئوخشاپ قالاتتى. مەنمۇ قىز بالىلىقىمغا قارىماي ئىككى ئىنىمگە ئەگىشىپ دەرەخكە يامىشىپ باقاتتىم ئەمما ئۇلاردەك ئىگىز ئۆرلىيەلمەي يېرىمىدە تۇرۇپ قېلىپ ئۇلار قولۇمغا سۇنۇپ بەرگەن ئۈژمىنى قولۇمدىكى قاچىغا سالاتتىم. شۇنداق قىلىپ يوغان قاچىغا لىق ئۈژمە توشقۇزۇپ خۇددى چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتكەندەك ئۆيگە يۈگرەيتىم-دە مۇمامنى چاقىراتتىم. مۇمام ئۈژمىگە بەك ئامراق ھەم زىتقا كىسىلى بولغاچ (زىتقا كىسىلىگە ئۈژمە پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلاپتىكەن)دائىم ئۈژمە يەيتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇمام خۇش بولۇپ مىنى ئەركىلتىپ تۇرۇپ  بېشىمنى سلىغاچ بۇرۇنقىلارنىڭ يەنى ئەجدادلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى.
         ئۇ ئۈژمە دەرىخنىڭ كىلىپ چىقىشىنىمۇ دەل شۇ مۇمام ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇ ئۆي ئەينى ۋاقىتتا رەھمەتلىك مۇمام بىلەن قوشنا ئولتۇرغان، يۇرت ئىچىدە خېلى ھۆرمىتى بار بىر تۇل ئايالنىڭ ئۆيى بولۇپ مۇمام ئىككىسى شۇنداق ئىجىل-ئىناق قوشنىلاردىن ئىكەن. بىر كۈنى مۇمام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە رابىيە(تەلەپپۇزدا رابى دەپلا چاقىرىشىدىكەن.) ئانىمىز تولىمۇ ئىنچىكە ھەم مايماق بىر تۈپ ئۈژمە كۈچىتىنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكىۋاتقان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن مۇمام ئۇنىڭغا :‹ۋاي رابى ئاچا بۇ ئۈژمە چوڭ بولۇپ مىۋە بىرەمۇ زادى؟ قارىسام ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا تۇرىدۇ......›دەپتىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىمىز مۇمامغا :‹قاراپ تۇر،مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن مۇشۇ ئۈژمە سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ ماڭا ھازا تۇتىسىەن. سىنىڭ بالا-چاقىللىرىڭ بۇ ئۈژمىنى يەيدۇ.....›دەپتىكەن. ئۇ رەھمەتلىك رابى ئانىمىز ئامانىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن دەرۋەقە رەھمەتلىك مۇمام ۋە قوشنىلار،رابى ئانىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى شۇ دەرەخ سايىسى ئاستىدا ھازا تۇتۇپ ئولتۇرۇپتىكەن.رەھمەتلىك رابى ئانىمىز ئۇ ئۆينى ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئامراق نەرىسىنىڭ بىرىگە قالدۇرغان ئىكەن.لىكىن ئۇنىڭ نەۋرىسى باشقا يەردىن ئۆي تۇتقاچ ئۇ قورا-جاي تاشلىنىپ قالغان ئىكەن. شۇنداقدىمۇ ھىلىقى ئۈژمە دەرىخى داۋاملىق يوغىناپ چوڭ بولۇپ كىتىپتۇ.مەھەللىدىكىلەرمۇ خالىغانچە ھويلىغا كىرىپ ئۈژمە يەپ چىقاتتىكەن.شۇندىن كىيىن شۇ رەھمەتلىك ئىسىل رابى ئانىمىزنىڭ ئىسمى ئىغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ تاكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدۇ.گەرچە بىزلەرمۇ ئۇ ئانىمىزنى كۆرۈپ باقمىغان بولساقمۇ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ:‹رابى ئانامنىڭ ئۈژمىسىنى يەپ كىرىمىز........›دىيىشىپ چۇرقۇرىشىپ ئۇ ھويلىنى ئاۋات قىلاتتۇق. رەھمەتلىك مۇمام ئەنە شۇنداق پۇرسەتلەردە ماڭا يەنە نۇرغۇن يېڭى-يېڭى قىسسىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى.
         يەنە تېخى ئۆيىمىزگە يىراق بولمىغان سايغا يەنى شۇ سايغا جايلاشقان دەرياغا چىقىپ كىچىك بىلىجانلارنى سۇ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ  تۇتۇپ ئوينايتۇق.ئىككى ئىنىم بىلەن ئەتتىگەندە دادامغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا جايلاشقان چوڭ ئەنجۈرلۈك بېغىمىزغا كىرىپ دادام، ئەنجۈر سىتىۋىلىش ئۈچۈن قەشقەر ھەم ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن چىققان سودىگەرلەر بىلەن تەڭ ئەنجۈر ئۈزەتتۇق.ئۇ باغ بەك چوڭ بولغاچ ئىچ-ئىچىگە كىرىپ كەتسەك قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى ئاسانلىقچە تاپقىلىمۇ بولمايتى.مەن بەزىدە غىپپىدە يوقاپ كىتىپ بىرە تۈپ ئەنجۈر دەرىخنىڭ ئارىسىغا يۈشۇرنىۋىلىپ ياكى ئۈستىگە چىقىپ شاختا ئولتۇرۇپ شەپە چىقارماي ئەنجۈر يەپ ئولتۇرغىنىمدا دادام مىنى چاقىرىپ ھالى قالمايتى. ئىككى ئىنىم مىنى ئىزدەيتى.شۇنداق قىلىپ بىز داس-داسلاپ ئەنجۈرلەرنى سەدىگەرلەرنىڭ ماشىنىغا بىسىپ بىرىپ ئاپامغا ۋە مۇمامغا ۋە قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ(گەرچە ئۇلارنىڭمۇ ئەنجۈرى بولسىمۇ ئەمما ھەر باغنىڭ ئۈنجۈر تەمى ئۆزگىچە بولغاچ ئۇلارغىمۇ ئىغىز تەككۈزەتتۇق.بولۇپمۇ بىزنىڭ باغ تاغ باغرىدا بولغاچ تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى ھەم كۈننىڭ نۇرى ياخشى بولغانلىقتىن ئەنجۈرنىڭ تەمى باشقىچە ئىدى. قەنت مىقدارى شۇنداق يۇقىرى.شۇ سەۋەپتىن قەشقەرلىك سودىگەرلەر ئەتتىگەندىلا ئۆزى ئۆيىمىزنى ئىزدەپ سوراپ ئەنجۈر سىتىۋالغىلى چىقاتتى.) ئېغىز تىگىشى ئۈچۈن ئەنجۈر ئېلىپ ئۆيگە قايتاتتۇق. تېخى مەھەللىدىكى بالىلار توپلىشىپ تاققا چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز دەپ ئاتا-ئانىمىزغىمۇ دىمەي تاغنىڭ ئۇچىغا چىقىۋىلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماششا قىلغاچ ئاۋۇۇۇۇۇۇۇۇ بىزنىڭ ئۆي، ئاۋۇۇۇۇ بىزنىڭ ئېتىز....... دىيىشىپ چۇرقۇشۇپمۇ كىتەتتۇق. تاغدىن چۈشىدىغاندا تىك قىيالارغا كەلگەندە ۋايجان، ۋاي قانداق چۈشىمەن دىيىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلىپ دىگۈدەك ئۈستى-بېشىمىز توپا ھالەتتە ئۆيگە قايتاتتۇق.ئۆيگە قايتساق ئىككى ئىنىم بىلەن مىنىڭ ھالىمنى كۆرگەن ئاپام سۈپۈرگىنى تۇتىۋىلىپ:‹مىنى ئارام تېپىپ قالدى دىيىشىپ قالدىڭما؟! كىيىمنى يەنە مەينەت قىلىشىپسەنغۇ؟ مىنىڭ قولۇم داستىن،سۇدىن چىقمامدۇ؟..........›دەپ قوغلاپ كىتەتتى. ئاۋۇ ئىككى ئىنىم ئوغول بالا بولغاچقىمۇ ئەپلەپ قېچىپ قۇتۇلاتتى مەن بولسام قورقۇپ يىغلاپ شۈمشۈيۈپ ئولتۇرۋالسام ئالدىمغا كىلىپ:‹ قىز بالا بولغاندىكى سەن بولساڭمۇ مىنى خاپا قىلمىساڭ بولمامدۇ؟ قارا نىرىڭ قىز بالىغا ئوخشايدۇ؟ قاچاندا قارىسا ئىنىللىرىڭ بىلەنلا ئويناپ يۈرىسەن؟ مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئانامغا تاماق ئىتىشىپ بىرەتتىم.تونۇرغا نان يىپىشىپ بىرەتتىم........›دەپ ماڭا سۆزلەيتتى.دادام بولسا مەن تەرەپتە تۇرۇپ:‹ كىچىككىنە بالىغا نىمانچە خاپا بولىسەن؟ بۇنىڭغا چۈمۈچنى تۇتقۇزۇپ قويساڭ قازانغا بويى يىتەمدۇ؟ بىز تال قىز بولغاندىكى ئەتىۋارلاپ باققىنە ھىلىتىن قىينىماي.› دىسە ئاپام يەنە بوش كەلمەي مىنىڭ ياخشى،ھەممە تەرەپتىن يىتىشىپ چىققان قىز بولۇشۇم ئۈچۈن چىڭ تۇتۇشنىلا ئويلايتتى.  
          ۋاقىت-ۋاقىتنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ مەنمۇ تولۇقسىزغا چىقتىم. تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈردۇم. ھىلىقى رابى ئانىمىزنىڭ ھويلىسىنى نەۋرىسى قايتىدىن تۈزەپ يېڭى ئۆيمۇ سېلىندى. ھويلىنى قورشاۋلىۋەتكەچكە باشقىلار خالىغانچە كىرىشكىمۇ پىتىنالمايتتى. كىيىن ھېلىقى ئۈژمە دەرىخىگە كۆز تەككەندەك ۋىششىدە بولۇپ قۇرۇپ كەتكەندەك ۋىجىككىدە بولۇپ كەتتى.گەرچە رابى ئانامنىڭ نەۋرىسى ئۈژمىنى شۇنچە پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ مىۋىسى شۇنداق كىچىك ھەم جانسىز. مەھەللىدىكىلەر ئىچىدە ھويلىسىنى پىشايۋانلاپ پۈتۈنلەي يىپىۋىتىش، كۈننىڭ نۇرىمۇ ئۆتمىگۈدەك قىلۋىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە ھىلىقى ئۈژمە دەرىخمۇ قۇربانلىق بولۇپ پۈتۈنلەي كىسىۋىتىلدى. شۇ ۋاقىتتا مەھەللىدىكى چوڭلار چۇرقۇرشۇپ كەتكەن ئىدى.بولۇپمۇ رەھمەتلىك مۇمامنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ بىئارام بولغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.  
         مەنمۇ ئۇ بالىلىق،ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىمنى ئاياقلاشتۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈردۈم. ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتۈپ يۇرتۇمدىن بەكمۇ يىراق بولغان ئۆزگە شەھەرگە كىلىپ بۇ يەردىكى ئۆزگىچە تۇرمۇش ئىچىدە ياشاپ كەتتىم.ھەر قېتىم تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا ماڭا شۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان جايلارغا ئىختىيارسىز بىرىپمۇ قالىمەن. ھىلىقى ئۈژمە دەرىخنىڭ پۇچىقىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۈژمە دەرىخنىڭ كىلىپ چىقىشى قاتارلىق قىسسىلەرنى يەنە شۇنداقلا بۇرۇنقى ئەجدادلارنىڭ،شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنى،مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  ئۆزىنى دەرەخ ئاچمىقى ئارىسىغا قويۇلغان تاختايغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ شىئىر ۋە سۈرە-ئايەت يادلاتقۇزىدىغانلىقىنى،رەھمەتلىك چوڭ دادىسىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە چاقچاق قىلىپ بىر تاللا نەۋرىسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ دەرەختىن چۈشۈپ كەتسە تۆلەپ بىرىشىنى ئېيتقانلىكىدەك ھىكايەتلارنى سۆزلەپ بىرىدىغان مەن ئەڭ ئامراق سىېردىشىم،ھۆرمەتكە سازاۋەر، ماڭا نۇغۇن بىلىم ۋە كۆپ روھى ئوزۇق ئاتا قىلغان،ئائىلە ۋە تۆشۈك،يىڭنە ئىشىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاساس ھازىرلىشىمغا سەۋەپچى بولغان، ھىساپتا مىنى تۇغقان ئۆز ئاپام بىلەن تەڭ بېقىپ قاتارغا قوشقان مۇماممۇ بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقانىدى. (ئۇلۇغ ئاللاھ مۇمامغا رەھمەت قىلىپ،ياتقان يىرىنى فىردەۋىس جەننەتلەردىن قىلغاي ئامىن) يەنە كەڭرى كەتكەن ئەنجۈرلۈك بېغىمىزمۇ يوق( تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقىنىمدا شىمالى شىنجاڭ بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان چوڭ يولغا شۇ بېغىمىز ئۇدۇل كىلىپ قېلىپ پۈتۈنلەي يولغا كىتىپ قالغان ئىدى.) ھازىرقى بېغىمىزدا ئىككى-ئۈچ تۈپلا ئەنجۈر بار،ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىدىن ئارانلا چىقىدۇ دىسەممۇ بولىدۇ. شۇ بۇرۇنقى ئەنجۈرلۈك بىغىمىزنى دائىملا ئەسلەپ قالىمەن.(شۇ سەۋەپتىنمۇ مۇنبەرلەردە ئىسمىمنى ئەنجۈرە دەپ ئىشلىتىمەن.ھى ھى ھى......)تاغقا چىقىدىغان كىچىك بالىلار ئورنىغا شەھەردە، سەرەڭگە قۇتىسى بولغان كىچىككىنە بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان چوڭلار ئالمىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈنلا يازدا چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ.تېخى تاغنى كۆكەرتتۇق دەپ ئەتراپنى سىم توردا قورشاۋلاپ ئاسانلىقچە تاغقا چىققىلىمۇ بولمايدىكەن. كۆكەرتىشكە مەسئۇل كىشىلەر كۆرسە نەگە بارىدىغانلىقى سۈرۈشتىمۇ قىلىدىكەن. يەنە تېخى ھىلىقى سايدا بىلىق تۇتۇپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ قارىسىمۇ يوق؟! بالىلار يوقمىكى دىسەم مىنىڭمۇ  كىچىك ئىنىم بار بولىمسا. ئىنىم ھازىر دەل بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاپامنى قاقشىتىپ ئويناپ يۈرگەن ياشتا ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ بالىلارنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلگەندەك بولدۇم. بىچارە ئىنىم دىمەتلىك بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئۆشنىسىدىكى نەچچە ‹توننا› كىلىدىغان يۈكنى كۆتۈرۈپ تۈگمەس تاپشۇرۇق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ. مىنىڭ ئىنىمغۇ نىمىلا بولمىسۇن ئازدۇر-كۆپتۇر دادامنىڭ كەينىدىن تاغقا-باغقا چىقىپ تۇرالايدۇ ھەم تېخى ھويلىمىزدا ئۆزى كىچىك چۈجە ۋاقىتدا بازاردىن سىتىۋىلىپ بىقىۋاتقان توخۇ-ئۆردەكلىرى بىلەن بولسىمۇ ھەپىلىشىپ بىز چوڭ ئىككىمىز بولغان ئاكىسى-ئاچىسى تەتىل قىلىپ كەلسە شۇ توخۇ-ئۆردەكلىرىنى سويۇپ مىھمان قىلغانمۇ بولىدۇ. ئەمما شەھەردىكى بالىلارچۇ؟!
         ھەي سۆزلىسە ئادەمنىڭ ئىچى ئىيچىشىپمۇ قالىدۇ. دەۋر ئالماشتى دەپ كىچىك بالىلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئالمىشىپ ‹بىچارە› بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. بولدىلا ھىلىمۇ كۆپ سۆزلەپ كەتتىم. بالىلىقنى قانچە سۆزلىسەكمۇ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەڭ ياخشىسى قەلەمنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ شۇ كەلگۈسى ئاللاھ نىسىپ قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان پەرزەتلىرىمىزنىڭ بالىلىقىنى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ئويلىناي، ئىزدىنەي،تىرىشاي........ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ شۇنداقلا كەلگۈسى شۇ ئىز-باسارلىرىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنىنى گۈزەللىككە ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىن!!!
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 170
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-01-04
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 13:04

    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    مۇنبەرداشلار ئاۋۇ <ئەزىمەت، ئەزىمەت......>دەپ توۋلايدىغان ئەزىمەتخاننىڭ كىنوسىنى ھازىر تاپقىلى بولامدىغاندۇ؟ شۇ كىنو بەك مودا بولۇپ ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ كۆرىۋاتقان ۋاقىتلاردا مەن تۇغۇلۇپتىكەنمەن. رەھمەتلىك مۇمام كىنودىكى بىر ئايال پىرسۇناژنىڭ ئىسمىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ماڭا ئىسىم قىلىپ قويۇپتىكەن. ئۇ كىنونى كۆرۈپ باقمىغاچقا بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىم بار ئىدى. ئەگەر تاپقىلى بولسا قېرىنداشلار ماڭا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 170
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-01-04
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 13:37

    5-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    ۋاي ئۇكام شۇ بالىلىقنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ كومپىيوتىرنىڭ سىياسى تۈگەپ كەتمىگەندىكى دەپ يىزىۋىرىپتىمەن ئەمەسما؟ دىمىسىمۇ بالىلىقتا ئەسلىگۈدەك ئىشلاپ كۆپ ئىكەن جۇما. بىر قانچە رومانمۇ پۈتۈپ چىقىدىغاندەكمۇ تۇرامدۇ ئىشقىلىپ...........
    ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 170
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1971 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2012-01-04
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-15 23:12

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-15 15:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


    ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ،،،
    ،،،،،،قىز بالا تۇرۇپ ئۈجمىنىڭ چوققسىدا نېمە بار سىزگە ....
    فىلىمنىغۇ كۆرەلمدىم ،لېكىن بۇ ئىنكاستىكى كەچۈرمىشلەر ماڭا بەك ياقتى،،قەلىمىڭز
    .......

    ئۇنچە زاڭلىق قىلماڭ بولدى. مەن شۇ بالىلارنىڭ چوڭى ھەم ئۈچ ئوغول ئىچىدە بىرلا قىز بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن شۇنداق ئوغۇل بالىلاردەك تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ باقىدىكەنمەن. ھىلىھەممۇ بىر قىسىم ئىشلاردىكى تەۋەككۈلچىلىكىم ئوغوللاردىن قېلىشماسمكى؟!شۇڭا دادام <ئۈچ ئوغلۇمنىڭ ئورنىدىكى بىر تال قىزىم> دەپ ئەركىلىتىپمۇ كىتىدۇ چوپچوڭ بولۇپ قېرىپ قالغنىمىدىمۇ؟!   ئىشقىلىپ جانلىق،تىتىك بولغاننى بەك ياقتۇرىمەن. مەن قىز بالا دەپ كەچكىچە مىياڭشىپ يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالماي، تامىقىنىمۇ جايلاپ يىيەلمەيدىغان مىشچان قىزلارنى كۆرسەم ئىچىم پۇشۇپ قالىدىغۇ-تاڭ؟؟!!

    مىنىڭ كەسپىم ئەدەبىيات ئەمەس دەل ئەكسىچە ماتىماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسىپ ئەمما باشلانغۇچنى ۋە تولۇقسىزنى ئەدەبىيات دەرىسى بىرىدىغان مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەچكىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەدەبىياتقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم ھەم قاملاشمىسىمۇ تاققا-تۇققا جۆيلۈپ يۈرەتتىم. مۇشۇ تولۇق ئوتتۇرىنى قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇغاندىن كىيىن دەرس بىسىملىرى تۈپەيلى ئەدەبىياتقا قاراشقا ۋاقىتنى ئاز سەرپ قىلىپتىكەنمەن شۇندىن كىيىن قەلەم قولۇمدا تازا ياخشى تۇرالماس بولۇپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن.

    خەپ <ئانا تىلىمىزدا ئوقۇغان مەكتەپ ھاياتىمىز بار....>دىيىۋالدىڭىز-ھە؟ گەرچە مەن ئانا تىلىمدا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشتىن كەچۈرەلمىگەن بىلەن ئەمما بۇ مۇھىتتىمۇ شۇ تىلداش، نىيەتداش، سەپداش قېرىنداشلىرىم بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ئىسىل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇم ھەم قالدۇرۋاتىمەن.مىنى مۇشۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئىگە قىلغان ئاللاھقا شۈكرى ئىيتىمەن.
    [ بۇ يازمىنىanjura 2011-12-15 23:18قايتا تەھرىرلىدى ]