ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-15 15:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ،،،
،،،،،،قىز بالا تۇرۇپ ئۈجمىنىڭ چوققسىدا نېمە بار سىزگە ....
فىلىمنىغۇ كۆرەلمدىم ،لېكىن بۇ ئىنكاستىكى كەچۈرمىشلەر ماڭا بەك ياقتى،،قەلىمىڭز
.......
ئۇنچە زاڭلىق قىلماڭ بولدى. مەن شۇ بالىلارنىڭ چوڭى ھەم ئۈچ ئوغول ئىچىدە بىرلا قىز بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن شۇنداق ئوغۇل بالىلاردەك تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ باقىدىكەنمەن. ھىلىھەممۇ بىر قىسىم ئىشلاردىكى تەۋەككۈلچىلىكىم ئوغوللاردىن قېلىشماسمكى؟!شۇڭا دادام <ئۈچ ئوغلۇمنىڭ ئورنىدىكى بىر تال قىزىم> دەپ ئەركىلىتىپمۇ كىتىدۇ چوپچوڭ بولۇپ قېرىپ قالغنىمىدىمۇ؟!

ئىشقىلىپ جانلىق،تىتىك بولغاننى بەك ياقتۇرىمەن. مەن قىز بالا دەپ كەچكىچە مىياڭشىپ يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالماي، تامىقىنىمۇ جايلاپ يىيەلمەيدىغان مىشچان قىزلارنى كۆرسەم ئىچىم پۇشۇپ قالىدىغۇ-تاڭ؟؟!!
مىنىڭ كەسپىم ئەدەبىيات ئەمەس دەل ئەكسىچە ماتىماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسىپ ئەمما باشلانغۇچنى ۋە تولۇقسىزنى ئەدەبىيات دەرىسى بىرىدىغان مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەچكىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەدەبىياتقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم ھەم قاملاشمىسىمۇ تاققا-تۇققا جۆيلۈپ يۈرەتتىم. مۇشۇ تولۇق ئوتتۇرىنى قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇغاندىن كىيىن دەرس بىسىملىرى تۈپەيلى ئەدەبىياتقا قاراشقا ۋاقىتنى ئاز سەرپ قىلىپتىكەنمەن شۇندىن كىيىن قەلەم قولۇمدا تازا ياخشى تۇرالماس بولۇپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن.
خەپ <ئانا تىلىمىزدا ئوقۇغان مەكتەپ ھاياتىمىز بار....>دىيىۋالدىڭىز-ھە؟ گەرچە مەن ئانا تىلىمدا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى باشتىن كەچۈرەلمىگەن بىلەن ئەمما بۇ مۇھىتتىمۇ شۇ تىلداش، نىيەتداش، سەپداش قېرىنداشلىرىم بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ئىسىل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇم ھەم قالدۇرۋاتىمەن.مىنى مۇشۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئىگە قىلغان ئاللاھقا شۈكرى ئىيتىمەن.
[ بۇ يازمىنىanjura 2011-12-15 23:18قايتا تەھرىرلىدى ]