باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1572 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 10-بەرىكەت سەھرادىن قاچمىغىن!
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1673
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1673دانە
ئۆسۈش: 8000 %
مۇنبەر پۇلى: 22902 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-04-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-02 23:16

10-بەرىكەت سەھرادىن قاچمىغىن!

بۇ يەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى تىپىك بىر يىزىسى بولۇپ قەشقەردىن ساپساق بىرسائەتلىك يول ھېسابلىنىدۇ. ھەركۈنىسى ئەتىگەندە بىر-بىرىدىن ئالدىراش سىگنال بىرىشىپ بەسلىشىپ سەھراغا يول ئالغان چوڭ كىچىك ماشىنلاردا مۇشۇ يىزىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتكە ھاپىلا-شاپىلا يىتىپ كىلىشىدۇ دە بىركۈنلۈك خىزمىتنى باشلىۋىتىدۇ.
تەرەققىياتنىڭ شاماللىرى ئاتا قىلغان پۇرسەتمىكىن ياكى دەۋىرنىڭ شۇنداق بىر قىزغىنلىقى تۇتۇپ كەتتىمىكىن ، ۋە ياكى شەھەرلىشش چوڭ دولقۇنىنىڭ تەسىرىمىكى بۇ توپقا ئەسلىدىن ئۆيى سەھرادىكىلەرمۇ قېتىلىپ شەھەردىن ئالغان ئۆيىدىن سەھراغا كىلىپ ئاخىشىمى بەس-بەستە شەھەرگە يول ئېلىپ «كەچقۇرۇن شەھەرلىك ، كۈندۇزى سەھرالىق » بولۇپ ئىشلەشكە ئادەتلىنىپ كىتىشتى.
بىراق مەلۇم بىر ئۆزگىرىشكە ھامان مۇئەييەن ئىجىتمائىي ئۆزگىرش ۋە پەرىق سىڭىدىغان بولغاچقا بۇ خىل « كەچقۇرۇن شەھەرلىك ، كۈندۇزى سەھرالىق » بولۇپ ياشاش شەكلى تۇرمۇشتىمۇ ، خىزمەتتىمۇ زور « ئىنىقلاب » لارنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
ئەتىگىنى ئوقۇتقۇچىلار كەم قالغان ئۇيقۇسىى ماشنىدا ئۇخلاپ مۇگدەپ مەكتەپكە كەلگىنىدە ئوقۇغۇچىلار ئاللىقاچان ئۇلاردىن بۇرۇن كىلىپ مەكتەپ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىراش ھالدا ئىشخانىغا يوقلىمىغا پايپاسلاپ يۈگىرىشىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ قاراپ قىلىشىدۇ.
كەچقۇرۇنلىرى بالىلار ئارزۇ قىلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ تاتلىققنا ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ياكى بالىلارنى جەلىپ قلىدىغان پائالىيەتلىرى يوق. سائەت 5:30مىنۇت شەھەرگە ئاتاكىغا ئۆتۇشنىڭ بۇيرۇقى ، ئۇلار تۈركۇم-تۈركۈملەپ ماشنىلارغا چىقىشىپ تەلمۇرۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوڭ قۇلىدىن قاس چىقىرىپ شەرەتلەپ قايتىشقا بۇيرۇق بەرگىنىچە ئوقۇغۇچىلاردىن بۇرۇن مەكتەپتىن چىقىپ كىتىشىدۇ. ئاقىۋەتتىچۇ؟ ئۆزى سەھرادا ، خىيالى شەھەردىكى بالا-ۋاقا ، ئۆي-چاقىدا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەھردىكى تۇرمۇش ئادىتىگە لايىقلىشىپ سەھرادىكى شۇ ئوقۇغۇچىلىرىدىن « ئاش-نان بىرىۋاتقان قازان » يېنىدىن يىراقلاپ كەتكەن.
ئۆزى مائارىپچى تۇرۇپ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتەپكە،شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئىشەنمەي بالىلىرىنى قانداقتۇر ئۆزىمۇ ئەيمىنىپ كىرەلمەيدىغان بىرمەكتەپلەرگە بىرىپ ياخشى ئوقۇتۇش كويىدا بولىدىغان ، سەھرا مائارىپىمۇ جۇڭگۇنىڭ مائارىپىغۇ؟ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىنى شۇ مۇھىتتا تەربىيلەپ لاياقەتلىك قىلىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولمامسىز! دىسە: –ئوھوش،ھازىر كىم-كىمگە ئۈلگە بولىدىكەن ، مائاشنى ساق ئېلىپ ئەتىگەن-ئاخشىمى ساق بىرىپ كىلىپ 30يىلنى توشقازساق ئەڭ چوڭ غەلبە شۇدىگەن.
سەھرادىكى شۇ بالىلارچۇ؟
سەھرادا تۇغۇلۇش ئەسلى گۈناھمۇ ئەمەس ، شەھەرمۇ شۇ سەھراغا تۇغۇلغانغۇ؟ سەھرانىڭ مەلۇم يىرىگە كىشىلەر تولا توپلىشىۋىلىپ بازار قىلىۋلىپ ئەمدىلىكتە شۇ يەرئارقىلىق سەھرادىن يىراقىلىششنى ئويلىساد قانداق بولىدۇ.
بالىلارنىڭ رۇھى ئوزۇقى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كەتتى،ئوقۇتقۇچى مىھىرى ئۇلار بىركۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئالتۇن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىك ئىسىل«نىممەت»ئىدى ئەپسۇس! ئوقۇتقۇچى سەھرا ۋە شەھەر ئارىسدىكى قاتناش ئاۋاتلىقىغا تۆھپە قۇشۇپ شەھەرلىششكە غالجىرلارچە ئۇرۇنۇش جەريانىدا بۇ «نىممەت»نى بالىلاردىن ئايىدى. ئۇ يول بويىدىكى ئېتىزلىقلارغا مەخسەتسىز سىڭىپ يوقۇلۇپ كەتتى.
بالىلار تەشكىللىنىشتە خىرىسقا دۇچ كەلدى. پائالىيەت ئېلىپ بىرىشتا يول باشچىغا مۇھتاج بولدى.جىدەل تىرىغانلار ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىپ ئاجىزلىرىنى بوزەك قىلىپ ھەتتا سەرگەردان بولۇپ يۇرۇتتىن چىقىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. ھەتتا توپلىشىپ سەرگەردان بولۇپ «كۈلىغا»ماڭغانلارمۇ بار بولدى. قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق قايتۇرۇپ كىلىنگەن بىرىسى باشقىلارغا دەرىت تۆكۇپ:«مەكتەپكە بارساملا ئىچىم پۇشىدۇ، يا مۇئەللىمنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىسا،باشلانغۇچتا بەك ياخشىتى،كۈندە مۇئەللىم بىز بىلەن بىللە ئىدى...»دىيىشلىرىدىن مۇئەللىمنىڭ خاراكتىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قىلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ ئاچچىق خۇرسۇندۇم.
قېنى مەكتەپتىكى بۇرۇنقى قايناق ھايات؟
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى قارشى ئېلىش بۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىنچە ئوقۇغۇچى بىرخىل ئارسالدىلىق،ئىچى ئاچچىق كەيپىياتتا بۇ «مۆھتىرەم»لەرنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. ئۇلار يولۇققان مەسلىگە كەچلىك مۇزاكىردا يىتەكچلىك قىلىپ بىلدۇردىغان ئادەم يوق،ئۇلار ئەشۇ بىلىمىنى شەھەر-سەھرا ئارىسىدا توشۇپ يۇرىدۇ.
كەچتە مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى بوتكا يېنىغا چىقىپ مەھەللىدىكىلەر چىرايلىق ياسىۋالغان ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ چىتىگە ئولتۇرۇپ غەشلىك بىلەن ئويغا چۆكتۈم.
ھەيران قالاريىرى ئۇيەردىكى 7-8دوقمۇشتا ئۆيى بار خوشنلىرىممۇ نەق مەن دۇچ كەلگەن بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشىۋاتاتتى.
- ئەسلىدىن تۇرمۇش شارائىت شۇنداق بولسغۇ بىر نۆرى، نىمە قىلىدۇ بەزىسى دورامچۇقلىق قىلىپ دەيمەن!
-قېرى ئاتا-ئانىسىنى دىھقان تۇغقانلىرىغا تاشلاپ بىرىپ شەھەرگە بېرىۋىلىش يارىشامدۇ دەيمەن!
-ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى ئوقۇتالماي باشقا مەكتەپكە بىرەرمىش دەپ ئاڭلىدۇق.
-ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئوقۇتالمىغان ئادەمگە بالا ئوقۇت دەپ مائاش بىرىپ ھۆكۇمەتمۇ ساراڭ بوپقالمىغاندۇ؟
-بىزنىڭ باللا ھازىر جىق چىكىنىپ كەتتى دەيمەن،ئۈگۈنۈش دەيدىغان كاللا يوق ھازىر ئۇلاردا.
-يا ھۆكۇمەت بۇ ئىشنى ئوڭشىمىدى.
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسەن! ئۇلارمۇ سەككىز سائەت ئىشلەپ بولغاندىكىن نەدە تۇرشى،نەگە بىرىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدە،قانۇن دەيدىغان نەرسە بار مانداق!
-ئىنساب،ئەخلاق دەيدىغىنىمۇ باردۇ؟
-توۋا ھەي،ئۆزەڭ شەھەرگە كىرىپ كىتەلمەي ئۇلارغا ئىنساب،ئەخلاقتىن گەپ قىلساڭ قانداق بولىدۇ.
ھېچكىم قايىل بولىدىغان چىراي قىلمايتى.
بەس مۇنازىرە شۇ تەرقىدە داۋاملىشىپ كىچە خۇپتەندىنمۇ ئېشىپ قالدى. شۇئارىدا بايامدىن بىرى ھېچقايسىمىزنىڭ گىپىگە بىرئېغىز تىنماي كۈزنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەن نامان بوۋاي ئېغىز ئاچتى.
-سىلەر ياشلار چۇقىرىشىپ باقىسىلەر،لىكىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسىلەر،قۇشقاچ جېنىدا داننى دەپ جان بىردىغۇ؟ «سۇئاياغقا،ئادەم باشقا»دىگەننى ئاڭلىماي چوڭ بولغانمۇ؟ مەن ھەقلىمگە كەلسەم چوڭلاردىن شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان: خۇدايىم بەركەتنى 10قىلىپ يارتىپ زىمنغا چاچىدىغان چاغدا توققۇزنى شەھەرگە چېچىپ بىرنى سەھراغا چاچقان ئىكەنمىش،«سەھرايى قىيامەت»دىگەن شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانكەن. لىكىن 10-بەركەتمۇ ئاخشىمى سەھرادا قونغۇسى كەلمەي شەھەرگە كىرىپ كىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،ئەسلى 10-بەركەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماشنىسى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كىتىدىكەندە! دىدى.
ھەممىز جىمىپلا قىلىشتۇق. يېنىمىزدىكى ئۆستەڭنىڭ سۈيى لىقمۇ-لىق ھالدا لەپەڭشىپ ئاياغقا ئېقىپ كىتىپ باراتتى.


تەڭرىتاغ تور مۇنبىرىدىن ئېلىندى

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئىبرەتلىك يا ..
  • ئويلانماقتىمەن...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 819
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
    ئۆسۈش: 1923 %
    مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-29
    ئاخىرقى: 2012-03-25

    10- بەرىكەت دېگەن  قانداق بەرىكەت باشلىق؟

    ھە،  ئەمدى چۈشەندىم،  سەھرادىكى بەرىكەت 10- بەرىكەتكەندە!
    [ بۇ يازمىنىoylinish 2011-11-03 00:17قايتا تەھرىرلىد ]
    تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
    دوستلىشىش
    samanyoli
    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1673
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1673دانە
    ئۆسۈش: 8000 %
    مۇنبەر پۇلى: 22902 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-05
    ئاخىرقى: 2012-04-17
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-03 23:07

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-11-03 00:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    10- بەرىكەت دېگەن  قانداق بەرىكەت باشلىق؟

    ھە،  ئەمدى چۈشەندىم،  سەھرادىكى بەرىكەت 10- بەرىكەتكەندە!

    ھىممممممممممم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،سەھرالىق دىگەننىزە،،،،،،،،،،،،،
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 611
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
    ئۆسۈش: 760 %
    مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-03-25
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-04 00:00

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى تېمىكەن ،
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6380
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-04
    ئاخىرقى: 2012-03-08
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-15 22:49

    بەرىكەت بۆلۈپ بېرىلگەندە توققۇزى شەھەرگە بىرى سەھراغا بېرىلىپتىكەن،بىراق ئەشۇ سەھرادا قالغان بەرىكەتنىڭ يېرىمىمۇ تۈن كېچىدە شەھەرگە قېچىپ كېتىۋالىدىكەن.......................
    دوستلىشىش
    نەزەرسالسام
    NaZar SaLSaM DuN Ya Ga HaMMa NarSa YaLGaN Dak TuYLuDu
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 184
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 1635 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-20
    ئاخىرقى: 2012-02-17
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 19:21

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
    نەزەر
    دوستلىشىش
    007ئەركەك
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8814
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    ئۆسۈش: -10 %
    مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-31
    ئاخىرقى: 2012-04-17
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-30 22:38

    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 226
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە226دانە
    ئۆسۈش: 550 %
    مۇنبەر پۇلى: 2611 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-05-07
    ئاخىرقى: 2012-03-27
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 09:57

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!!!!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9903
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-04
    ئاخىرقى: 2011-12-04
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 21:09

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن