مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 50ئىنكاس
  • 15900كۆرىلىشى

يېڭى بايقاش << قۇشلارنىڭ ئەجدادى ھەققىدە >> [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1574
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1574دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15756 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-14 18:07:12
— بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2012-08-01) —



جۇڭگو پەنلەر ئاكادىميىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جوغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن دوكتۇر مەردان تۇرغان بىلەن سۆھبەت


ئاللاھ ھېكمىتى  بىلەن گىگانىت ئادەملەرنىڭ ئورنىغا كېيىنكىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇچار دىنىزاۋۇرلارنى قۇشلارغا ئايلاندۇرۇپ كىچىكلىتىۋەتكەن. تارىختىن گۇناھقا پاتقانلارنى شۇنداق جازالىغان! ئىلىم - پەن ئارقىلىق ئاللاھ بىزگە بۇنى بىلدۇرۇپ بولدى. توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ !تاشقى دۇنيادىن كەلگەن نۇرلا ،ئۆزگۈرۈشنىڭ سەۋەپچىسى قانداقتۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىش يوق!
ھەرقانداق جانلىق ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆزگۈرۈش قىلىدۇ. ئۆزى تەدرىجى تەرەققىي قىلمايدۇ. قېنى ئايەتلەرگە قارايلى!.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا اﷲ يېتەرلىكتۇر [132]. ئى ئىنسانلار! ئەگەر اﷲ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، اﷲ بۇنىڭغا قادىردۇر [133]. [4-سۈرە نىسا]
اﷲ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە اﷲ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر - بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، اﷲ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر اﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [128]. شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز [129]. «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ [130]. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق [131]. (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس [132]. پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ [133]. سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر [134]. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» [135]. [6 - سۈرە ئەنئام ]
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [57]. [11 - سۈرە ھۇد ]
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى اﷲ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ [19]. بۇ اﷲ قا قىيىن ئەمەس [20].[14 - سۈرە ئىبراھىم ]
پىتنە شەيتانغا ئەگەشكەن كۇفرانە نىمەت قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن نىمەت. يالغانچىلار راست سۆزلىيەلمەيدۇ. بىر پاقا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىغا بىر كەسلەنچۈك تۇخىمىغا زەرىچىلەر ئۇرۇلسا يەنى رادىئاكسىيە قۇياش بورىنى، ماگىنىت مەيدانى كۇچەيسە دەپمۇ ئاتىدى. نىمىلا بولمىسۇن سىرتقى ئالەمدىن كەلگەن بىر ئالەم زەرىچىلەر  توپى گېنغا تەسىر قىلىپ، گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ ئەۋەتكەن ھېكمەت بىلەن ئۇچار دىنىزاۋۇر قۇشقاچلارغا ئايلىنىپ قالغان. قىسقا ۋاقت ئىچىدىكى ئىش قانداقتۇ....تەدرىجى تەرەقىي قىلىۋالغانلىق ئەمەس. دۇنيادا ھىچكىم بۇ تەدرىجى تەرەقىياتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

ئاللا تائاللا قۇرئاندا <<ئىنسان بىر ياراتقۇچىسىز يارالغانمۇ ؟ ياكى ئۇلار ئۆزى ياراتقۇچىمۇ >> ەيدۇ .

تېخىمۇ كۈلكىلىك بىر نەرسە ؛ دىنسىزلار ئاللا تائاللانىڭ بەزى مەخلۇقلارنى يارتىشىدىكى قائىدىسىنى تونۇپ قېلىشى ۋە شۇ قائىدىگە ئاساسلىنىپ بەزى مەۋجۇد بار نەرسىلەرنى ئىجاد قىلالىشى بىلەن خۇش بولوپ ئۇچۇپ كېتىشتى . ھەم شۇنى ئاللا تائاللانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا دەلىل قىلىشتى . ئۇلار بۇلۇتلارنىڭ قانداق پەيدا بولۇشىنى ، يامغۇرنىڭ قانداق پەيدا بولوشىنى ، چۈجىنىڭ قانداق رەۋىشتە تۇخۇمدىن چىقىشىنى تونۇدۇق . ئەمدى ئاللاھنىڭ برلىقىغا ئىشىنىشكە ھاجەت يوق ، دېيىشتى . بۇنداق دېيىش ئاجايىپ ئەقىلسىزلىق ، ناھايىتى ئەخمەقلىق . بۇ بولسا ئاللا تائاللانىڭ شەيئىلەرنى يارتىشتىكى ، ئىجاد قىلىشتىكى قانۇنىيىتىدۇر ، ئۇنى تونۇش قانداقسىگە ئاللاھنىڭ بار ئەمەسلىكىگە دەلىل بولىدۇ ؟ بەلىك ئەكىسچە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە چەكسىز بىلىم ئېگىسى ئىكەنلىكىگە ھەر قانداق ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر . ئەگەر بۇلاردا بىر ئاز ئەقىل بولسا ئىدى ئۇنداق تونۇمايىتتى . بۇلارنىڭ مۇشۇ ئەمەلى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ۋە تېنىشىدىكى ئەھۋالى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا مېۋە قويۇلسا ئۇنىڭدىن تويغۇچە يىسە ، ئاندىن كيىىن ئۇ ئادەم بۇ مېۋىنى كىم ئەتتى ؟ دەپ سورىسا ئۇ ئادەمگە ئاللا ياراتتى دەپ جاۋاب بىرىلسە ، ئۇ ئادەم ئاللا تائاللانىڭ ياراتقان مېۋىسىدىن ئىبارەت تەسىرىگە قاراپ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسە ، ئاندىن ئۇ ئادەم بىر ۋاقىتتا مېۋىلىك باغقا كىرىپ ، مېۋە كۆچىتىنى قانداق تىكىشنى ، قانداق ئۆستۈرلىشىنى ، قانداق نەسىللەشتۈرۈشنى كۆرۈپ بىلىۋىلىپلا مېۋىنى ئاللا ياراتمايدىكەن دەپ ئىنكار قىلغاندەك ۋە ئاللاھنىڭ مېۋىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە مېۋە ئۇرۇقى ئۈنگىدەك تۇپراقنى ، سۇنى .ھاۋانى پەيدا قىلغىنىنى ، ۋە باغۋەننى ياراتقىنىنى ، ئۇنىڭغا قابىليەت بەرگىنىنى ، باغۋەنچىلىك ئىلمىنى بىلدۈرگىنىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن باغۋەن ئۇنى تىكىپ ، سۇغۇرۇپ ، ئۆستۈرۈپ ، نەسىللەندۈرۈپ ، مېۋە پىششقلاشنى ئۈگەنگەننى ئۇنۇتقاندەك ئىشتۇر . بۇ مىسال دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ يارتىلىشىدىكى بەزى ئۇسسۇللارنى تونۇشى بىلەنلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ مىسالىدۇر .

ئۇلار سوئال قويۇپ سىلەر دۇنيادىكى شەيئىلەرنى يارتىشتىكى قانۇنلارنى تونۇيالاپسىلەر ، شۇ قانۇننى كىم تۈزگەن ؟ شۇ ئۇسسۇلنى كىم ئىشقا ئاشۇرغان ؟ شەيئىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىشقا ۋاستە بولغان ماددىلارنى كىم پەيدا قىلغان ؟ دىيىلسە ، ئۇلار تەبىيئەتنىڭ ئىشى دەيدۇ ، ئەگەر تەبىيئەت سۆزلىيەلىگەن بولسا ، سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دىگەن بولسىدى ،ئۇلار ئۇ چاغدا تەبىيئەتنى ئىنكار قىلغان بولاتتى ، ئاللانى ئىتىراپ قىلىمغاندەك تەبىيئەتنىمۇ ئىتىراپ قىلمايىتتى . ئاللا تائاللا ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئاندا ئۇلارغا خىتاب قىلىپ << ئى ئىنسانلار ! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان ئىگەڭلارغا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىڭلار ! ئىگەڭلارنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىدىن ساقىلىنىشىڭىلاردىن ئۈمۈد قىلالايسىلەر >> دەيدۇ سۈرە بەقەرە 21- ئايەت . .

دىنسىزلار ئاللا تائاللاغا ئىتائەت قىلىشتىن ، ئاللا كۆرسەتكەن يول ئىچىدە مېڭىشتىن قاچقانىلىقى ئۈچۈنلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ . ئاللا تائاللا ئالەمنى ياراتقۇچى ، ئالەمنى ئىدارە قىلغۇچى دەپ ئىشىنىش بولسا ، ئۆلۈك  قارغۇ ھەم پاڭ ، تەبىيئەتنى ئالەمنى ياراتقۇچى دەپ ئىشىنىشتىن قىيىن ئەمەس ، ئەقىلدىن يىراق ئەمەس . ماددى ئالەمنىڭ ئىلمىنى بىلگەن بىر ئالىم شۇنداق دىگەن <<ئەگەر دۇنيا  ئۆزىنى ئۆزى يارتىش مومكىن بولسا ئىدى ، ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ خۇسۇسى سۈپەتلىرىدىن پايدىلىنىپ (ئۆزىگە شۇ سۈپەتنى ئىگىلەپ ، ئاندىن ئۆزىنى ئۆزى يارتىشى لازىم بولاتتى . شۇنداق بولغاندا ئالەم ئۆزى خۇدا دېيىشكە مەجبۇر بولاتتۇق . ئالەمنىڭ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا تەسلىم بولماي بولمايدۇ . ئالام ئۆزىگە ئۆزى خۇدا بولار بولسا ئۇ بىر تەرەپتىن غايىپ بىر نەرسە بىر تەرەپتىن ماددىي نەرسە بولغان ئاجايىپ بىر خۇدا بولوشى توغرا كىلىدۇ . شۇڭا ماددىي ئالەمنى ياراتقان ۋە ئكزى ماددىي ئالەمدىن بولىمغان بەلكى ئالەمە ھاكىم بولغان ، پىلانلىق ياراتقان ، باشقۇرغان بىر خۇداغا ئىشىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ، دارۋىنچىلار دىگەندەك ئالدامچىلىك گەپكە ئىىشىنىشنى خالىمايمەن >> دەيدۇ . يەنى دىنسىزلارنىڭ ، تەبىيئەت ، زۆرۆرىيەت ۋە تاسسادىبى پەيدا بولوش بۇ ئۈچ نەرسە ئالەمنى ياراتتى ، شەيئىلەرگە ھايات بەردى ،قانۇن ئىنتىزامنى تۈزۈپ چىقتى ، دىگەن ئالدامچىلىق سۆزىگە ئىشەنمەيمەن >> . چۈنكى بۇ تونۇش كۆپ تەرەپلىمىلىك ، بىلىمسىزلىك ۋە ئەقىلنىڭ ناھايىتى بۇزۇلغانلىقىدۇر >> دېدى .

.....................................

دىنسىزلارنىڭ <<شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغان نەرسىنىڭ بىرسى زۆرۆرىيەت (ئېھتىياج) . بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ؛ ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن بولغان . مەسلەن ، زىراپە دىگەن ھايۋاننىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن بولوشى ئۇنىڭ ئېگىزدەرەخلەردىكى غازاڭلاردىن ئوزۇقلىنىشى زۆرۈر بولغانمىش . بېلىقنىڭ سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈشكە بولغان ھاجىتى ئۇنىڭغا سۇ ئۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان ، قانات-قىلتىرىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغانمىش ۋەھاكازا .
بۇلار مۇنداق باتىل قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ جۆيىلىشىنىڭ سەۋەبى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللا تائاللاغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە دۇچ كېلىشتىن قېچىشتۇر . ئۇنداق بولماي راست ئەمەلىيەتنى سۆزلىگەن بولسا ئىدى . زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئەمەس ، ئاللا تائاللانىڭ مەخلۇقلىرىغا قىغان ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت سەۋەبىدىن دېيىشى كېرەك ئىدى .
مەسلەن ؛
بالا تۇققان ئانىنىڭ بالىسى تۇغۇلۇش بلىەن تەڭ ئەمچىكىدىن سۈت بېرىۋاتقىنىغا قارىمامدۇ ؟
بالىنىڭ سۈتكە بولغان ئېھتىياجى سۈتنى پەيدا قىلدىمۇ ؟
ياكى ئانىسى ئۆزى پەيدا قىلدىمۇ ؟
ياكى بالىغان بولغان ئاللاھنىڭ شەپقەت ۋە مەرھەمىتى قىزىل قاننى ئاق سۈتكە ئايلاندۇرۇپ بەردىمۇ ؟
كېيىن پەيدا بولىدىغان زۆرۈرىيەت ئۆزىدىن بۇرۇن ئەمچەكنى ۋە سۈتنى ياراتقانمۇ ؟
تېخى ، تۇغۇلمىغان بالىنىڭ قورساقتا تۇرۇپ كىندىككە تۇتاشقان نوكەش نەيچە ئارقىلىق ئوزۇقلانغىنىنى ئويلاپ كۆرمەمدۇ ؟
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ئۇنىڭ غىزاسىنى ئەمچەكتە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ۋە بۇۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى شورىشى ئۈچۈن ئاللا تائاللانىڭ يول كۆرسەتكىنىگە ، تاماق ،مېۋە ،كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىش ھالىتىگە يەتكەنگە قەدەر مۇئەييەن مىقدار بىلەن ئەمچەككە سۈت كەلتۈرۈپ بەرگىنىگە قارىمامدۇ ؟
ئەركەك ھايۋانلارنىڭ ئاللا ئورناتقان جىنسى ئالاقە قىلىش تەبىيئىتىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن چىشى ھايۋانلارنى مەلۇم بىر مەزگىل قوغلاپ بوغاز قىلىشى ، شۇنىڭ بىلەن ئىنساننى گۆش ،سۈت ، قايماق ، سېرىق ماي بىلەن تەمىنلىشى ، ئىنسان ھاياتى داۋامىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاساسى غىزاسىنى تولۇقلاپ بېرىشىدىكى ئاللا تائاللانىڭ ئىلتىپاتىنى ئويلاپ كۆرمەمدۇ ؟
دۇنياغا ئەڭ كېيىن يارتىلغان ئىنساننىڭ ئۇزۇندىن بۇرۇن ئەركەك ھايۋانلارغا تەبىيئەت ، چىشى ھايۋانلارغا ئەمچەك ،سۈت ياراتقاچ تۇرغانمۇ ؟ياكى ھايۋانلار ئۆز تەبىيئىتىنى ،ئۆزخىسلىتىنى ئۆزى ياراتقانمۇ ؟
...ئىلىم، پىلان ،تەدبىر ۋە مەرھەمەت ئېگىسى ئاللا تائاللا ئىنسان ئۈچۈن ئالدىن پىلانلاپ ياراتقان دېسەك ئەمەلىي ھەقىقەت بولىدۇ . ئەلۋەتتە .
ئەنجۈر مېۋىسىنى چاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئەنجۈر مېۋىسىدىن يەنە بىرىگە ئۈچۈپ كىرىپ ئىنسان ئۈچۈن تاتلىق ئەنجۈر مېۋىسى يېتىشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىل چىۋىنغا قارىمامدۇق .بۇ كىمنىڭ ئىلتىپاتى ؟
ھاۋادىكى شامالغا قارىمامدۇ ؟
بۇلۇتنى شامال قانداق ھەيدەپ يۈرىيدۇ ؟
بۇلۇت دىگەن يەر يۈزىدىكى ھۆل نەرسىلەردىن ، دېڭىزلاردىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن قويۇق بۇس بولوپ بۇنى ئاللا تائاللا ھاۋا بوشلۇقىغا تارقاتقان ، ھاۋادا مەلۇم مىقداردا قويۇقلىشىپ ،بىر مىقدار سۈزۈك ،تاتلىق سۇنى كۆتۈرۈپ ، ئاللا بۇيرىغان يەرگە ياغدۇرىدۇ . بۇ سۇ بىلەن قۇرۇق زىمىن كۆكۈرۈپ ئادەم ۋە ھايۋان يېمەكلىكلىرى ئۈنىدۇ . ئادەملەر ئۈچۈن دانلىق ، مايلىق زىرائەتلەر ، كىيىم-كېچەك خام ئەشيالىرى ، مېۋە -كۆكتاتلار چىقىدۇ .
ئېيتىڭلارچۇ ! ئەمچەككە سۈتنى قايسى زۆرۈرىيەت پەيدا قىلدى ؟
ھايۋانلارنىڭ نەسىللىنىشىدە قايسى زۆرۈرىيەت بار ؟
بىر خىل چىۋىن پەيدا بولوپ ، ئەنجۈرنىڭ ئەركەك ماددىسىنى چىشى ماددىسىغا قوشۇپ نەسسىللەندۈرۈپ ئەنجۈر بولىشىدا قايسى زۆرۈرىيەت بار ؟
دېڭىزلاردىن ئۆرلىگەن پارلارنى بۇلۇتلارغا سىڭدۈرۈپ ،قويۇقلىشىپ ، سۇ تامچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، شاماللارغا بۇلۇتنى ھەيدىتىپ ، ئېھتىياجلىق زىمىنلارغا پايدىلىق مىقداردا مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ياغدۇرۇپ ، يەرنى كۆكلىتىپ خىلمۇ خىل مېۋە ، غىزالارنى چىقىرىشتا قايسى زۆرۈرىيەت پىلانلانغان ؟
بۇلار زۆرۈرىيەتنىڭ ئىشى ئەمەس ، پەقەت ئاللا تائاللانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان مەرھەمىتىدۇر .ئۇ ئاللا ھەر نەرسىگە ئۆزىگە لايىق جىسىم ۋە شەكىل بەرگەن ۋە ھەممىگە ھايات يولى كۆرسەتكەندۇر .
ئۆسۈملۈكلەر ، ھايۋانلار ، ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل نەرسىنىڭ << ئەزەلدىن بار ئەمەس ، يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان نەرسە ئىكەنلىكىگە ماددىچىلارمۇ تەسلىم بولغان ۋە ئىنسان بۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسە ئىچىدە ئەڭ كېيىن پەيدا بولغانلىقىغىمۇ قايىلدۇر .
بۇلارنى كىم پەيدا قىلغان ؟دەپ سوئال قىلىنىدۇ ، بۇ سوئالغا ئۈچ تۈرلۈك جاۋابنىڭ بىرىنى بەرمەي مۆمكىن ئەمەس .
1- بۇلارنى ئاللا تائاللا پەيدا قىلغان دەپ جاۋاب بېرىش .
2- بۇ نەرسىلەر ئۆزىگە خاس ھۈجەيرە ، زەررە ،ماددىلاردىن مەلۇم ئىرادە ۋە مەقسەد ۋە ئەھمىيەت بېرىش ، ئارقىلىق پەيدا بولغان ،دەپ جاۋاب بېرىش ، يەنى ماددىلار ،ھۆجەيرىلەر ئۆشى پىكىرلىشپ ، پىلان قىلىشىپ ، بىرلىككە كېىلپ ، شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھازىرقى شەكلى خۇسۇسىيىتى بىلەن ياساپ چىققان ،دەپ جاۋاب بېرىش .

3- شەيئىلەر ئۇشتۇمتۇت ، ئۆزىچىلا مۇشۇنداق پەيدا بولغان ، يەنى زەررىلەر تاسسادىبىي تۇيۇقىسىز بىر-بىرىگە ئۇچۇرشۇپ مۇئەييەن مىقداردا ، مەخسۇس ۋەزىيەتتە توپلۇشۇپ قېلىپلا ، ئىنسانلار ، ھايۋانلار ، ۋە باشقىلار پەيدا بولوپ قالغان ،دەپ جاۋاب بېرىش .

ئويلاپ كۆرۈڭلار ؛ بۇ ئۈچ جاۋابنىڭ قايسىسى توغرا ؟

2- جاۋابى دىنسىزلار ئۆزىمۇ رەت قىلىدۇ . ئۇنىڭغا قايىل بولمايدۇ . چۈنكى بۇ جاۋاب ماددىغا مەقسەد ،ئىرادە ئىسپاتلاپ قويىدۇ . ھالىبۇكى دىنسىزلار ماددا مەقسەد ، ئىرادە دىگەن نەرسە يوق دەيدۇ .

3- جاۋابنى بېرىش مومكىن ئەمەس . چۈنكى شەيئىلەرنىڭ غەرەزسىز ، پىلانسىز ئۇشتۇمتۇت ، ئۆزىچىلا پەيدا بولوش نەزەرىيەسنىڭ باتىل ۋە بۇزۇق خىيال ئىكەنلىكى يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى .

پەقەت بىرىنچى جاۋابلا قالدى ، ئۇ بولسا ھەممە ئالەمنى ، ھەممە شەيئىنى ئاللا تائاللا ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياراتتى ، دىگەن جاۋابتۇر . بۇنىڭ بىلەن دارۋىنچى دىنسزلارنىڭ خۇداسى بولغان تەبىئەت ، تاسسادىبىيلىق ۋە زۆرۈرىيەت دىگەن نەرسىلىرىنى ئىنكار قىلىپ (يوققا چىقىرىپ) ئالەمنى ئىلىم ،تەدبىر ،ھىكمەت كە ئۇيغۇن يارتقان بىر ئاللاھقا ئىشىنىش لازىم بولدى .

مۆمىنلەرنىڭ تونۇشىدا ئىنساننى ئاللا تائاللا ئاسماندا ئۆزى بىۋاستە تۇپراقتىن ياراتقان ، جان كىرگۈزگەن ، بارلىق شەيئىلەرگە ئىسىملارنى بىلدۈرگەن ، ئاسمان پەرىشتىلىرىنى سەجىدە قىلدۇرغان ، چىرايلىق قەددى-قامەتتە يارتقان ، ئالەمدىكى مەخلۇقلار ئارىسىدىن ئىنساننى ھۆرمەتكە خاس قىلغان ،ئۇنىڭ قېنىغا ، مېلىغا يولسىزلىق بىلەن چېقىلىشنى ھارام قىلغان ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ، كىتابلارنى چۈشۈرگەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى كامىللىققا ، ھازىرقى ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىتكە لايىق يېتىشتۈرگەن ، ئۇنى يارتقان ، ھۆرمەتلىگەن سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ، ياراتقۇچىسى ، ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا ئىنىق مەلۇماتلارنى بەرگەن مەخلۇقتۇر .

دىنسىزلارنىڭ تونۇشىدىكى ئىنسان بولسا ؛

ئۆسۈش، تەرەققى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ قەبىھ شەكىلدە يارتىلغان ، ئاندىن كېيىن مىلىيۇن يىللار ئۆتۈشى بىلەن پەللىمۇ-پەللە مايمۇنغا ئۆزگەرگەن ، ئاندىن كېيىن يەنە مىلىيۇن يىللار ئىچىدە مايمۇندىن ئۈستۈنرەك بىر ھايۋانغا ئۆزگەرگەن ، يەنە مىلىيۇن يىللاردىن كېيىن ئىنسانغا ئۆزگەرگەن .

ئىنسان نېمىدىن يارتىلغانلىقى ، قانداق ئۆسۈپ تەرققى قىلغىنى توغىرسىدىن دىنسىزلارنىڭ كاتتىباشلىرى ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەسكىلىرى ، بۇزۇقلىرى ، زوراۋانلىرى خەۋەر قىلىدۇكى ئۇلارنىڭچە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇپ تۈگەرمىش ، ئاخىرەتتە داۋاملىق ياشاش يوقمىش .

ئەمدى ،ئىككى ئىنساننىڭ قايسىسى ھۆرمەتكە لايىق ؟

قايسى ئىنساننى كىشىلەر ئېتىراپ قىلىشى لازىم ؟

مۆئمىنلەر دىگەن ئىنساننى ئىتىراپ قىلامدۇ ؟

ياكى دىنسىزلار ،دارىنچىلار دىگەن ئىنساننىمۇ ؟

ئاتىئېزىمچىلارنىڭ ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى توغىرسىدىكى نوقتىئىنەزەرىنى قۇبۇل قىلىش لازىممۇ ؟

ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى توغىرسىىكى دارۋىن نەزەرىيەسىگە قايىل بولۇش بولسا ، ئەقىلدىن ئازغانلىق ، ئىنسانلىق خىسلىتىنى يۇقاتقانلىق بولوپ ،بۇ مەينەت نەزەرىيەدۇر ...


مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 141 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2012-12-17
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 14:33:51
غەيرەتجان، ئاللا خالىسا  مەن شۇ مەردان تۇرغان بولىمەن، بۇ تىما بۇ يەرگە قانداق بولۇپ يوللىنىپ قالدى بىلمىدىم، پىكرىڭلىغا قوشۇلىمەن ،  بۇ توغرىلىق سىلى بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن.
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-10-16 23:43قايتا تەھرىرلىدى ]

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1574
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1574دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15756 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 15:20:44
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك مەردان تۇرغان ئەپەندىم ،ئالدى بىلەن بىلەن سىز سۈپەتلىك بىلىملىك كىشىمىزنىڭ مۇنبىرىمىگە قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلەيمەن . ئەمدى سىزگە نىسبەتەن شەخسەن مەن ئۈزۈم بىلىم جەھەتتە خېلى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىمەن ،شۇ سەۋەب تۈپەيلى سىزنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات توغىرسىدا ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭىز ، جەمىيىتىمىزدە خېلى قىززىق نوقتا شەكىلىدە ئوتتۇرغا قويۇلدىغانلىقى ئۈچۈن ھەم بۇ مۇنبەرگە چىقىرىش ھەم زادى بۇ مەسىلىنىڭ ئەينەن تەرىپىنى بىلپ بېقىش نىيىتىدە مۇنبىرىمىزگە تەييارلىدىم . پەقەتلا مەقسەد چۈشىنىش ...
سىزدىن ئالدى بىلەن سورايدىغان ئاددى  1- سوئالىمنىڭ مۇقەددىمىسى ؛
_ سىزنىڭ فىلىمدە ئوتتۇرغا قويغان <<تىرناقلىق دىنازاۋىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن>> دىگەن سۆزىڭىزنىڭ دارۋىننىڭ <<تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى >> دىگەن تەتىققات يەكۈنى بىلەن باغلىنىشلىقى بارمۇ،قانداق  ؟
بۇ ئاساستا سىز دارۋىننىڭ <<تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى>> گە قانداق قارايسىز ؟
ئاندىن فىلىمنىڭ ئاستىنقى قىسىمىغا قىستۇرۇلغان <<قۇرئان كەرىم>> دىكى ئېلىنغان بايانلار بىلەن سىزنىڭ فىلىمدە سۆزلىگەن كۆز-قارىشىڭىزدا پەيدا بولغان  سېلىشتۇرمىلارغا يىغىنچاقلاپ سىزدىن بىز قانائەتلەنگۈدەك بىر يەكۈننى كۈتسەك بولامدۇ ؟

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 15:32:24
كەڭسايدا داڭلىق كىشىلەر بىلەن سۇھبەت ئۇتكۇزىمىز دەپ باش قاتۇرۋاتاتتىڭلارغۇ،،،،مانا مەردان تۇرغان ئەپەندى <ئاسماندىن چۇشكەندەك> كەڭسايغا قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ،،،،،سۇھبەتنى مۇشۇ يەردىن باشلاڭلار لىكىن بۇ بەك نازۇك ۋە چۇڭ تىما بۇلغاچقا باشقىلار ئارلاشماي تىڭشاپ ئۇلتۇرۇڭلار ،،،مۇنازرىنى غەيرەت ئەپەندىم ئۇزى ئىلىپ بارسۇن،،،!!!!!!

 
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 627
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 6945 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2013-01-30
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 15:45:56
چەتئەل ئالىمى ئۇنى دىدى-بۇنى دىدى دەپلا يۈرىۋەرمەيلى!
مانا بۈگۈن ئۆز تىلىمىزدا چۈشەنگىدەك جاۋاپ بىرەلەيدىغان ،مەردان تۇرغان ئەپەندىممۇ كىرىپتۇ. بۇ ئىشتىن ناھايىتى خوشال بولدۇم دىسە!
<<ئەقىللىق كىشىلەر ئامبىرى>>دىن دادىللىق بىلەن سەكرەپ چىققانلارغا ئاپىرىن!!

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2391
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2391دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 24974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 23:04:15
قىنى سۇئالغا جاۋاپ يوق. مىللىتىمىز يەنە ئۆزنۆۋتىدە بىرقىتىم بىلىمدىن قۇرۇق قالدى ... مەردان تۇرغۇن ئەپەندى سىزدىكى بىلىمنىڭ مەسئۇلىيتى بار ئۇ بولسىمۇ غەيرەت828 ئەپەندىنىڭ سورغان سۇئاللىردەك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش.شۇندىلا مەسئۇليىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلغان بولسىز.   قىرىنداشلار توغرا دىدىممۇ؟

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8971
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 141 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-09-15
ئاخىرقى: 2012-12-17
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 23:34:07
بولىدۇ، ئەمىسە ئىلمى مۇنازىرىنى باشلىۋىتەيلى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن باشلىنىش قىلىپ قويايلى، مىنىڭ بۇ مۇنازىرىدىكى مەركىزى ئىدىيەم شۇكى يارىلىش قىسسىسى ياكى ئاللانىڭ ئىرادىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىرىيەسى بىلەن زىت كەلمەيدۇ بەلكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى يارىلىش قىسسىنى قوللايدۇ ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تەرەپتە ئايرىم توختىلاي، داۋاملىق يازىمەن.

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2013-01-27
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-15 23:43:51
قېنى مەرھەمەت....
ۋاقتى كەلگەندە بىزمۇ كاللىمىزغا كەلگەننى سۇرايمىز ھە؟!
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى يۇرتۇپ قۇيۇڭلا

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2391
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2391دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 24974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-16 00:40:57
ئەمسە مۇنازىرگە يىقىندىن دىققەت قىلمىز ،،، غەيرەت ئەپەندى ،،سىزمۇ  سۇئال سورغاندىكىن  بۇ تىمىغا ۋاقتىڭىزنى ئاجراتسىڭىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6386
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1414
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1414دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15418 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-12-23
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-16 01:52:13
ياخشى مۇنازىرە بولغۇدەك ما تىمىدا     يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن

اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى