ياخشىمۇسىلەر كەڭ ساي مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار --كەمىنە ئوغلان بىرنەچچە كۇندىن بۇيان تېما تەستىقلاپ مۇنبەردىكى بىرقىسىم ئىنكاسسىز تېمىلارغا قاراپ مۇنداق بىر ئويغا كىلىپ قالدىم سىزلەرنىڭمۇ ئاۋاز قېتىپ ئۆزپىكرىڭىزلەرنى قۇيۇپ بېقشىڭلارنى سورايمەن!
مۇنبەرنىڭ كۇندىن -كۇنگە تەرەققي ئەگىشىپ مۇنبەرگە يولىندىغان تېمىلارمۇ كۇندىن -كۇنگە ئېشىۋاتىدۇ ، بۇ بىرناھايىتى ياخشى بىر ئىشتىن دىرەك بېرۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟ لىكىن مۇنبەردىكى بىرقىسىم تېمىلار ئىنكاسىز قېلىپ قالدى ، بىر ئادەم باشقا يەردىن تېمىنى ئېلىپ كەلسۇن ،ياكى ئۆز ئىجادىيتى بولسۇن شۇنىڭغا تۇشلۇق ئەجىر قىلغاندا مۇنبەرگە يوللايدۇ دوستلار بىز مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئەزا بولغاندىكىن باشقىلارنىڭ تېمىسغا كىرگەنكەنمىز چۇقۇم ئىنكاس يىزىشمىز كېرەك ، بىزدە مۇنداق بىر دانا گەپ بار سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دەيدۇ. شۇڭا دوسلار تېمىنى ئاز يولىساقمۇ ساز يولاپ ئىنكاس يىزىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق .
ئۆزەڭلارنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقساڭلار!
تېما يولىغاندا تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلساق:
1)تېمىنى قەتئي تەكرا يولىمىساق ، مۇنبەردە تېما تەستىقلاش تۇزمى بار تېما تەستىقلانغاندا كىيىن مۇنبەر يۇزدە كۆرۇندۇ، بەزەندە مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلار يوق بۇلۇپ قالسا سەل ساقلاپ قېلىشڭلار مۈمكىن مۇشۇنداق ئەھۋالدا يولىغان تېمام بارمىغان ئوخشايدۇ دەپ تەكرار يوللىمىساق.
2) تېما يوللاشتىن بۇرۇن چۇقۇم مۇنبەردىكى تېمىلارنى بىرقۇر كۆزدىن كەچۇرگەندىن كىيىن يېڭى تېمىڭىزنى يولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ،
بۇنداق بولغاندا سىزدىن بۇرۇن باشقىلار يوللاپ بولغان تېما بولسا سىزمۇ بۇتېمىنى يوللىسىڭىز تېما ئىككى ياكى ئۈچ يەردە بۇلۇپ قېلىش مۈمكىن ،شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دېققەت قىلساق .
3)باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلاشتىن بۇرۇن مۇنبەدىكى تېمىلارنى ئوبدان كۆرۈپ ئاندىن تېما تەستىقلىساڭلار ، مۇنبەردىكى بەزەن تېما تەكرار تەستىقلىنىپ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرگە كىرىپلام تېما تەستىقلايدىغان يەرگە كىرمەي تېمىلارنى كۇرۇپ بولۇپ ئاندىن كېيىن تېما تەستىقلىساق.
4)مۇنبەر ئەزالىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقارقىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشنى سورايمىز!
(ئەسكەرتىش :يۇقارقى تۆت تۇرلۇك ئەسكەرتىش كەڭ ساي مۇنبەر ئىشخانسى تەرپىدىن يوللاندى)
 |