تىما : ئاخىرەتتىن غاپىل بۇلۇش ئىنساننى ھالاكەتكە باشلايدۇ .
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 296
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 249 %
مۇنبەر پۇلى: 414 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-14
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-08-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-30 03:16 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 ئاخىرەتتىن غاپىل بۇلۇش ئىنساننى ھالاكەتكە باشلايدۇ .

  
                 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ھەي ئىنسان ! سەن بۇ  ھاياتىڭدىكى پانىي دۇنيادىن باشقا يەنا بىر باقىي دۇنيانىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن ؟ سەن بىلىشىڭ كىرەككى ، سەن يارىتىلىشتىلا  مەڭگۈلۈك يارىتىلغان . سەن پەقەت مۇشۇ پانىي ھاياتى دۇنيادىن - باقىي ھاياتى دۇنياغا يۆتكۈلىسەن  . سەن ئۆزىڭنىڭ بۇ  ھاياتى پانىي دۇنياغا نىمە ئۈچۈدىن ئەقىللىق ئىنسان قىلنىپ يارىتىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن ؟ ھەي سەن ئاخىرى ھېىساپ بىرىش ئۈچۈن  ئاللاھغا قايتىپ ئۆز  نامە - ئەمەللىرىڭدىن  سۇرلىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن ؟ ھەي سەن بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟  ئەمەللەر تارتىلىدىغان  شۇ ئادالەت تارازىسى قۇيلۇپ ، رەببىڭ ساڭا قىلچە زۇلۇم قىلمايدىغان ، نامە- ئەمەللىرىڭگە قاراپ ،ياخشى بولساڭ ياخشىچە ، يامان بولساڭ يامانچە ھەر ئىشىڭنىڭ نەتىىجىسىنى كۆرگەن چېغىڭدا سىنىڭ ھالىڭ قانداق بۇلار ؟ ئېغىزلىرىڭ پىچەتلىنىپ ، قىلمىشىڭغا شۇ تىرىلىرىڭ ، قول ، پۇتلىرىڭ گۇۋالىق بەرگەن چاغدا ھەي سىنىڭ ھالىڭ قانداق بۇلار ؟ ھەي سىنىڭ ئىسىڭدە بولسۇنكى سەن ئەمدى دۇنيا تىرىكچىلىكىنى دەپ ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قالما چۈنكى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئۇ سىنى ئالدايدىغان ئۇيۇن تاماشادىن ئىبارەتتۇر .
يەنى[(گۇيا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك )دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمۈت  قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر . ] 26- 129-ئايەت.  يەنى[ سىلەرگە قانداق نەرسە بىرىلسۇن (ئۇ ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر . ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاپ ئەڭ باقىيدۇر چۈشەنمەمسىلەر ؟ ]28-60-ئايەت.
دىمەك سەن بىلسەڭ  بۇ دۇنيا سەن ئۈچۈن بىر ئەتتىگەن ياكى بىر كەچقۇرۇن تۇرغاندەك پانىي ئۈتەڭدۇر . يەنىلا  سەن ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاپ باقىيدۇر .
يەنى[ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن ، دۇنيادىكى نىسىيۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن ،ئاللاھ  ساڭا  ياخشىلىق قىلغاندەك ، سەن (ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگىمۇ ) ياخشىلىق قىلغىن ، يەر يۈزۈدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن ، ئاللاھ ھەقىيقىتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوس تۇتمايدۇ ]28-77-ئايەت.
ھەي ئىسىڭدە بولسۇنكى ، دىمەك سەن ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەيدىكەنسەن ،سەن بۇ دۇنيا ھاياتىڭدا دۇنيا تىرىكچىلىكى بىلەن بۇلۇپ قېلىپ  زىممىڭدىكى ئاللاھنىڭ نىسىۋېسنى ئۇنۇتما . چۈنكى دۇنيا تىرىكچىلىكى سەن ئۈچۈن يەپ ،ئىچىپ ،  ئويناپ كۈلۈپ ، ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قالدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
يەنى[دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئۇيۇن - كۈلكە ۋە غەپلەتتىن  ئىبارەتتۇر ، شۆھبىسىزكى ، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىيقى ھايات (يۇرتىدۇر )، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى)] 29-64-ئايەت.
ھەي ئاللاھ نىڭ رەخمىتى بىلەن ئەقىلسىز ھايۋان قىلنىپ يارىتىلماستىن  بەلكى ئەقىللىق ئىنسان قىلنىپ يارىتىلغان ئىنسان ! سەن ئەمدى بۇ دۇنيا ھاياتىڭدىن باشقىمۇ يەنا بىر  دۇنيا ھاياتنىڭ بارلىقىغا ئىشەن . شەك شۆھبىسىزكى سەن ئەمدى  ئاخىرەت يۇرتىغا ئىمان كەلدۈرمەيدىكەنسەن سىنىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىڭ ھالاكەت بىلەن تۈگەنلىنىشى مۇمكىن ..
يەنى[قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سىنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەسسىق قىلىشتىن) توسمىسۇن ، ئۇنداقتا ئۆزەڭ ھالەك بۇلىسەن(چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بۇلۇش ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ ]20-16-ئايەت.
ھەي ئىنسان ! سەن ئاللاھ دىن (يەنى قىيامەتتىن ئىبارەت بۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈك كۈنىدىن )غاپىل بولغىنىڭ بىلەن  ، بىراق  ئاللاھ سەندىن ھېچ بىر ۋاقىت غاپىل ئەمەستۇر . يەنى[بىز ھەقىيقىتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق ، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز ]23-17-ئايەت.
دىمەك ئاللاھ  شۇنداق چەكسىز قۇدۇرەتلىرى بىلەن دىلاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر  . ھەقىيقەتنىڭ ئىگىسىدۇر . ئاخىرەتكە  ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلدۈرمىگەنلەرنىڭ  )دىللىرى ھەقنى ئىنكار قىلىدۇ .  شەك شۆھبىسىزكى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئاللاھ  ئاستا- ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈدۇ . خالاس . 
                          
              ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى مۆجىزە ، ياشىشى ھېكىمەت ، ئۆلۈمى ئىبىرەتتۇر .                      ئاپتۇر : ئۇيغۇنۇش .






تېما تەستىقلىغۇچ:ئوغلان
[ uygunuxتەرىپىدىن2010-07-30 21:41قايتا تەھرىرلەندى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاخىرەتتىن غاپىل بۇلۇش ئىنساننى ھالاكەتكە باشلايدۇ .,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: