ناھايىتى شەپقەتلىك مېرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن . ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان تەۋبە، ئىنسانلار نادانلىقتىن ئۇقماي بىرەر گۇناھنى قىلىپ قويۇپ ، ئاللاھ دىن ئۇنىڭ جازاسىغا يولۇققان چاغلىرىدا دەرھال ئۆزلىرى يولۇققان ، شۇ مۇسىبەت ، بالا قازا ئاپەتلەرنىڭ ئۆز گۇناھى تۈپەيلىدىن كەلگەنلىكىنى تونۇپ ، ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ ، قايتا شۇ گۇناھنى قىلماسلىققا ئىرادە باغلاپ ، قايتىلاپ شۇ گۇناھنى سادىر قىلمىغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ . بۇ ھەقتە رەببىم مۇنداق دېگەن :[ ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر . ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ . ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ] 4-سۈرە 17-ئايەت. ئاللاھ قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان تەۋبە ، داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ ، تەۋبە قىلماستىن بېشىغا ئۆلۈمنىڭ سەكىراتى چۈشكەن چاغدا ئى ئاللاھ ئەمدى تەۋبە قىلدىم ، ئۆزلىرىگە ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ . بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن:[ داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ، ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ . ئەنە شۇلارغا قاتىق ئازاپ تەييارلىدۇق ] 4-سۈرە 18-ئايەت. ئاپتۇر: ئۇيغۇنۇش ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى مۆجىزە ، ياشىشى ھېكىمەت ، ئۆلۈمى ئىبىرەتتۇر !
تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-07-30 03:14قايتا تەھرىرلەندى ]
 |