  | 
				
					
					 
 
					
						
						                                     ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .  بىز ئىنسانلار ؛ ئاللاھ بىزنى ھەر خىل  ھايۋانلارغا ئوخشاش ئەقىلسىز مەخلۇق قىلىپ ياراتماستىن  ، بەلكى ئېقىللىق ئىنسان قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن ، بىز شۇ ئەقىلىمىزنى ئىلاھى ۋەھى (يەنى قۇرئان )  بىلەن زىچ بىرلاشتۈرۈپ ، قورقۇش ، چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاش ، سۆيۈش ...قاتارلىق  ئىبادەتلىرىمىزدە  ئاللاھ غا  غەيرىلەرنى شىرىك قىلىۋالماستىن بەلكى بارلىق ئىبادەتلىرىمىزنى يالغۇز ئاللاھ غىلا  قىلىمىز دەيدىكەنمىز  بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم بەدەل تۈلىشىمىز  كىرەك !  چۈنكى  ھەرقانداق بىر  سۆيگىنىڭ چۇقۇم بەدىلى بۇلىدۇ . خوش ئەمدى سۆيۈش دىگەن نىمە ؟ دىمەك سۆيۈش دىگەنلىەك ،  مەسىلەن ئالايلى : ھەرقانداق بىر ئىنسان ئاتا-ئانىسىنى سۆيۈدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ . شۇنىڭ  ئۈچۈن بۇلارنى  بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىپادىلەيمىز ، دىمەك ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نىمە يىيشىنى ، نىمە كىيشىنى ، نىمە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى سۇراپ تۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ خلايدىغىنىنى قىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ رەخمىتىگە ئىرىشىشنى ئۈمۈت قىلىپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۈلەيمىز .  مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنى سۆيۈشنىڭ  نۇرمال بولغان بىر بەدىلىدۇر . گەرچە  بىز  شۇ بەدەل بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ   ئەجىرىنى قايتتۇرۇپ بۇلالمىساقمۇ  ، ئاللاھ نىڭ  ئىبادەتنى  ماڭىلا قىلىڭلار ، ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار دىگەن تەۋسىيسىگە ئاساسەن (يەنى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن )قۇربىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز .  بالىلىرىمىزنى  ياخشى كۆرىمىز دەيدىكەنمىز  ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇ ئۇلارنىڭ بارلىق جاپا مۇشاقەتلىرنى تارتىشقا رازى بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن  تىرىشىپ،  ئۆزىمىز يىمەي ، ئىچمەي يىغىپ ، ئۇلارنى  ئۇقۇتىمىز ، ئۇلارغا كۆز قۇلاق بۇلۇپ ، ئۇلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن كۇچ چىقىرىمىز . مانا بۇلار بالىلىرىمىزنى سۆيگەنلىكىمىزنىڭ بەدىلىدۇر .  دىمەك بىز ئېغىزلىرىمىزدا ئاتا- ئانىلارنى سۆيىمىز ، بالا - چاققىلىرىمىزنى سۆيىمىز دەپ قۇيۇش بىلەنلا بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىساق ، بۇلار بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىكى قۇرۇق شۇئار بۇپ قالىدۇ .  شۇنىڭغا ئوخشاش بىز ئاللاھ نى سۆيىمىز دەيدىكەنمىز  بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چۇقۇم (يەنى ئاللاھ غا ھەقىيقى رەۋېشتە ئىمان كەلدۈرۈپ ، ئاللاھ غا ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن بۇي سۇنۇپ  ) بەدەل تۈلىشىمىزگە توغۇرا كىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك ؟ دىمەك بىز ئاللاھ !   بىز ئۈچۈن پەرىز  قىلىپ بىكىتكەن  ئەمەللەرنى بىرنىمۇ قالدۇرماستىن، بىرنىمۇ ئاشۇرۋەتمەستىنلا ئۆز ۋاختىدا ئۇرۇنلاش بىلەن (يەنى ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى ئالدىراپ قىلىپ ، توسقانلىردىن ئۆزىمىزنى تارتىش بىلەن بەدەل تۈلىشىمىز  كىرەك ! بىز ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز ، بىزدىكى بۇ بەدەلسىز سۆيۈشلەر  ئاللاھ نى ھەقىيقى سۆيۈش بولماستىن بەلكى رىيا ، ساختا يالغان سۆيۈش بۇپ قالىدۇ . شۇڭا بىز ئاللاھ نى ھەم دىلدىن ، ھەم تىلدىن ، ھەم ئەمەلىمىز بىلەن سۆيىشىمىز كىرەك .                                          ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى مۆجىزە ، ياشىشى ھېكىمەت ، ئۆلۈمى ئىبىرەتتۇر !                                                     ئاپتۇر : ئۇيغۇنۇش . 
 
 
 
 تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان 
   
				
							
              | 
  |