دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 461
نادىرلانغان يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى:64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
ئۆسۈش: 97 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-28
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-08-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-30 00:20 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 سەن ئۆزۈڭ ،(شېئىر)

سەن ئۆزۈڭ
 تۇنۇشمايتىم سەن بىلەن ، ئىزلەپ كەلگەن سەن ئۆزۈڭ ، 
 
دوستلۇق ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال قول ئۇزارتقان سەن ئۆزۈڭ . 

«سېنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي مەن » دېدىڭ ، 
ئىككى ياتنىڭ رېشتىنى باغلىغانمۇ  سەن ئۆزۈڭ  


 
ئۇزاق ئۆتمەي باشلاندى ، نەدىن كەلگەن ھەسرىتىڭ ، 
 
ياردەم سوراپ مېنىڭدىن يالۋۇرغانمۇ سەن ئۆزۈڭ .

ھاجىتىڭدىن چىققاندا كۆزلىرىڭنى پارقىرتىپ ،
« ئۇنۇتمايمەن دوستۇم» دەپ ياش تۆككەنمۇ سەن ئۆزۈڭ .

«ئۆتۈۋېلىپ كۆۋرۈك»تىن «قۇيرۇقىڭدا نەزىر» قىپ ،
بۈگۈن ماڭا چەكچىيىپ مۇش تۈككەنمۇ سەن ئۆزۈڭ . 

كىمدىن يۇققان ئەلپاز بۇ ؟ ھەيران قالدىم سېنىڭدىن ، 
رەقىپلەرنىڭ ئالدىدا پەسلەشكەنمۇ سەن ئۆزۈڭ .

بۈگۈن مانا ھالىڭ بوش ، يەنە كەپسەن ئالدىمغا ،
ياردەم كېرەك بۇپ يەنە سەتلەشكەنمۇ سەن ئۆزۈڭ . 
            

قىلالمامسەن ئۆز ئىشىڭ ،باشقىلارغا تايانماي ،
ماڭار يۇلۇڭ تاپالماي دۆتلەشكەنمۇ سەن ئۆزۈڭ . 

پەقەت ھاجەت ئۈچۈنلا ئىشلىتەمسەن دوستلۇقنى ، 
غۇرۇرۇڭنى يوقىتىپ «لەت»لەشكەنمۇ سەن ئۆزۈڭ .

بوپتۇ سېنى كەچۈرەي ، يولۇڭنى مەن كۆرسىتەي ، 
ۋىجدان بىلەن قەدەم ئال كەلگۈسىڭگە سەن ئۆزۈڭ .
مەنبە :ئىجادىيەت
-سىز كۆرۋاتقان تىما سەن ئۆزۈڭ ،(شېئىر),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇغرا
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 762
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-07-30
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-08-03
1-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-30 01:41 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

            [s:12
ھا ھا..................   بەك قاملاشتۇرىپسىز..........
بۇغرا