مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 148ئىنكاس
  • 21404كۆرىلىشى

مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: چولپان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-02 23:13:05
— بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-04) —
«گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرنىڭ ئىزىدىن

  پەخىرلىك يازغۇچىمىز مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 58 ياشقا كىرگەن چېغىدا، ئۆتكەن ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ چىققان ئىدى. بۇ شېئىر توردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىش قوزغىغانىدى. ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن تورداشلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان داڭلىق يازغۇچىمىز مەڭگۈتاش(ئوسمان زاھىر) ئەپەندى ئۆزىنىڭ 38 يىللىق ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ يازغان « گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە چىقاردى. ئۇ شېئىر خۇددى «ھىدايەتنامە» دەك ئېسىل ئەسەر ئىدى. ئەپسۇس، بۇ تېمىغا تورداشلار ئانچە پەرۋا قىلمىدى. بىر كۈندىن كېيىن قارىسام بۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 160 كىمۇ يەتمىگەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان « مۇشائىرە قىلىشىپ باقايلى» دېگەن تېما باشقىچە قىززىپ كەتتى. تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرگە دېققەت ئىتىبارىنى قاراتمىغانلىقى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ شېئىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى باشلاپ مۇشائىرە قىلىش ئارقىلىق، يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرماقچى بولدۇم. ھەر بىر قېتىم تورغا چىققاندا بىر كۇبلىتتىن مۇشائىرە شەكلىدە يېزىپ قويۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ باش بەتتە كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. شۇنچە قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇ يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 400 گەيەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈممۇ تۇيمايلا يامان ئەمەس بىر پارچە شېئىرنى يېزىپ بوپتىمەن. شۇڭا بۇ شېئىرغا « ‹گۇناھ خاتىرىسى› ئىزىدىن» دەپ ماۋزۇ قويدۇم:
مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ «گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى مۇنداق:

ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن.

يۇقارقى مىسرادىن باشلاپ مۇشائىرە باشلىدىم:


ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن،
ئۇلۇغ رەببىم: ئىماننى ئايرىۋەتمە يېنىمدىن.
مۇسۇلمانغا خاس ماڭا ئاتا قىلغىن جاسارەت،
ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.

ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.
رىزىق، ھايات- ماماتىم، ھەممە نەرسەم سېنىڭدىن،
مۇسبەت، بالا- قازادىن ساقلىمىساڭ سەن ئۆزۈڭ،
كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن.

كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن،
ئالالمايدۇ ئىزنىڭسىز بىر تال موينى تېنىمدىن،
كەچۈر مېنى ئەي ئاللاھ! تەۋەككۈلۈم ساڭىلا،
قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن.

قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن،
ئىككى دۇنيا بەخىتنى ئۆتۈنىمەن سېنىڭدىن،
ئاجىز مەخلۇق بولغاچقا، گۇناھلىرىم بەك تولا،
ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن!

ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن،
مەككار دۈشمەن شەيتاننى قوغلىۋەتكىن تېنىمدىن،
ھىدايەتكە باشلىساڭ ئازدۇرالماس ئىبلىسمۇ،
توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن!

توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن،
ھالال يەيمەن، چاپىنىم ئاشمىسىمۇ تىزىمدىن،
ئاز يېسەممۇ مەيلىغۇ، ئارتۇق بولۇر ھالال رىزق
ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن!

ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن،
«دىلغا ھوزۇر بەرگۈچى» خۇمار قىلغۇچ چىلىمدىن،
نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن.

ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن، 
سۇ ئىچكەنتىم ئەسلىدە پاكىز بولغان ئېقىندىن،
پەيدا بولدى ئېقىنغا شۇم نىيەتلىك مەخلۇقلار،
تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن.

تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن،
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ساپ ئىسلامنى سېغىندىم،
بىرلەشتۈرگىن ئۈممەتنى، ئىسلام قايتا نۇر چاچسۇن،
ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن!

يۇقارقى شېئىرنىڭ ئاخىرىغا بىر تورداش مۇنداق مۇشائىرە كەلتۈرۈشتۇق:

AynaK ناملىق تورداش:

ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن،
نادانلىقتا تېڭىرقاپ يىراقلاشتۇق ھەق يولدىن،
ئىلىم بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ باسقان بۇ تەنلەر،
نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن

مەن (ئويلىنىش):

نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن،
تازىلايلى قەلىبنى بۇزۇق پىكىر _ ئەخلەتتىن،
ئىبادەتلەر ئارقىلىق يېقىنلايلى ئاللاھقا،
بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن!

AynaK ناملىق تورداش:

بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن،
ئىزلىرىنى كۆكەرتىپ باغ ياسايلى ھۆرمەتتىن.
چىچەكلىسۇن نۇر ئىمان ھەمىمىزنىڭ قەلبىدىن،
غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن.

مەن (ئويلىنىش):

غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن،
بېلىقلارمۇ قاچىدۇ تۇيۇپ قالسا ئىلمەكتىن،
قىيامەتتە يىراقراق بولاي دېسەڭ قىسمەتتىن،
توغرا يولدا پايدىلان ھاياتلىقتىن - نىئمەتتىن.

قېنى  ئەمدى سىلەرمۇ  مۇشائىرىگە  قېتىلمامسىلەر؟
تېز بولۇڭلار دەيمەن

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 3201
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3201دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 37262 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2013-01-29
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-02 23:46:25
10 مىنۇت ئوتتاسام كەلمىدى قەتتى ئىلھامىم !!  

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 653
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە653دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 7363 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2013-01-11
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 01:38:55
                                            غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خىسلەتتىن،
                                            باراي دىسەڭ مەشىر گاھقا سەنمۇ قاچقىن مەينەتتىن.
                                             ئەگەر سەنمۇ قىلمىشىڭنى كۆرەلىسەڭ ئەينەكتىن،
                                             سەنمۇ ھەرگىز قالمايسەن نازۇ-نىممەت جەننەتتىن.

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2013-01-27
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 07:47:56
سەنمۇ ھەرگىز قالمايسەن نازۇ-نىممەت جەننەتتىن
قاچالىساڭ سەن چۇقۇم دۇنيادىكى ئىشرەتــتىـن
ئويغىنىسەن بىر كۈنى سىنى باسقان غەپلەتتىن  
تازىلىنىسەن شۇندىلا  كونا -يىڭى بىدئەتتىن
[ بۇ يازمىنىئىزباسار 2011-10-03 10:46قايتا تەھرىرلىد ]

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1406
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1406دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15753 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 09:11:57
تازلىنىسەن شۇندىلا كونا يىڭى بىدئەتتىن،
سېنى خار قىلىۋاتقان ئاشۇ يامان ئادەتتىن.
ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى رەسۇلۇللاھ يولىدۇر،
مۇشۇ يولدا تۈز مېڭىپ قۇتۇلغىن سەن ئاپەتتىن.

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2013-01-27
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 10:20:55
مۇشۇ يولدا تۇز مېڭىپ قۇتۇلغىن سەن ئاپەتتىن
ئاداشماي سەن بۇ يولدىن ھەمرا قىلغىن ئىماننى
مېڭىۋېتىپ شۇ يولدا يۇقاتساڭ سەن نىشاننى
ئىزدىگىن ئۇ نىشاننى قۇرئان-ھەدىس شەرىئەتتىن





قايتا قۇراشتۇردۇم. قاملاشمىسىمۇ...
[ بۇ يازمىنىئىزباسار 2011-10-03 10:44قايتا تەھرىرلىد ]

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 10:29:59
ئەستاغفىرۇللا
ياخشى ئىزباسار بولماپسىز جۇمۇ سىز!
ئالدىنقى كۇبلىتىڭىزدا «تازلىنىسەن» دەپ بىر خاتا سۆزنى يېزىپسىز. تازلىنىش دېگەن نېمە؟
كېينكى كۇبلىتىڭىزدا ABAA  شەكلىدە مېڭىۋاتقان قاپىيەنى  BABA شەكلىگە ئۆزگەرتىۋېتىپسىز.
ئۇنداق قىلماي ئىزباسارلىقنى ياخشى ھەم توغرا قىلىڭ دەيمەن

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2013-01-27
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 10:38:20
6-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا
ۋوي مەن ئەمدى سىلەرگە ئوخشاش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولمىغاندىكىن مۇشۇنچلىك قاملاشتۇرالىغىنىمنىڭ ئۇزىمۇ چوڭ ئىش. پېقىرنىڭ مەكتەپ سەۋيەسى ئۆزلىرىگە ئايانغۇ ئويلىنىش ئەپەندىم.
<تازلىنىسەن> دىگەن ئۇيغۇرچە گەپقۇ... قۇتۇلىسەن دىمەكچى ئىدىم.قايتا تەھىرلەپ قۇياي
ئاستىدىكىنى ئۈزۈم بىلىپ شۇنداق قىلىپ قويدۇم. ئىلھامىم تەتۇرسىگە كەپقالغان چېغى................
ياش بۇ يەرگە يەتكەندە بەزى ئىشلار تەس كىلىدىكەن ئۆھھۆ. ئۆھھۆ..............

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 10:42:41
<تازلىنىسەن> ئەمەس، تازىلىنىسەن.
چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ،  ئۇ شېئىر ياخشى چىقىپتۇ. ئۆزگەرتىپ نېمە قىلىسىز؟
30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆھھۆ ئۆھھۆ  دېگىلى تۇرسىڭىز ئىش چاتاق جۇمۇ! ئەتىگەندە كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىۋالماي ئىسسىق يوتقاندا ئۇخلىسىڭىز بولغۇدەك، ھازىر ھاۋا سوغۇق...

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2013-01-27
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-03 10:48:11
8-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا
قېنى مۇشائىرىگە مەرھەمەت...

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى