ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردىكى گېلەملەر شىنجاڭ گېلەملىرى بىلەن بازار تالاشماقتا
«مۇشۇ گېلەمنى ئالاي بۇ گىلەم شىنجاڭ گېلەملىرىدىن ئەرزان ئىكەن». 18–چىسلا، دۆڭكوۋرۈك گېلەم بازىرىدا يۈسۈپ ئەپەندى 2400 يۈەنگە 3 كۋادرات مېتىرلىك جېجياڭ گېلىمىدىن سېتىۋالغان.
ئىچكىرىدىكى گېلەملەرنىڭ باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى شىنجاڭ بازىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى گېلەم سودىگىرى جياڭ فاڭنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە: «بۇ يىل 6–ئايدا سېتىلغان گىلەملەر ئىچىدە ئىچكىرىنىڭ گېلەملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %50 بولغان. ئاساسلىق شىنجاڭ يەرلىك كىشىلىرى سېتىۋالغان. »دېدى.
ئۇ يەنە: « ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى گېلەملەر ھازىرقى زامان پاسونىدا ئىشلەنگەن ھەمدە باھاسى مۇۋاپىق ،ھەربىر كۋادرات مېتىرى800 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ ، ئەمما شىنجاڭدىكى قولدا تىكىلگەن گېلەمنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 1800 يۈەن. ئارىسىدىكى سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك ،ماتېرىيالى يۇقىرى نەپىس ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى گېلەملەرنىڭ تۈرى كۆپ، باھاسى ئەرزان ، گۈل نۇسخىلىرى مول بولۇپ شىنجاڭ بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى شىنجاڭ گېلەملىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.
«ئالاھىدە 1+6» نىڭ ئۇچۇر ئالدامچىلىقى ئاقسۇلۇق بىرئەرنىڭ 7480 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالدى 7 –ئاينىڭ 14–كۈنى كۇچادا ئولتۇرۇشلۇق خىلىل (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان، «سىزنىڭ تىلىفۇن نومىرىڭىز «ئالاھىدە 1+6» پروگراممىسىدا تەلەيلىك نومۇر قىلىپ باھالاندى، مۇكاپات سوممىسى 58 مىڭ نەق پۇل بىلەن قول كومپىيوتىرى. cctv6926.com بۇ تور ئادرىسىغا كىرىپ تەكشۈرۈش نومۇرى 6899 نى كىرگۈزۈڭ» دېيىلگەن.
خىلىل ئۇچۇرغا ئاساسەن مەشخۇلات قىلغان، دېگەندەك تور ئادرىسى پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىنىپ قالغان، ھەمدە توردىكى تەلەپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 7480 يۈەننى توردىكى ھېسابات نومىرىغا كىرگۈزۈپ مۇكاپات سوممىسىنى ساقلىغان، ھەمدە توردىكى تىلىفۇن نومىرىغا تېلىفۇن قىلغان. لېكىن ئادەم ئالمىغان. شۇ چاغدىلا ئۇ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
 |