ياۋرۇپادا ئۇزۇندىن بۇيان ھەرخىل تارتىشىشلارغا سەۋەب بولغان نىقاب چەكلەش مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان سۈرىيەنىڭ نىقابنى چەكلىشى بىلەن يەنە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
نوپۇسىنىڭ 97% مۇسۇلمان بولغان سۈرىيە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا نىقاب ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يۈزنى ياپىدىغان باش كىيمى بىلەن كىرىشىنى چەكلىدى. بۇ چەكلىمە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەنلا قالماي خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئەمدى مەكتەپكە بارغاندا يۈزلىرىنى ياپالمايدۇ.
بۇ قارارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۇقتۇرۇش بېرىلدى.
باشقىلاردىن رەنجىمىسەك بولغۇدەك ،ئەمدى سۈرىيە چىقىپتۇ.
 |