باش شۇجى خوجىنتاۋ ، بۇكىشى مەن ھەم دۇنيادىكى نەچچە مىليارد
يەرشارلىقلار تونىيدىغان رەھبەر ، چىرايىدىن كۈلۈمسىرەپلا تۇردىغان
روھى -ھالىتىدىن كىچىكىدىنلا شۇنداق مىجەزلىك كىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى
بولىدۇ ، تېلىۋىزۇرلاردىكى كۆرنۈشلىرىدىن ،مىڭىشلىرىغىچە ،ئىپادىلىرىگىچە سەپ سالىمەن .ناھايىتىمۇ سىلىق -سىپايە ،بۇنداق روھى -ھالەت ھەر قانداق كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋە ئىشەنىچنى ھىس قىلدۇردۇ . يالغان كۈلۈمسىرمەيدۇ . ھەم ئۆمرىدە بىرەر كىشىگىمۇ ئازار بەرگىنى يوق دەپ قىياس قىلدىم .بۇنداق
رەھبىرىمىزنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ قاتارىدا دۇنيا بويىچە
ساناقلىق ئون ياخشى رەھبەرنىڭ ئىچىدە دەپ ئويلايمەن .ھەم جەمىيەتتىكى ،خەلىقئارادىكى ئۇچىرشىشلاردا ھېرىپ چارچاشلارغا قانداق بەرداشلىق بىرەركىن
دەپ ھەيرانمەن . چۈنكى سۆز -ئىپادە ،يۈرۈش- تۇرۇش ھەتتا گالىستۇكنىڭ
قاياققا قارىشىدىن تارتىپ دۆلەتنىڭ ئابرۇيىغا چىتىلدىغانلىقى ئۈچۈن ،
ھەربىر سۆز ،تەكەللوپ ناھايىتى ئورونلۇق چىقمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە .قولنى قەيەردە قاتتىق سىقىدۇ ،قەيەردە يۇمشاق سىقىدۇ ،ۋە ھاكازىلار ...
بىز ئۇلارنى راھەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالمايلى ، بۇلار بىر مىليارد نەچچە يۈز مىلىيۇن خەلىق ئۈچۈن ھەر قانداق جاپانى راھەت دەپ بىلىدىكەن ، چىرايىدىن كۈلكە ئۆكسىمەيدىكەن ..شۇڭا جوڭگۇ دەس تۇرالىغان ،شۇڭا مىلياردىلىغان ئاھالە خاتىرجەم ،باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشتى . ھەر قانداق كىرزس ،ئوڭشسىزلىقلاردىن تەمتىرمەي بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى . ئۆزى كۈلۈمسىرەپلا تۇردىغان بۇ ئىللىق چىراي رەھبىرىمىز شۇ خىسلىتى بىلەن پۈتۈن جوڭگونى كۈلۈمسىرەتتى . دۇنيا داۋالغۇپ تۇرغان مۇشۇ ۋاقىتلاردا
ھەممنىڭ مۇقامىدا گۈللەۋاتقان جوڭگو خەلىقى ،خەلىق ئۈچۈن جېنىنى
پىدا قىلىۋاتقان شۇ كاتتىىلارغا رەھمەت دەپ راسا بىر توۋلىۋىلىشى كىرەك
،ھەم شۇنداق مەجبۇريىتى بار دەپ ئويلايمەن . ھەم ئۈزۈم بىر جوڭگولوق مۇسۇلمان بولوش سالاھىيىتىم بىلەن باش شۇجىغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن .
زۇڭلى ۋىنجىياباۋ : بۇ كىشىمۇ ماڭا بەك تونوش ،ھەم پۈتۈن دۇنياغا تونوش ،ماڭا
تونوش بولغىنى ئۇنىڭ ئېتىز بىشىدا ،ئاپەت بولغان رايۇنلاردا ،خەلىقنىڭ ئارىسىدا ،پۇقرالارنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقان ، يىتىم بالىنى كۆتۈرۋالغان ، پاتقاق كېچىپ ئۆيمۇ -ئۆي ھال سوراۋاتقان .نەدە يوقسىزچىلىق ،قۇرغاچىلىق بولسا شۇ يەردە كۆرىمەن .
بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق رەھبەر بارمىدۇ ؟ مىجەزى يۈرۈش تۇرىشىدىن قارىغاندا
ھەممە ئىشقا تەڭ كۆيىنىدۇ ،ھەرگىزمۇ سېنىڭ ياكى مېنىڭ دىگەن ئۇقۇم يوق .
كۈلسەڭ تەڭ كۈلىدۇ ،يىغلىساڭ تەڭ يىغلايدۇ ، جوڭگولوقلارنىڭ رەھبەردىن
ھەقىقەتەن تەلىيى بار .. بۇ مىنىڭ جوڭگودىكى ھەممە رەھبەرنى دىگىنىم ئەمەس ...
قاچانلىكى بۇ كۈيۈمچان زۇڭلىرىمىزنى تېلىۋىزۇردا كۆرسەم ،ئىش -ھەركەتلىرىگە
قاراپ ھەقىقەتنمۇ زوقوم كىلىدۇ ،سالاپىتىدىن ھىچقانداق بىر چوڭچىلىقنى ھىس
قىلمايسەن ،ئىگىلىپ تۇرىدۇ ،پەزىلەت مانا مۇشۇ .. شۇ كۆرنۈشلەرنى بىزنىڭ
مۇشۇ يەردىكى يوغان قورساق ،گاداي باشلىقلار كۆرۈپ نۇمۇس قىلماسمۇ دەپ
ئويلايمەن ،بىر دۆلەتنىڭ زۇڭلىسى شۇنداق يەرلەردە ،قىلچە ئىككىلەنمەي ،
پاتقاق كېچىپ ئەل ئارىسىدا پۇقرالىرىنىڭ قولىرىنى چىڭ سىقىپ ،ھالىغا يىتىپ ،
دەردىگە دەرمان بوپ يۈرسە ،بىزنىڭ يىزا -بازار ،شەھەر -ناھيەدىكى قىسمەن
كاۋاك باشلىقلارنىڭ ھالى پۇقرالارنىڭ يۈركىنى مۇجۇپ ،ماشىنا ئەتىرتى بىلەن ئۇيان -بۇيان قاتىراپ سەيلە بىلەن ئاۋارە . مەركەزنىڭ خەۋەرلىرىدە رەھبەرلىرىمىز ئېتىز
بىشىغا كەلسە يىنىدا نەچچىلىگەن دىھقان ئورىۋىلىپ بىر-بىرنىڭ ئەھۋالىنى
ئىيتىپ مۇڭدۇشۇپ كىتىدۇ ، شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىرىدە باشلىقلار ئېتىزلارغا چىقسا
يىنىدا بىرتال دىھقان بىلەن ئەتىراپىنى ئاق كۆينەك ،قارا كاستۇملار ئوراقلىق ،
ئېتىزنىڭ بشىدا ئېسىل ماشىنىلار قاتار تىزىلىپ كەتكەن . بۇغدايلارنى دەسسەپ ...بەتىڭكىلىرىدە ..دىھقاننىڭ پۇتىدا سېرىق چوخاي ..قىردا تۇرغان ..
بىزنىڭ زۇڭلى ھەقىقەتتەنمۇ ھەمىمىزنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى ،مەن ھەم بۇ سۈيۈملۈك زۇڭلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولشىنى ئۈمىت قىلىمەن ، ھەم ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن . مەن بىر مۇسۇلمان ،مەن ئاللاھتىن ھەممە ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن .
ياراتقان ئىگەمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە كىشىلىرىمىزگە رەھمەت قلىىشىنى تىلەيمەن .
رەھبەر دانا بولسا ،خەلىق شاھ بولىدۇ ،خەلىق شاھ بولسا ،دۆلەت پايانسىز .
تۈگىمەس خوشاللىقتا ...كۆڭلى ھاراقتىن نېرى كەتمەيدىغان رەھبەرنىڭ خەلىقى ،خوتونلىرى بازادىن كەتمەيدىغان جەمىيەتتىن باشقىسى ئەمەس .
<<باش سەرخىل بولسا ،بەدەن ساغلام بولىدۇ >>
<<مەن >>
داۋامى...
مەنبە :كەڭ ساي تورداشلار ئەسەرلىرى