تىما : نىكاھ ــ ئۆمۈر سودىسى
دەرىجىسى: رەسمىي ئەزا
UIDنۇمۇرى: 675
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:126
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
ئۆسۈش: 452 %
مۇنبەر پۇلى: 1133 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-07-22
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-08-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-28 23:34 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 نىكاھ ــ ئۆمۈر سودىسى





* مۇھەببەت ۋاپاسى بىلەن ، ھالاۋەت جاپاسى بىلەن .

* يارىڭنىڭ يۈزىنى كۆرگۈچە ،خۇيىنى كۆر .

* مۇھەببەت ئايدىك كېچىدە سەيلە قىلىش ئەمەس ،بوران-چاپقۇندا قول تۇتۇشۇپ مېڭىش دېمەكتۇر .

* گۇمان – مۇھەببەتنىڭ دەرىخىنى كېسىپ تاشلايدىغان پالتا دېمەكتۇر .

* تەڭشەلمىگەن يۈك تۆگىنى ئازاپلايدۇ ،نورمالسىز مۇھەببەت  ۋىجداننى ئازابلايدۇ .

* تويدا گۈزەللىك لازىم ،تۇرمۇشتا مۇھەببەت .

* ئەر-خوتۇننىڭ ئىناقلىقى ئۆينىىڭ بەختى .

* گېپى ياماندىن قورقما ،كۆڭلى ياماندىن قورق .

* مەۋقەسى يوق يىگىتتىن ،ماي چىقمىغان چىگىت ياخشى .

* ۋىجدانسىزنىڭ گۈلى بولغۇچە ،ۋىجدانلىقنىڭ قۇلى بول.

* يىپ ئۈزۈلسە ئۇلىغىلى بولۇر ،كۆڭۈل ئۈزۈلسە ئۇلىغىلى بولماس .

* ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش ،خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش .

* ئىش يارىسا پۇلىغا قارىما ،قىز يارىسا ئانىسغا قارىما .

* ئەقىلسىزگە قول بەرمە ،سۆيمىگەنگە دىل بەرمە .

* ھەسرەت ـــ تاپا تەنىدە بىلىنىدى ،مۇھەببەت ـــ ۋاپادا بىلىنىدۇ .

* چىرىپ قالغان دەرەخ ئاسان يىقىلىدۇ ،ساقتا مۇھەببەت ئاسان بۇزىلىدۇ .

* ئاۋال ئادەم بول ،ئاندىن ئۆيلۇك بول .

* قەدىم جايدىن ئايرىلما چەت  بولسىمۇ ،قەدىناستىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ .

* تاشلاپ قاچىدىغان قىز بار .ئېلىپ قاچىدىغان جۇۋان بار

* يامان خوتۇن ئالغۇچە ،بويتاق ئۆتكىن ئۆلگۈچە .

* ئاجراشقاننىڭ كۆتى ئېچىلار ،ئاجراشمىغاننىڭ بەختى ئېچىلار .

* تولا ئەرگە تەككەننىڭ ياقىسى چىت ،تولا خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت .

* چىراي تاللىماي ،مىجەز تاللا

* خوتۇنسىز ئەر ،ئىگەرسىز ئات دېمەكتۇر .

* ئايالسىز ئائىلە خۇددى سۈيى يوق تۈگمەنگە ئوخشايدۇ .

* ئەر كىشى يوق ئائىلە خۇددى قۇياش چىقمىغان كۈندۈزگە ئوخشايدۇ .

* ئايالىڭنىڭ چىرايىنى ماختىما ، قابىلىيىتىنى ماختا .

* ئەرسىز ئايال رولسىز كېمە ، ئايالسىز ئەر يۈگەنسىز ئات .


  مەنبە :«ئەدەب دېڭىزىدىن مارجان سۆزلەر» دىن

-سىز كۆرۋاتقان تىما نىكاھ ــ ئۆمۈر سودىسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇرم ،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ ؟
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا

UIDنۇمۇرى: 29
نادىرلانغان يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى:491
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە491دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 1366 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-05-29
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-08-03
1-قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-29 00:03 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

گېپى ياماندىن قورقما ،كۆڭلى ياماندىن قورق .
ماۋۇ گەپ بۇلىدىكەن ،مىنىڭ گىپىم يامان بولغان بىلەن كۆڭلۈم بەك ياخشى ،شۇڭا  كەڭسايدىكى قىزلار
مەندىىن قورقۇپ كەتمەڭلار ،،،،،،،،،،،،،