ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :مۇنبەرداشلار. مەن بۇ تېمىنى بۇرۇن بىر يوللاپ بولغان، بۇ قېتىم ئۆيدە ئاۋازغا ئېلىپ يوللاپ قويدۇم. ئاۋازغا ئېلىش ئەسلىھەلىرىم بولمىغاچقا،سۆرەتكە ئېلىش ئاپىراتىدا ئالغان، تازا ياخشى چىقماي قالدى، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر.
ئاناڭ قالدى ياشىنىپ
ئاپتورى:نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
ئاناڭ قالدى ياشىنىپ،بەل پۇتلىرى ئېگىلدى،
قۇندۇز چېچى ئاقىرىپ، تارغاق كۆرمەي چىگىلدى.
تونىمايدۇ گاھىدا ئىشىك چەكسەڭ سىنىمۇ،
نۇرى سۇنۇپ كۆزىنىڭ،كىرپىكلىرى تۆكۈلدى.
ئۆزى ئىچمەي ئىسسىق چاي، پۈۋلەپ ساڭا ئىچكۈزدى،
چايناپ ساڭا قاتتىق نان،مارجان چىشى تۆكۈلدى.
سەپەر قىلساڭ يىراققا ئەنسىرەيدۇ ئۇ سەندىن،
تىلەپ ساڭا ئامانلىق جەينامازغا يۆكۈندى.
ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، ساقلار ساڭا ئوشۇقنى،
تىتىرەيدۇ قوللىرى، تۇتالمايدۇ قوشۇقنى.
ئېيتالمايدۇ ئەللەينى بۇرۇنقىدەك يىقىملىق،
شۈمەك سېلىپ زاكىداپ،تەۋرىتەلمەس بۆشۈكنى.
يېتىرقىما،ئەيمەنمە، قورۇق باسقان ئەپتىدىن،
سېنى يۈدۈپ ھاپاشلاپ قالغان مەغرۇر قەددىدىن.
ھېس قىلىدۇ ئۆزىنى، تۆت كۈنلىكى قالغاندەك،
بۈگۈن ئۆتسە شۈكرى دەپ،تەمايى يوق ئەتىدىن.
ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ،باققان سىنى ئويلاپ قوي،
پاقلان سويۇپ، چاي قۇيۇپ، قورسىقىنى توقلاپ قوي.
<<ئاناڭ كۆيەر ساڭىلا،سەن كۆيىسەن بالاڭغا>>.
كۈن بولمىسا ھەپتىدە سوۋغات ئىلىپ يوقلاپ قوي.
پاكىز يۇيۇپ تاراپ قوي،چىگىش كىرگەن چېچىنى،
كۆرپە سىلىپ ئاستىغا، تۇتۇپ قويغىن بېلىنى.
يىيەلمەيدۇ ئېشىنى سىنىڭ گۆدەك چېغىڭدەك،
پۈۋلەپ چايناپ يىگۈزگىن، يىيەلمىگەن ئېشىنى.
ئانا بەرگەن ئاق سۈتكە،بارچە ئىنسان قەرىزدۇر،
ئاقلاش ئۇنىڭ سۈتىنى، مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر.
ئاناڭ ھايات چېغىدا ئالالمىساڭ رازىلىق،
ئۇ ئالەمگە بارغاندا سورىقى بار ئەرىزدۇر.
2010-يىلى 31-ماي دۈشەنبە
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-07-28 17:47قايتا تەھرىرلە ]