قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يادرولۇق مەركىزى پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا،كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۇزاقتىن بۇيان بۇ جاينى تالىشىپ كەلگەن. چەت ئەللەرنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش شۈبھىسىزكى قىرغىزىستان يېڭى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كەسكىن سىناق ھېسابلىنىدۇ.
قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى قازاقبايېۋ يېقىندا: رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستانغا 2 – ھەربىي بازىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايمىز، دېدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان بۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. قازاقبايېۋ: قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېخى سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ‹‹بۇ ھازىر ئىنتايىن تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى››، دېدى.
تەھلىلچىلەر: قازاقبايېۋنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىلگىرى توختىتىپ قويغان رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاندا 2 – ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ئالاقىدار سۆھبەتنى قايتا باشلاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. روشەنكى، قىرغىزىستان بۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىدى.
رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ئىككىنچى ھەربىي بازا قۇرۇشىنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى باقىيېۋ بىللە پۈتۈشكەن. بۇلتۇر ئاۋغۇستتا، رۇسىيە – قىرغىزىستان رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىش ھەققىدە ئەسلەتمە ئىمزالىغان. بۇ ئەسلەتمىگە ئاساسەن، رۇسىيە قىرغىزىستاندا بىر ھەربىي بازا قۇرىدۇ ھەم بىر باتالىيون ئەسكەر كۆپەيتىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ھەربىي مەشىق مەركىزى قۇرۇشنى كېلىشكەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مەشىق مەركىزىنىڭ ئورنىنى تاللاش، ئىجارە ھەققى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزبېكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر كۈچلۈك قارشى تۇرغانلىقتىن، رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ئورنى ۋە ئۇنى قۇرۇش شەرتىگە ئالاقىدار يېڭى كېلىشىم تۈزۈش ئۈستىدە ئىزچىل پۈتۈشمىگەن.
بۇنداق ئەھۋالدا، قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل مارتتا قىرغىزىستان ھەربىي خادىملىرىنى مەشىقلەندۈرش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ 50 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى باتكېن رايونىدا تېررورلۇققا قارشى مەشىق مەركىزى قۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى. قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى باقىيېۋ رۇسىيە، ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلىسىدە ‹‹گېپىدە تۇرماي››، رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى تېزلا يىرىكلىشىپ كەتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەھلىلىدە: رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ئىككىنچى ھەربىي بازا قۇرۇشتا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى نەزەرگە ئالغان، دەپ قارالدى.
بىرىنچى، رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستانغا تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش. بۇ يىل ئىيۇننىڭ باشلىرىدا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جەلالئاباد ئوبلاستىدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتى بىر مەھەل كونترولسىز قالدى. جەنۇبنىڭ ۋەزىيىتىنى تېز مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىغا تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتىشىنى ئىككى قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، رۇسىيە بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلدى.
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى بېساروۋ: رۇسىيە ئەتراپلىق ئويلىشىپ، ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ بۇ رايوننىڭ سەركىسى بولۇش ‹‹ئابرۇيى››نى قوغداش ئۈچۈن، رۇسىيە جەزمەن باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدۇ، دېدى.
ئىككىنچى، ئاففانىستاندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. ئوتتۇرا ئاسىيا ئافغانىستاندىن چىقىدىغان زەھەرنىڭ رۇسىيەگە ئېقىپ كىرىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا يېقىنقى ئون يىلدا ئافغانىستاندىن چىققان زەھەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 1 مىليوندىن ئاشقان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر يىلى ئافغانىستاندىن چىقىدىغان زەھەرنىڭ تەخمىنەن 20 توننىسى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتىدىغان بولسىمۇ، قىرغىزىستان بۇ زەھەرنىڭ%5 ىنىمۇ قولغا چۈشۈرەلمەيدىكەن. رۇسىيە زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرى: ئافغانىستاندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، رۇسىيە قىرغىزىستاندا ئىككىنچى ھەربىي بازا قۇرۇشى كېرەك، دېگەن.
ئۈچىنچى، ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش. بۇ يىل مايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھە قۇرىدىغانلىقى، بۇ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەشىق بازىسىنى قۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. قىرغىزىستاندىكى مۇستەقىل ھەربىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى بوندارېس مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ماناس›› ھەربىي بازىسىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىككىلىسىدە ھەربىي خادىملار تۇرىدۇ، ئىچكى قىسمىنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى نازارەت قىلمايدۇ.