مەنبە:
شىنخۇا تورى 2010-يىلى27-ئىيۇل

شالۇن ۋە ئۇنىڭ يولدىشى

شالۇن ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ تويلۇق سۆرىتى
بەدەن ئېغىرلىقى 286 كىلوگىرام كېلىدىغان ئەنگىلىيەلىك ئەڭ سېمىز ئايال شالۇن دوختۇرنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىماي، ئوغرىلىقچە يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى يىمەكلىكلەرنى يەۋىلىپ، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 25-ئىيۇل دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.
ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 25-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن شالۇن بەدەن ئېغىرلىقى بەك ئېشىپ كەتكەنلىكتىن يۈرىكى بېسىمغا ئۇچراپ، دوختۇرخانىدا ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. دوختۇر ئۇنىڭغا ئەگەر يەنە يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى يىمەكلىكلەرنى يېسە ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا توخو پاچىقى، بېلىق كاۋىپى ۋە تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ئوغرىقلىقچە ئىلىپ كەلگۈزۈپ يېگەن. نەتىجىدە يۈرەك بىسىمى ئېشىپ كىتىپ قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، ئەسلىدە شالۇننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، 4 بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، توختىماستىن كۆپ مىقداردا يىمەكلىك يەيدىغان بولۇپ قالغان. مەسئول دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىچكىم ئۇنىڭ يىمەكلىك يىمەسلىكىنى توسۇپ قالالمايدىكەن.
 |