بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر قويىنى يېتىلەپ كېتىۋاتسا، ئۈچ دانە ئوغرى ئۇ كىشىنىڭ قويىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا مەسلەھەتلىشىپ، ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ ئىشقا كىرىشىپتۇ:
بۇ ئۈچ ئوغرى باشقا بىر يول بىلەن ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئارىلىرىدا بىرەر كىلومېتىردىن مۇساپە قويۇپ، ئاستا مېڭىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قويىنى يېتىلەپ بىرىنچى ئوغرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشىگە، ئوغرى: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، نەگە ئېلىپ ماڭلا بۇ ئىتنى؟» دەپتۇ.
قوي ئىگىسى: «ساراڭمۇ سىلەر؟ قويغۇ بۇ! نېمانداق قوينى ئىت دەيلا؟» دەپ يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ. ئوغرى ئارقىسىدىن: «ماقۇل، ئىتمۇ، قويمۇ؟ ئۆزلىرى بىلەلا، مەن كۆرگىنىمگە قاراپ گەپ قىلدىم» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قوي ئىگىسى ئىچىدە: «قوينى ئىت دەۋاتىدۇيا ماۋۇ! ساراڭمۇ، نېمە؟» دېگەچ يولىغا داۋام قىلىپتۇ.
قوي ئىگىسى يەنە خېلى يول يۈرگەندىن كېيىن ئىككىنچى ئوغرى يېنىغا كېلىپ: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەتىگەن ئىت يېتىلەپ مېڭىپلىغۇ؟ نەگە ئېلىپ ماڭلا؟ تالاشتۇرغىلىمۇ؟ ياكى ساتقىلىمۇ؟ سىلەر بىر مويسىپىت ئادەم تۇرسىلا، توۋا! بۇ ياشقا كەلگەندە ئىت يېتىلەپ مېڭىش سىلىگە قەتئىي ياراشماپتۇ» دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇ ئاق كۆڭۈل تاغىمىز: «نېمە دەۋاتىلا؟ قويغۇ بۇ مانا، ئۇبدان قارىسىلا» دەپ يولىغا مېڭىپتۇ. لېكىن كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپ، ئارقىسىغا بىر قاراپ، ئالدىغا بىر قاراپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئەتىگەن ئۆيىدىن ئۆزى باغلاپ چىققان قويىغا سەپسېلىشقا باشلاپتۇ ۋە ماڭغاچ ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىپتۇ:
«ياق، بۇ قوي، راستىنلا قوي، ئۆزۈم ئېغىلغا كىرىپ باشقا قويلارنىڭ ئارىسىدىن تۇتۇپ چىقتىمغۇ! ياق، بۇ ئىت ئەمەس. ياكى مەن قوينى باغلىدىم دەپ ئىتنى باغىلىدىممۇيا! ئىككى ئادەم قولۇمدىكىنى ئىت دەۋاتىدۇغۇ! ئەگەر راست ئىتنى يېتىلەپ ماڭغان بولسامچۇ! بۇ نېمىدېگەن سەتچىلىك! مەن مەھەللىدە تونۇلغان بىر ئادەم تۇرسام! ھەي ي ي… ».
بۇ كىشى ئۆزىگە ئۆزى ئەنە شۇنداق بىر نېمىلەرنى دەپ، ئارا-سىرە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ قويغا سىنچىلاپ بىر قاراپ قويۇپ كېتىۋاتسا، ئۈچىنچى ئوغرى تۇيۇقسىزلا: «ۋوي، توۋا خۇدايىم، زامانى ئاخىر بولدىمۇ نېمە؟ مەھەللىمىزدىكى تەقۋادار، خۇداگۇي ئادەملەردىن سىلىنى قالدى دەيتتۇق، خاتالىشىپتىمىز ئەمەسمۇ؟ ئىسىت! بۇ ياشتا ئىت يېتىلەپ ماڭغىنىنى، نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟» دەپتۇ.
ئۇ كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قولىدىكىنىڭ قوي ئەمەس، ئىتلىقىدا قىلچە گۇمانى قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قوينىڭ ئارغامچىسىنى يېشىۋېلىپ: «كۇچە!!! ھۇ لالما! قويلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان بولغىيدى بۇ نىجاسەت! دىققەت قىلمايلا باغلاپ چىقىپتىمەن ئەمەسمۇ!» دەپ قوينى ھەيدىۋېتىپتۇ.
نەتىجىدە ھېلىقى ئۈچ ئوغرى تاغىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلىكىدىن پايدىلىنىپ قوينى ئېلىۋاپتۇ. تاغىمىز كۈندۈزلۈكتە كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ قويىنى ئۆز قولى بىلەن ئوغرىلارغا بېرىۋېتىپتۇ.