ئەر -ئاياللار ئاجرىشىش باسقۇچۇغا بېرىپ قېلىشتىكى سەۋەپلەر مۇنداقمىكىن دەيمەن:
1. ئۇلار ئىككىسى ياكى بىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبدىن تۇرمۇشتا كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار ئۇلارنىڭ مېھرى مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاخىرى بىر-بىرىدىن سوۋۇپ ئاجىرىشىپ كېتىشنى تاللىشى مۇمكىن. پەزىلەتسىز كىشى شەخسىيەتچى، ئىچى تار كېلىدۇ. ھەم قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىلا كۆزىگە كۆرۈنىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىغا بىر خىل نەزەردە جۆرىسىنىڭ تۇققانلىرىغا بىر خىل نەزەردە قاراپ جۆرىسىنىڭ دىلىغا ئازار قىلىدۇ. ئەپۇچان بولمايدۇ. مۇشۇ خىل ھالەت داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۆلىدۇ. توي قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن جۆرىسىگە ئۇنىڭ تەن گۈزەللىكى بىلىنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى قىممىتى ئاساسلىق رول ئويناپ شۇ ئاساستا ئاندىن ئۇنىڭ تەن گۈزەللىكى نامايەن بولىدۇ. كۆيۈمچانلقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، مۇلايىملىقى، ئەقىللىقلىقى... مۇشۇلارنىڭ كۈچىدە مۇھەببەت داۋاملىق پەرۋىش قىلىنىپ ئىككى ئادەم بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ياشىغىلى بولمايدىغاندەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئەخلاق-پەزىلىتىدە مەسىلە كۆپ بولسا بىر-بىرىدىن يىراقلىشىشقا قاراپ تەرققى قىلىدۇ، تۇرمۇشتىكى تۈگۈنلەر چوڭىيىپ پارتلاپ، ئۇرۇشۇپ ئاجىرىشىش يولىنى تاللايدۇ. بۇخىل كىشىلەر توي قىلىپ ئۇزاققا بارمايلار ئاجىرىشىشى مۇمكىن.
2. مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئاسان پارچىلىنىدۇ. توي قىلدى دىگەن گەپ مەسئۇلىيەتنى بېشىغا ئالدى دىگەن گەپ. ئۆزىگە، جۆرىسىگە، ئائىلىلىسىگە، پەرزەنتلىرىگە، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەت تورىدا مەسئۇل بولىشى لازىم بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ، ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇش. توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، ۋە ئۇنى قانداق باشقۇرۇش، جۆرىسىگە قانداق مەسئۇل بولۇش، قانداق كۆيۈنۈش قاتارلىقلار ئىككىسىنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئىككىسىنىڭ تەڭ تىرىشىشى ئارقىلىق شۇ بىر ئائىلە ئائىلە ھالىتىدە بەختلىك بىر ئائىلە بولىدۇ. مۇھەببەتكىمۇ ھەر ۋاقىت مەسئۇل بولىشى كېرەك. كىشىلەر جەمىيەتتە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدىغان بولغاچقا، شۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەرنى سىرتتىن يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنىدۇ. شۇ جەرياندا شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇھببەتىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى كەم بولسا، ئاسانلا ئېزىقىپ كېتىشى مۇمكىن. كۆڭلى تالاغا قاراپ قېلىشى مۇمكىن. تالاغا كۆنۈپ قالسا ، كۆڭلى ئۆيدە بولماسلىقى تەبى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىسىنىڭ قەدرىنى سەزمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئەسلىدىلا مەسئۇلىيەتچانلىق كەم. شۇنىڭ بىلەن 3-شەخسلەر مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل ئەرنىڭ كۆڭلىدە شەھۋەتپەرەسلىك ئۈستۈنلۈككە چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئائىلە پۈتۈنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك ئەرلەردە مەسىلە چىقىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە ئانىلىق بۇرچى ئىختىيارسىز ھالدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولىشىنى خېلى مۇھىم بىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىچىدىمۇ شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن كۆڭلى تالادا بولۇپ قالىدىغان ياكى خوتۇنلۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدىغان ئەھۋال بار. شۇنىڭ بىلەن ئېرىغا بولغان مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالمايدىغان، ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈش، ئۇنىڭغا بولغان جەلىپ قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىشى تەبى. توي قىلىپ ۋاقىت قانچىلىك ئۇزۇن بولسۇن، ئۇلارنى مەھەببەت ئاساسىدىكى نىكاھ باغلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى پەقەت پەرزەنتلىرى باغلاپ تۇرىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالسا خەتەرلىك بولغىنى. شۇڭا يەنىلا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم بولىدۇ. بولمىسا بەزى زىددىيەتلەر چىقسا، ئۇلارنى بالىلارمۇ باغلاپ تۇرالماي، ئاجرىشىشى مۇمكىن. ئايال كىشىلەر تالا ئۈچۈن ياسىنىدىغان، تالادىكى ئەرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېرىنىڭ كەمچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېسىم قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى مۇۋاپىق باشقۇرماي بەتخەشلىك قىلىپ ئىسراپ قىلىدىغان ئەھۋاللار ئېرىغا بولغان تارتىش كۈچۈنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ پۈتۈنلىكى بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، ئىككى ئادەمنىڭ تەڭ مەسئۇلىيەتچان بولىشى ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.
3. مىجەزدە كېلىشەلمىگەنلەر. بىز نۇرغۇن ئاجراشقانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشكە ھېچقانداق ئاساسى يوقتەك بىلىنىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەرگە دىگىلى بولمايدىغان كىلىشەلمەسلىك بولىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇن بولغان ئىككىسىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدا ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغان سەۋىيەدە بولماستىن، بىر -بىرىدىن رازى بولماسلىق ھالەتتە بولىشى مۇمكىن. راستلا شۇنداق بولسا بۇ ئائىلىنىڭ داۋام قىلىشى مۈشكۈل بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ تۇرمۇش ئايال كىشىنى جەلىپ قىلغۇدەك ھالەتتە بولمىسا، ئەرنىڭ ھەر قانداق پەزىلىتى بولسۇن ، ئۇنىڭ باشقا ھەرقانداق ئارتۇقچىلىقلىرى ئايالنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە بىلىنمەسلىكى مۇمكىن. ئەر ئايالنىڭ ئىككىسىدە مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا، يوق يەرلدەردىن جىدەل چىقىرىپ ، كىچىك توقۇنۇشلار چوڭ جەڭگە ئايلىنىپ ئاجىرىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاجراشقان كىشىلەر باشقىلارغا؛ "مىجەزىمىز كېلىشمىدى" دەپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بەكرەك جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەر ئاياللار توي قىلىپ ئۇزۇنغا بارماي ئاجىرىشىدۇ. مىخەزدە كېلىشەلمىدى بولغاندا، يەنە بەزى كىشىلەر ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان مىجەزى ئىتتىك، بەزىلەر ئېغىر بېسىق، بەزىلەر ئالدىراڭغۇ، بەزىلەر ھېسسىياتچان، بەزىلەر مۇلايىم، بەزىلەر سۇيۇق، بەزىلەر ئىتتىك، بەزىلەر مىسمىس دىگەندەك ھەر خىل مىجەزىدىكى كىشىلەردىن ئەر-خوتۇن بولغاندا شۇ جەھەتتىمۇ تۇقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. تۇرمۇش دىگەندە ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىكى بولىدۇ، شۇڭا بىر -بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى ئېغىرىنى كۆتىرەلگۈدەك ئەھۋالدا ئاندىن ئەپۇ قىلىشىپ، سەۋىر قىلىشىپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشۇرۇپ ئۆتىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېشىدىكى مىجەزلىرىدىمۇ پەرىقلەر بولىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇنلارمۇ بەزى يېشىدا ماسلىشىپ بەزى يېشىدا بىر بىرىگە ماسلىشالمايدىغان زىددىيەت چىقىشى مۇمكىن. يېڭى توي قىلغاندا چىقىشسا كېيىن چىقىشالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئەر ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدە ۋاقىت قەدىمى تەڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. بەزىدە ياش قىزلارنىڭ ئوتتۇرا ياشلارغا بېرىپ قالغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدا، مىجەز جەھەتتىن شۇ ياشتىكى قىزغا ، شۇ ياشتىكى ئەرنىڭ مىجەزى ئۇدۇل كېلىپ بىر-بىرىگە ماسلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
يەنە تۇرمۇشتا ئەر -خوتۇنلار قارشى جىنىس توغرىلىق بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولىشى لازىم بولمىسا ئەر ئايالنى، ئايال ئەرنى چۈشىنەلمەي ئەپۇ قىلىدىغان يەردە ئەپۇ قىلماي توقۇنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىشى كۆپرەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەت كۆرگەن، سېزىك بولغان چاغلىرىدا مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولىشى نورمال ئەھۋال. بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەزى ئاياللارنىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ قېلىشى، جىدەلخور بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ چاغدا ئەرلەر ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئېغىر بېسىق، ھەم ئەپۇچان بولمىسا، تۇرمۇشىغا دەز كېتىشى مۇمكىن. مۇشۇ مەزگىلدە ئاجىرىشىپ كېتىدىغان ياش ئەر-خوتۇنلارمۇ كۆپ. مىجەزدە پېتىشمىدۇق دەيدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلى، مىجەزى ھەر دائىم بىر خىل بولىۋەرمەيدۇ، شۇڭا ئەر-خوتۇنلار چوقۇم بىر-بىرىنى توغرا چۈشنىپ ئەپۇچان بولىشى لازىم بولىدۇ.
4. تۇرمۇش سەنئىتىنى بىلمەيدىغانلار . ئىككى جىنىسنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ بىرگە ئۆتىشى، (تۇرمۇش قۇرغىچە شۇنىڭ كۈچى بولغان بولسىمۇ ) ئاددىلا جىنسىي تارتىش كۈچۈنىڭ تەسىرىدە ئائىلە بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلىمايدۇ ، بەلكى، ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەندىن سىرت يەنە ھەقىقى مۇھاببەتنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىدىغان سەنئەتمۇ بولىشى كېرەك. بولمىسا شۇ ئەر-خوتۇن بىر ئۆمۈر سەۋىر قىلىش، بىر ئۆمۈر چىشىنى چىشلەپ ، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى كۆزىگە كۆرۈنۈپ، مانا ئۆزگىرىپ قالۇر، ئەنە ئۆزگىرىپ قالۇر دەپ تۇرمۇشى بەختسىز ھالدا داۋام قىلىشى مۇمكىن. ياش يىگىت -قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن بىر يەرگە جەم بولغۇسى كېلىپ، ئۇ يەردىن بۇ يەردىن پاراڭلاشقۇسى مۇڭداشقىسى كېلىپ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى بىر-بىرىگە دىيىشىپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما توي قىلغاندىن كېيىنچۇ؟ ئەر -خوتۇنلار مۇڭدىشىشنىڭ لازىمى يوقما؟ مەن سىلەرگە دىسەم توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇن مۇڭدىشىش تېخىمۇ زۆرۈر. چۈنكى تۇرمۇشتا جۆرىڭىزنىڭ ئىپادىلىىرىگە نىسبەتەن كۆڭلىڭىزدە ئولتۇرغان مەسىلىلەر بولىدۇ، قارشى تەرەپمۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىپادىڭىزغا قارىتا كۆلڭىدە پىكىرلەر يىغىلىدۇ. بۇنى مەن "تۈگۈن" دەپ ئاتايمەن. ۋاقتىدا مۇڭدىشىپ شۇ تۈگۈنلەر ۋاقتىدا يېشىلىمىسە ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، تۈگۈنلەرنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن ئۇ يۇغىناپ بىراقلا پارتلاپ، چوڭ جەڭ چىقىدۇ. شۇ چاغدا شۇ تۈگۈنلەرنىڭ ھەممىسى پىشانىڭىزگە تېگىدۇ. شۇ چاغدا سىزمۇ جۆرىڭىزنىڭ پىشانىسىگە قويىسىز. بۇ كىمگە پايدىلىق؟
شۇڭا مەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئايدا ئىككى قېتىم بولمىسا بىر قېتىم بولسىمۇ مىجەزى ناھايىتى ياخشى پەيتلەردە، ياتار چېغىدىكى چاغلاردىن پايدلىنىپ تۇمۇشىدا سادىر بولغان ئىشلار توغرىسىدا ئوبدان مۇڭدىشىپ تۇرىشى زۆرۈر دەيمەن. سىز ئەر بولسىڭىز تۇمۇشتا سىزنىڭ بەزى بىر ئىشلىرىڭىز ئايالىڭىز تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلمىگەنمىدۇ؟ ياكى سىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ ئايالىڭىزنىڭ دىلىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىشلار يوقمىدۇ؟ يەنە ئايالىڭىزنىڭ بەزى ئىشلاردا ئىپادىسىنىڭ كۆڭلىڭىزگە كەلگەن تەرەپلىرى يوقمۇ؟ ئۇنى تۈزىتىشكە يىتەكلەش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ئەمەسمۇ؟ ئۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بىغەرەز بولسا، ئۇنى تېخىمۇ بىغەرەز ھالىتىدە تۇرمۇشنى داۋاملاتۇرماقچىمۇ؟ مەن دەيمەن تۇمۇشتا ئوقۇشماسلىق سەۋەپتىن چوڭ زىددىيەتلەرگە تەرەققى قىلىپ شۇنىڭ تەسىرىدە بەختسىزلىككە يېتىپ بارىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. ئاياللار ئېرى بىلەن مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا "مەن بىلەن كارىڭىز يوق" دىگەن گەپلەرنى ئەرلەر ئاڭلاپ تۇرىشى مۇمكىن. بەزى ئەرلەرنىڭ ئىپادىسىدە ئايالىغا "ئۆي پەقەت قونالغۇ" دىگەن تەسىرنى بېرىپ قويىشى مۇمكىن. بۇ دىگەنلىك ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشى ،كۆپرەك مۇڭدىشىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغىنى. ئەر-خوتۇن مۇڭدىشىپ تۇرمىسا ،كۆڭلى تالاغا قېچىشى مۇمكىن. بۇ كىمگە پايدىلىق؟ تۇرمۇش تۈگۈنلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىنسا كۆڭۈل پۈتۈن بولىدۇ. مېھرى مۇھەببەت پۈتۈن بولىدۇ.
جۆرىسىنىڭ دىلىغا ئاازار بېرىپ، ئۆينى قانداق تۇتماقچى؟ مەن دەيمەن ئەمەلىيەتتە خېلى خېلى ئەر -خوتۇنلار ئاۋال ئۆزى بىلەن چىقىشالمايدۇ. بولمىسا مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرىدىغان ئىپادىدە بولماي دائىم ئۇنىڭغا پايدىلىق بولغان يەردە تۇرغان بۇلاتتى. بىر -بىرى بىلەن جىدەل قىلىشمىغان بولاتتى، مەسىلىنى چىرايلىقچە ھەل قىلىپ كەتكەن بۇلاتتى. كېلىن قېيىن ئانا مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ كەتكەنبۇلاتتى.
ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنىلا ئويلىغان بىلەن بولمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنىڭدا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىشىدۇ.
مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمەن. شۇڭا ئەر -خوتۇنلۇق مەسلىدىمۇ، شەرىەتئنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئۈگنىش لازىم دەپ بىلىمەن. ئەر-خوتۇنلارنڭ بىر-بىرىدىكى ھەقلىرىنى قانداق ئادا قىلىشى، ئىككىسىنىڭ ئورنى، بىر-بىرىگە نىسبەتەن "پادىچى" ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق تۇققانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، مەسئۇلىيەت قاتارلىق ھەممە جەھەتتە شۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشنى مۇھىم دەپ بىلىمەن. شۇ بويىچە بولمىغاندا خار بولىدىغىنى ئاياللار بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىللە بەختسىز بولىدىغانلار شۇ ئەر ۋە شۇ ئاياللار بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىدە جىدەللەر كۆپ چىقىش، ئايالغا زۇلۇم قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ ئىككى تەرەپ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە بوي سۇنمىغانلىقىتىن بولىدۇ