بۈگۈن كەچ ئىشتىن چۈشۈپلا ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىڭ، كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ قىزىل ئەتتىرگۈل قەھۋەخانىسىغا قاراپ ماڭدىڭ. بىراق، بۈگۈن سەن بالدۇر كەلدىڭ، بىلال ئاكاڭنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بىرەر سائەتتەك ساقلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تونۇش چىراي كۆز ئالدىڭدا زاھىر بولدى. يەنىلا ئىلگىرىكىدەك رەتلىك، پاكىز كېيىنگەن، چاچلىرىنى ئۆزىگە يارىشىملىق تارىۋالغان. ئۇنىڭ بۇنداق روھلۇق، جۇشقۇن قىياپىتى سېنىڭ ئالدىڭدا تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئۇ يېنىڭغا كېلىپ سەن بىلەن ناھايتى ئەدەپ بىلەن سالاملىشىپ ئولتۇردى. سىلەر خېلى بىر ئۇزۇن بىر- بىرىڭلارغا ئۈندىمەي ئولتۇردۇڭلار، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى كۈتكۈچى قىزچاقنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بۇزدى. ئىككى ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇلدى، سەن بۈگۈن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندىڭ، ئىلگىرىكىدەك ئەركىن بولالماي قالدىڭ. ئەقىللىق بىلال ئاكاڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ كېچىكىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سەن ئۈچۈن مال ئىزدەشكە باھانە قىلدى. سەن يەنىلا ئىشەندىڭ، خىجىل بولدۇڭ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈڭ، ساڭا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بىلال ئاكاڭ ئۈچۈن قەلبىڭدە دۇئا قىلدىڭ. ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىڭ... قەھۋەخانىدىن چىقىپ بىلال ئاكاڭ سېنى ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويغاچ دەيدىغان گېپى بارلىقىنى ئېيتتى. سەن خوشال بولغىنىڭچە ئۇنىڭ ئېسىل، راھەت ماشىنىسىغا چىقىپ بەخىرامان ئولتۇردۇڭ. شەھەر كوچىلىرىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار، دەل- دەرەخلەر، كوچىدا تىنىمسىز يۈرىۋاتقان ھەر خىل ماشىنىلار، ئادەملەر... ساڭا شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلدى. تەبىئەتنىڭ بارچە گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىڭ، چىرايىڭدا خوشاللىقنىڭ تەبەسسۇملىرى بىلىنەر- بىلىنمەس ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا بىر جۈپ يوشۇرۇن ئەشەددىي كۆزنىڭ ساڭا ئاچكۆزلەرچە تەلمۈرىۋاتقىنىنى سەزمىدىڭ، بۇ كۆز پات- پاتلا ساڭا تىكىلەتتى، سېنىڭدىن ھوزۇر ئالاتتى. ماشىنا شەھەر يوللىرىدىن چىقىپ خىلۋەت بىر يولغا كىردى، پەقەت مۇشۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭدە زەررىچە تەشۋىشلىنىش پەيدا بولدى-دە، دەرھاللا بىلال ئاكاڭدىن قەيەرگە ماڭغانلىقىنى سورىدىڭ. بىلال ئاكاڭ يەنىلا شۇنداق تەمكىن قىياپەتتە ساڭا: «ئازلا قالدۇق، قورقماڭ، مېنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانسىراشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزۈمچە جىمجىتلىقنى خالاپ سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىئارام تۇرىدۇ» دېدى. سەن ئىچىڭگە يىنىككىدە بىرنى تىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئولتۇردۇڭ. ماشىنا كىچىك- كىچىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغان دەريا بويىغا كېلىپ توختىدى. بىلال ئاكاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ دەريا لىۋىگە باردى، بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. سەن ئامالسىز ماشىنىدىن چۈشتۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دەريا لىۋىگە كېلىپ تۇردۇڭ. سۈتتەك ئايدىڭ كېچە، يۇلتۇزلار ۋە ئاي تۈن قوينىغا چۈمكىنىپ ئېسىلىپ تۇراتتى. ئاينىڭ سول تەرىپىگە يېقىن جايلاشقان بىر قانچە يۇلتۇز باشقا يۇلتۇزلاردىن پەرقلىنىپ چوڭ ھەم يورۇق تۇراتتى... بىلال ئاكاڭ سېنىڭ كۆككە تەلمۈرۈپ يۇلتۇز ۋە ئاينى تاماشا قىلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ ساڭا ئاچكۆزلەرچە قادالدى، كۆز ئالدىدىكى يېقىنلا يەردە تۇرغان تولۇن ئاينى ئۈزۈپلا قوينىغا سېلىۋالغۇسى كەلدى-دە، قولىنى سېنىڭ مۈرەڭگە ئۇزارتتى. سەن دېققەتسىز تۇرغان بولغاچقا بەكلا چۆچۈپ كەتتىڭ، تېنىڭ شۈركىنىپ بېشىڭدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ دەرھال ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ. لېكىن قوللىرى كۈچتۈڭگۈر بىلال ئاكاڭ قوللىرىدىن ئۆزى تارتقان سېنىڭ قولۇڭغا ئېسىلدى. «زەبىھە، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، مېنى رەت قىلماڭ. ئىشىق ئوتى بۇنداقمۇ يامان بولىدىكەن، مەن سىزگە ئاشىق، مەجنۇنلارچە ئاشىق، ئەگەر سىز مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا سودا ئىشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا شەرتسىز ياردەم قىلىمەن، سىزنى ئويلىمايدىغان كۈنۈم، چۈشلىرىمدە كۆرمەيدىغان تۈنۈم يوق...» كۈتۈلمىگەن بۇ تاساددىبىيلىقتىن ھوشۇڭنى يۇقاتقىلى تاسلا قالدىڭ، ئالدىڭدا تۇرغان بۇ ئادەم سېنىڭ بىلال ئاكاڭ ئەمەس بەلكى ياۋۇز ئادىمىي مەخلۇقنىڭ ئۆزى ئىدى. ئەمما سەن چۆچىگەن، ھەيران بولغان، قورققان ھالىتىڭنى ئۇنىڭغا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ تەمكىنلىك بىلەن: «بىلال ئاكا سىڭلىڭىزغا چاقچاق قىلىشقا ئەجەپ ئۇستا ئىكەنسىز، چاقچاق قىلسىڭىزمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلامسىز؟...» ساددىلارچە باتناپ قويۇش چارىسىنى ئىشلىتىپ قولۇڭنى ئۇنىڭ قولىدىن بوشاتتىڭ. بىراق بىلال ئاكاڭ ساڭا چاقچاق قىلمىدى، ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست، راستىنلا ساڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاخىرقى جۈملە سۆزنى دېمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىنلا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپلا تۇرۇپتۇ. سەزگۈر بىلال ئاكاڭ سىېنىڭ ئاچچىقلانغىنىڭنى تېزلا سېزىۋالدى، لېكىن ئۇنىڭ ياۋۇز نىيىتى ھەممە ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى: «زەبىھە، مەن سىزگە چاقچاق قىلمىدىم، دېگەنلىرىم راست. بىلىمەن مەن ئائىلىسى بار ئادەم، بىراق مەن سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن، سىز بىلەن تونۇشۇپ ھېسياتىمنى كونتورول قىلالمىدىم، سىزدە مەن ئىرەن قىلمايچۇ دېگۈدەك بىرەر ئىۋەن يوق. ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز كۆپ، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، ئەقىللىق... شۇڭا مەن... بۈگۈن كۆڭلۈمدىكىنى دېيىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. مېنى رەت قىلماڭ، مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلىڭ، سىزدىن ئۆتىنەي... مېنى بۇ پىراقتىن قۇتقۇزۇڭ، مېنى قوبۇل قىلمىسىڭىز دەردىڭىزدە ئۆلۈپ كېتىمەن...» دېگىنىچە قوللۇرۇڭدىن تارتىپ سېنى ئۆز باغرىغا باسماقچى بولدى. سېنىڭ قۇلىقىڭغا بۇ گەپلەر خۇددى مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلاندى، بىلال ئاكاڭدىن سەسكىنىپ كەتتىڭ. مۇشتلىرىڭ ئاچچىقتىن تۈگۈلۈپ كەتتى، بىراق چېچەنلىكىڭ، ئەقلىڭ، قىزلىق غورۇرۇڭ نادانلىق بىلەن ئىش تۇتۇشتىن ساقلاپ قالماقچى بولدى. ھېلىمۇ ياخشى سېنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى مەشققە جاپالىق بولسىمۇ كۆڭۈل قويغىنىڭ، بار كۈچۈڭ بىلەن ئۇنى ئىتتىرىپ قوللىرىدىن يۇلقىنىپ چىقتىڭ :«ياخشى كۆرۈش؟ بىلال ئاكا، كەچۈرۈڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىزنى ھەرگىز خاتا دەپ قارىمايمەن، بىراق مەن مۇھەببىتىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىزمەن. بۇ دۇنيادا بىزگە بىرگە ياشاش نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ سىزنىڭ بۇ ياخشى كۆرۈش ھېسياتىڭىز زادى قانداق ھېسيات؟ سىزدىكى كۆڭۈل زادى قانداق كۆڭۈل؟ سىزدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى دەپنە قىلىۋەتمىگەنسىز؟ مېنىڭ قەلبىمگە باشقا بىر يىگىتىنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سۆيىمەن. بارلىق مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭغا ئاتىغانمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭ قەلبىمگە بىرەر تال قارا چىكىتنىڭ چېكىلگىنىنى سېزىپلا قالسا ھېچ نەرسە بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر خالىسىىڭىز مەڭگۈ سىزنىڭ ياخشى سىڭلىڭىز بولۇشنى خالايمەن، بەختلىك ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئايالىڭىز ۋە بالىڭىزغا بارلىق مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ياخشى كۆرىمەن دەپلا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ كېتەلمەيسىز، سىز دېگەن ياخشى كۆرۈش پەقەت ھەۋەس قىلىشتىنلا ئىبارەت. سىز ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇشنى ئۈمۈد قىلمايسىز ھەقىچان، ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ بىلال ئاكا، سىزگە مىھرىبان، ۋاپادار ئايالىڭىزدىن باشقا ھەر قانداق ئايال زاتى مۇھەببىتىنى، بارلىقىنى ئاتىيالمايدۇ، سىڭلىم دەپ تۇرۇپ مېنى ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغان ئاشنىدارچىلىق دۇنيارىڭىزغا تارتماڭ. يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ھاياتى تامام...» سېنىڭچە بۇ مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش پەلسەپەلىرىڭ بىلاڭ ئاكاڭغا تەسىر قىلارمۇ؟... سېنىڭ ئۇنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەرگە كۆزۈڭ يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ كۆڭلۈڭ ئاينىيتى... بىلال ئاكاڭ بولسا ئۆز ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى، سەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىڭ، بار كۈچۈڭ بىلەن يۈگۈردۈڭ... ئارقىڭغىمۇ قارىماستىن پۈتۈن كۈچۈڭنى يىغىپ يۈگۈردۈڭ، مەلۇم ئارىلىققا كەلگەندە ئارقىڭدىن كۆرۈنگەن ماشىنا چىرىغىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ، ۋەشھىي يالماۋۇزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يول بويىدىكى بىر قورو دەرۋازىسىنىڭ دالدىسىغا كېلىپ تۇردۇڭ. بىلال ئاكاڭ سېنى خېلى ئىزدەپ تاپالماي كېتىپ قالدى... سەنمۇ ساق- سالامەت شەھەر ئىچىگە كىرىۋالدىڭ، بەدەنلىرىڭنى تىترەك بېسىپ ئاققان سوغۇق، قارا تەر كىيىملىرىڭنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى، تېخى بايىلا شۇنچە گۈزەل كۆرۈنگەن شەھەر ئەمدىلىكتە ساڭا رەزىللىك بىلەن ئورالغان قارا پەردە ھالىتىدە كۆرۈندى... ئۆيۈڭگە قايتىپ كېلىپلا يۇيۇندۇڭ، قەلبىڭنى خورلىنىش ئازابى قاماللاپ كۆزلىرىڭدىن ئازاپ ياشلىرى كەلكۈنىنى تۆككۈزدى. بىلەكلىرىڭنى قايتا- قايتا يۇدۇڭ، خۇددى بىلال ئاكاڭنىڭ قولىدىن قانداقتۇر بىرەر يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ ساڭا يۇقۇپ قالغاندەك. يۇيۇنۇپ بولۇپلا ئۆزۈڭنى خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىڭ، ھەر قېتىم كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا، ئاچچىقلانغاندا يۇيۇنۇپ ھەممىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىدىغان ئادىتىڭ بۈگۈن يەنە قايتىلاندى. بىراق بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغىنى قەلبىڭدىكى نەپرەت يۇيۇلۇپ كېتىدىغاندەك ئەمەس. ھوجۇرا دەرىزىسىنى ئېچىۋېتىپ كارىۋىتىڭغا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ، كۆزلىرىڭنى چىڭ يۇمۇپ بۈگۈنكى ئىشلارنى چۈشۈڭ بولۇپ قېلىشىغا مەجبۇرلىدىڭ، بىراق بۇ رىئاللىق. ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئالىيجاناپ بىلال ئاكاڭنىڭ ھەقىقىي ئەبتىبەشىرىسى بۈگۈن كۆز ئالدىڭدا ئاشكارىلاندى. بىلال ئاكام ئەمەس باشقا بىرى بولۇپ قالسچۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىڭ... كۆزلىرىڭگە ئۇيقا يامىشىدىغاندەك ئەمەس، ئورنۇڭدىن نەچچە رەت تۇرۇپ بىلال ئاكاڭدىن ئۆچ ئېلىش چارىسىنى ئويلاشتىڭ، كۆڭلۈڭگە بىر جىن چۈشتى-دە، بىر ئاز خاتىرجەم بولغان ھالدا ئۆز ئورنۇڭغا قايتىدىن كېلىپ ياتتىڭ...
-زەبىھە، تېلىفۇننى قويىۋەتمەي تۇرۇڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي سىزگە دەيدىغان گېپىم بار...
-ماڭا يەنە نېمە دېمەكچى، ئايالىمدىن ئاجرىشاي، ماڭا ياتلىق بولۇڭ دېمەكچىمۇ؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، ئەمدى ماڭا تېلىفۇن قىلغۇچى بولما، مېنىڭ نېمە خىزمەت قىلىدىغىنىمنى ئوبدان بىلىسەن...
-ياق، ياق ئۇنداق ئەمەس... ۋەي، ۋەي....
سەن ئۇنىڭ يەنە ئاللىقانداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرمىدىڭ، پۇرسەت بېرىشنى خالىمىدىڭ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇڭ. كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ بىلال ئاكاڭ سېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ؟ سەن ئۇنىڭغا بەكلا ئىشنەتتىڭغۇ؟ ئۆزۈڭنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىيلىكىڭ، ئەقىللىق، ئەستايىدىل، چېچەنلىكىكدىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىلال ئاكاڭ ئۆزىمۇ شۇنداق دېگەن تۇرسا. كىم سېنى بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن ئائىلسى بار ئادەمگە يېقىنلاشسۇن، ياخشى مۇئامىلىدە بولسۇن دەپتىكەن. ئۆزۈڭدىن كۆر.
بىر قانچە كۈنگىچە چىۋىن يەۋالغاندەك خارامۇش يۈردۈڭ، ھەممىدىن بەك ئاچچىقىڭ كەلگىنى ئۇنىڭ: « ئەگەر سىز مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا سودا ئىشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا شەرتسىز ياردەم قىلىمەن» دېگەن ئاخىرقى سۆزى ئىدى. ۋىجدانىڭ خارلانغاندەك ھېس قىلدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئاجىز بىر قىز بولۇپ قالغىنىڭدىن ئۆكۈندۈڭ. چىقىش يولۇڭغا شەھۋەت قاينىمىدا قايناپ كەتكەن بۇنداق ئادەمنىڭ توسالغۇ بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىڭ. چەتئەللىك سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا مال تاپالمىغانلىقىڭنى دەپ ئەپۇ سورىدىڭ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار بىلەن دەسلەپتىلا «بەلگىلىك ۋاقتى ئىچىدە مال تاپالماي قالساڭ باشقا ۋاكالەتچى تېپىشىنى، قوشۇلمىسا بۇ سودىغا قولۇڭنى تىقمايدىغىنىڭنى» دەپتىكەنسەن، بولمىسا يەنە بىر مۇنچە زىيان تارتقان بولاتتىڭ. ئارتۇقچە ئازابلىنىپ، ياش تۆكمە قىزچاق، بۇ قېتىملىق ئىش سەن ئۈچۈن بىر تەجىربە، گەپ سېنىڭ بۇ تەجىربىنى قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ يەكۈنلىشىڭگە باغلىق.
يەنە ناتونۇش نومۇردىن تېلىفۇن كەلگىلى تۇردى، بىر قانچىسىنى ئالمىدىڭ، بۇنداق قىلغىنىڭ توغرا ئەمەس. ئويلاپ باقتىڭمۇ سېنى ئىزدەيدىغان ئىش بېجىرىدىغانلار بولۇپ قالسىچۇ؟ دېگەنكىدەك ئەنسىرەپ ئالغىنىڭ ھاجەتمەن بىر كىشىنىڭ تېلىفۇنى بولۇپ چىقتى. بىراق سەن تېلىفۇننى ئالماسلىق بىلەنلا بىلال ئاكاڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرالمايسەندە؟!... بىلال ئاكاڭ ئىشخانىدا يالغۇز قالغان ۋاقتىڭنى مۆلچەرلەپ بىر كۈنى سېنى ئىزدەپ كەلدى، ئىشخانا ئىشىكى ئىككى قېتىم چېكىلدى، سېنىڭ «كىرىڭ» دەپ بەرگەن ئىجازىتىڭ بىلەن ئۇ كىرىپ كەلدى. سەن ئىش ئۈستىلى ئالدىدا كومپىيوتىرغا قاراپ ئىجتىھات بىلەن ماتىرىيال تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىدىڭ، بېشىڭنىمۇ بۇراپ قارىماستىن: «ياخشىمۇسىز! نېمە ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىڭىز، ئاۋۋال ئولتۇرۇڭ» دېدىڭ.
-زەبىھە، سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم، قايسى كۈندىكى ئىشلارنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي دەپ ئويلىغان لېكىن سىز پۇرست بەرمىدىڭىز، مەن ئامالسىز قالدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئىشخانىڭىزغىلا ئۈسۈپ كىرگىنىمنى كەچۈرۈڭ،... -تونۇش ئاۋاز دېققىتىڭنى ئۆزىگە بۇرىدى. ئالدىڭغا بىلال ئاكاڭ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئەپۇ سوراپ تۇراتتى.
-كىم سىزنى بۇ يەرگە كەلسۇن دېدى، گەپ تۈگىدى، سىزمۇ دەيدىغىنىڭىزنى دېدىڭىز مەنمۇ دەيدىغىنىمنى دەپ بولدۇم. ئەمدى تولا كۆزۈمگە كىرىۋالماڭ، بولمىسا ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن. ئاچچىقىڭدا ئېغىزىڭدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدىڭ.
 |