ئۇيغۇرلاردا دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى (1)
مېھرىگىيا
1. مىللەتپەرۋەرسىزلىك
ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭنىڭ سۇس بولۇشى ھەر بىر سەگەك ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭىمۇ، تارىخىمىزدا قۇتۇپلىشىش، ئۆز نامىنى ئۆز يۇرت نامىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى دىنىي سالاھىيەتنى ئىپادىلەيدىغان نامنى مىللىي نامى ئورنىدا قوللىنىشتەك ھادىسىلەر كۆپ تەكرارلانغان. گەرچە زامانىمىز بىزدە مىللىي ئويغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگۈلۈۋاتقان قىياپەتكە ئىگىدەك قىلسىمۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنى يەنىلا ناھايىتى يىتەرسىز دېيىشكە بولىدۇ. بەزىدە تېخى بىزدىكى مىللىي ئاڭ ۋە ھېسىيات ھەقىقىي قىممىتىنى تامامەن يوقىتىپ، سودا خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، پايدىغا ئېرىشىش بىلەن زىياندىن قېچىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغان.
مىللىي ئاڭنىڭ تۆۋەنلىشى بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە زىيانكار بولۇشى بىلەن بىللە، ئۆز-ئارا مەنپەئەتدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىغا، بىر-بىرىگە زىيان سېلىش خاراكتىرىگە ئىگە مۇناسىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مىللەت كىشىلىرى روھى ۋە ئېتىقادى جەھەتتىكى باغلىنىشىنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇغان بىر توپ «مەن»لەرگە ئايلىنىدۇ-دە، ئۇلار قۇرۇق نامدا بىر مىللەت تەۋەلىكىدە بولغان بىلەن، غايە ۋە مەقسەت جەھەتتە ھەر بىرى ئاللىقاچان پارچىلانغان بولۇپ، يەككە مەنىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدۇ.
دېمەك، مىللىي روھنىڭ يىتەرسىزلىكى ئەنە شۇنداق سەلتەنەت بىلەن ئۇلۇغلۇقنىڭ خىيانەت بىلەن شۇملۇققا ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئىللەتتۇر.
خوش، ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلۇقى نېمە سەۋەپتىن؟
بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بىزدىكى مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھادىسلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماي بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز، سەن كىمنىڭ مىللىتى دىگەن سۇئالغا، «ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز توغرا قارىلىدىغان تەربىيە تەسىرىدە ئۆستۇق. «دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەت بار» دېگەندەك تەلىملەرنى ھەمىشە ئاڭلاپ تۇردۇق. مىللەتنى سۆيۈش ھەققىدىكى پاراڭلارغا قارىتا: « كىمكى مىللەتچىلىك بىلەن ئۆلىدىكەن، شەكسىز دوزىخىدۇر» دەيدىغان ھاماقەت ياشلارنى كۆپ ئۇچراتتۇقكى، كىندىكىمىزدىن تۆۋەن چۈشۈرمەي سۆيۈپ ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ھېچبىرىدە «ئۇيغۇر» دېگەن كەلىمىنى ئۇچرىتالمىدۇق...
بىز ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنىلا كۆزلەپ، ياخشى ئۇيغۇر بولۇشنى ئۇنتۇدۇق. مۇسۇلمانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن ۋاز كەچتۇق، گويا ئۇيغۇرلۇقىمىز ئېتىقادىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىزنى ئاللانىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك.
بەزى ھاللاردا، مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھېسىياتىمىزدىن ئەرەپلەرگە بولغان ئالاھىدە ھېسىيات ئۈنۈپ چىقىپ، ئەرەپلەر ۋە ئۇلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولدۇق. ئەرەپلەرنىڭ تىلى مۇكەممەل، دىلى تەقۋادار، مەدەنىيىتى يۈكسەك، تۇپرىقى مۇقەددەس بىلىندى. ئۆزىمىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز ناچار، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ناچار نەرسىسى يوقلۇق ئېتىقادىنى قەلبىمىزگە مەھكەم ئورناتتۇق. كۈرمىڭ ئۇيغۇر بالىسى ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەرەپلەرنىڭ خورمىسىنى سۆيگەنچىلىك سۆيمىدى دېسەك، بەلكىم مۇبالىغە بولماس. سايرام كۆلىدىن 10 قېتىم ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر سۈزۈك كۆل سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچىشكە قىزىقمايدۇكى، ھەرەمدىن ئېلىپ كەلگەن بىر كومزەك زەمزەمنى 10 يىل ساقلاپ ئىچمەي قالمايدۇ؛ ھەج-تاۋاپ ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر ئۆي-ماكانىنى ساتسىمۇ رازىكى، ھەرەم زېمىنىدا ئۆلۈپ قېلىشنى ۋە ھەرەم توپىسىغا كۆمۈلۈپ يېتىشنى ئاللادىن تىلەيدۇ. چۈنكى، بىزچە مۇسۇلمانچىلىق شۇنداق بولۇشى كېرەك. پەقەت ھەر بىر ئۇيغۇر ئاللانىڭ نەزىرىدە ئىتائەتمەن مۇسۇلمان بولسا، ئۇيغۇرلۇقىنى ئادا قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىۋالسا، ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلىسىمۇ مەيلى!
ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەت نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇنداق يول بىلەن قولغا كىلىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدىكى مىللەتلەرنىڭ، تۈرلۈك مىۋىلەرنىڭ ۋە يەر تېگىدىن چىقىدىغان سۇلارنىڭ ئاللانىڭ نەزىرىدە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتىمۇ؟! ...
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
ياراتقۇچى ئاللا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا، ھەر قايسى مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان مەدەنىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىر كىمگە بىرەر بۇيرۇق چۈشۈرگىنى يوق. شۇڭا، بىزدىكى مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىشىنى ئىسلامىيەتتىن كۆرۈش نادانلىق، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئىسلامىيەت مىللىي مەۋجۇتلۇققا قارشى دىن بولغىنىدا، ئىسلام تارالغان پارىس، ئافغان، تۈرك ئەللىرىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن ئەرەپلىشىپ كەتسە، ياكى ئەرەپلەر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قوشۇلۇپ كەتسە بولاتتى. لېكىن ئۇلار بىر خىل دىنىي ئېتىقاد ئىچىدە ھەر خىل مىللەتلىك سالاھىيىتىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ كەلدى ھەم كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھادىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا بولغان تونۇشنىڭ خاتالىقىدىن كىلىپ چىققان دېمەي بولامدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنى ئۇنۇتقان مۇسۇلمان ياشلار سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكى يۇقارقى نۇقتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشىچە، مىللەتنى سۆيۈش مىللەتچىلىككە ياتىدۇ، مىللەتچىلىك بولسا ئادەمنى كۇفرىغا ئاپىرىدۇ. قاراڭ، ئۇلار مىللىي مەسىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ قىزىق ۋە نازۇك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، دۇنيالىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەرنىڭ مىللەت ئايرىمىسى بويىچە تەقسىملىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمىگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار تېخىچە ئۆزىدىن باشقىلارنى "كۆزى كور" دېيىش بىلەن ئاۋارە.
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
بۇرۇن ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىملىرىمىزنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئۆز يېزىقىدا يېزىشقا مەيلى بولمىغانلىقى، ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىشقا ئېتىبار بېرىلمىگەنلىكى، تارىخىي ئىزلارنىڭ ئۆزىمىز تەرىپىدىن تەلۋىلەرچە ئۆچۈرۈلگەنلىكى، لەنىتى خوجىلارغا "پەيغەمبەر ئەۋلادى" دەپ باش ئۇرۇپ، ساددا قەلبىدىن تارتىپ ناتىۋان قىزلىرىغىچە ئۇلارغا قۇربان ئەتكەنلىكى، نەچچە رەت تىل-يېزىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەرەپلەرگە تېخىمۇ يىقىنلاشنى ئىستىگەنلىكى، مېنىڭچە شۇ خىل مەنىگە ئىگە ئىشلاردۇر. ئۆز ئارزۇ- تىلەكلىرىنى ئۆز تىلىدا بايان قىلسا، ئاللا چۈشەنمەيدىغاندەك، شۇنىڭغىمۇ ئەرەپچە تامغىنى بېسىشلارنى نېمە دەيمىز؟ گويا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئاللا ئەرەپكە ئايلىنىپ قالغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەرەپلەرگە قانچە ئوخشىيالىسا، ئاللاغا شۇنچە ياقىدىغاندەك ياشاشلىرىمىز نە قەدەر كۈلكىلىك بولغان!
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
<بوزقىر مۇنبىرى>دىن يۆتكەپ كېلىندى.