查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقاد رېئاكسىيەسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقاد رېئاكسىيەسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

kizilkowruk 2011-05-23 12:12
ئۇيغۇرلاردا دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى (1)

 مېھرىگىيا 
                                                 1. مىللەتپەرۋەرسىزلىك
ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭنىڭ سۇس بولۇشى ھەر بىر سەگەك ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭىمۇ، تارىخىمىزدا قۇتۇپلىشىش، ئۆز نامىنى ئۆز يۇرت نامىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى دىنىي سالاھىيەتنى ئىپادىلەيدىغان نامنى مىللىي نامى ئورنىدا قوللىنىشتەك ھادىسىلەر كۆپ تەكرارلانغان. گەرچە زامانىمىز بىزدە مىللىي ئويغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگۈلۈۋاتقان قىياپەتكە ئىگىدەك قىلسىمۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى  مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنى يەنىلا ناھايىتى يىتەرسىز دېيىشكە بولىدۇ. بەزىدە تېخى بىزدىكى مىللىي ئاڭ ۋە ھېسىيات ھەقىقىي قىممىتىنى تامامەن يوقىتىپ، سودا خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، پايدىغا ئېرىشىش بىلەن زىياندىن قېچىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغان.
مىللىي ئاڭنىڭ تۆۋەنلىشى بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە زىيانكار بولۇشى بىلەن بىللە، ئۆز-ئارا  مەنپەئەتدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىغا، بىر-بىرىگە زىيان سېلىش خاراكتىرىگە ئىگە مۇناسىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مىللەت كىشىلىرى روھى ۋە ئېتىقادى جەھەتتىكى  باغلىنىشىنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇغان بىر توپ «مەن»لەرگە ئايلىنىدۇ-دە، ئۇلار قۇرۇق نامدا بىر مىللەت تەۋەلىكىدە بولغان بىلەن، غايە ۋە مەقسەت جەھەتتە ھەر بىرى ئاللىقاچان پارچىلانغان بولۇپ، يەككە مەنىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدۇ.
دېمەك، مىللىي روھنىڭ يىتەرسىزلىكى ئەنە شۇنداق سەلتەنەت بىلەن ئۇلۇغلۇقنىڭ خىيانەت بىلەن شۇملۇققا ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئىللەتتۇر. 
خوش، ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلۇقى نېمە سەۋەپتىن؟
بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بىزدىكى مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھادىسلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماي بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز، سەن كىمنىڭ مىللىتى دىگەن سۇئالغا، «ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز توغرا قارىلىدىغان تەربىيە تەسىرىدە ئۆستۇق. «دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەت بار» دېگەندەك تەلىملەرنى ھەمىشە ئاڭلاپ تۇردۇق. مىللەتنى سۆيۈش ھەققىدىكى پاراڭلارغا قارىتا: « كىمكى مىللەتچىلىك بىلەن ئۆلىدىكەن، شەكسىز دوزىخىدۇر» دەيدىغان ھاماقەت ياشلارنى كۆپ ئۇچراتتۇقكى، كىندىكىمىزدىن تۆۋەن چۈشۈرمەي سۆيۈپ ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ھېچبىرىدە «ئۇيغۇر» دېگەن كەلىمىنى ئۇچرىتالمىدۇق...
 بىز ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنىلا كۆزلەپ، ياخشى ئۇيغۇر بولۇشنى ئۇنتۇدۇق. مۇسۇلمانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن ۋاز كەچتۇق، گويا ئۇيغۇرلۇقىمىز ئېتىقادىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بىزنى ئاللانىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك.
بەزى ھاللاردا، مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھېسىياتىمىزدىن ئەرەپلەرگە بولغان ئالاھىدە ھېسىيات ئۈنۈپ چىقىپ، ئەرەپلەر ۋە ئۇلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولدۇق. ئەرەپلەرنىڭ تىلى مۇكەممەل، دىلى تەقۋادار، مەدەنىيىتى يۈكسەك، تۇپرىقى مۇقەددەس بىلىندى. ئۆزىمىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز ناچار، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ناچار نەرسىسى يوقلۇق ئېتىقادىنى قەلبىمىزگە مەھكەم ئورناتتۇق. كۈرمىڭ ئۇيغۇر بالىسى ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەرەپلەرنىڭ خورمىسىنى سۆيگەنچىلىك سۆيمىدى دېسەك، بەلكىم مۇبالىغە بولماس. سايرام كۆلىدىن 10 قېتىم ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر سۈزۈك كۆل سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچىشكە قىزىقمايدۇكى، ھەرەمدىن ئېلىپ كەلگەن بىر كومزەك زەمزەمنى 10 يىل ساقلاپ ئىچمەي قالمايدۇ؛ ھەج-تاۋاپ ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر ئۆي-ماكانىنى ساتسىمۇ رازىكى، ھەرەم زېمىنىدا ئۆلۈپ قېلىشنى ۋە ھەرەم توپىسىغا كۆمۈلۈپ يېتىشنى ئاللادىن تىلەيدۇ. چۈنكى، بىزچە مۇسۇلمانچىلىق شۇنداق بولۇشى كېرەك. پەقەت ھەر بىر ئۇيغۇر ئاللانىڭ نەزىرىدە ئىتائەتمەن مۇسۇلمان بولسا، ئۇيغۇرلۇقىنى ئادا قىلمىسىمۇ بولىدۇ؛ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىۋالسا، ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلىسىمۇ مەيلى!
ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەت نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا ئەنە شۇنداق يول بىلەن قولغا كىلىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدىكى مىللەتلەرنىڭ، تۈرلۈك مىۋىلەرنىڭ ۋە يەر تېگىدىن چىقىدىغان سۇلارنىڭ ئاللانىڭ نەزىرىدە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتىمۇ؟! ... 
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
ياراتقۇچى ئاللا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا، ھەر قايسى مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان مەدەنىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ھەققىدە  بىر كىمگە بىرەر بۇيرۇق چۈشۈرگىنى يوق. شۇڭا، بىزدىكى مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىشىنى ئىسلامىيەتتىن كۆرۈش نادانلىق، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئىسلامىيەت مىللىي مەۋجۇتلۇققا قارشى دىن بولغىنىدا، ئىسلام تارالغان پارىس، ئافغان، تۈرك ئەللىرىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن ئەرەپلىشىپ كەتسە، ياكى ئەرەپلەر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قوشۇلۇپ كەتسە بولاتتى. لېكىن ئۇلار بىر خىل دىنىي ئېتىقاد ئىچىدە ھەر خىل مىللەتلىك سالاھىيىتىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ كەلدى ھەم كەلمەكتە. 
ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرسىزلىك ھادىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا بولغان تونۇشنىڭ خاتالىقىدىن كىلىپ چىققان دېمەي بولامدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنى ئۇنۇتقان مۇسۇلمان ياشلار سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكى يۇقارقى نۇقتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارىشىچە، مىللەتنى سۆيۈش مىللەتچىلىككە ياتىدۇ، مىللەتچىلىك بولسا ئادەمنى كۇفرىغا ئاپىرىدۇ. قاراڭ، ئۇلار مىللىي مەسىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ قىزىق ۋە نازۇك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، دۇنيالىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەرنىڭ مىللەت ئايرىمىسى بويىچە تەقسىملىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمىگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار تېخىچە ئۆزىدىن باشقىلارنى "كۆزى كور"  دېيىش بىلەن ئاۋارە. 
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
بۇرۇن ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىملىرىمىزنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئۆز يېزىقىدا يېزىشقا مەيلى بولمىغانلىقى، ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىشقا ئېتىبار بېرىلمىگەنلىكى، تارىخىي ئىزلارنىڭ ئۆزىمىز تەرىپىدىن تەلۋىلەرچە ئۆچۈرۈلگەنلىكى، لەنىتى خوجىلارغا "پەيغەمبەر ئەۋلادى" دەپ باش ئۇرۇپ، ساددا قەلبىدىن تارتىپ ناتىۋان قىزلىرىغىچە ئۇلارغا قۇربان ئەتكەنلىكى، نەچچە رەت تىل-يېزىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەرەپلەرگە تېخىمۇ يىقىنلاشنى ئىستىگەنلىكى، مېنىڭچە شۇ خىل مەنىگە ئىگە ئىشلاردۇر. ئۆز ئارزۇ- تىلەكلىرىنى ئۆز تىلىدا بايان قىلسا، ئاللا چۈشەنمەيدىغاندەك، شۇنىڭغىمۇ ئەرەپچە تامغىنى بېسىشلارنى نېمە دەيمىز؟ گويا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئاللا ئەرەپكە ئايلىنىپ قالغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەرەپلەرگە قانچە ئوخشىيالىسا، ئاللاغا شۇنچە ياقىدىغاندەك ياشاشلىرىمىز نە قەدەر كۈلكىلىك بولغان!
دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ!
<بوزقىر مۇنبىرى>دىن يۆتكەپ كېلىندى.

kizilkowruk 2011-05-23 13:08
ئۇيغۇرلاردا دىنى ئېتىقاد رېئاكسىيەسى (2)

                                                  تەقدىرچىلىك
كونىلارنىڭ «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دەيدىغان گېپى بار. كۆپلىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز، بۇ گەپنى ئانچە قۇبۇل قىلالمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلگەن بىلەن، «تەقدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا» دېگەن مەنىگە ئىگە بۇ گەپ، مۇسۇلمانچىلىقتا ئاغزىمىزدىن دائىم چۈشۈرمەيدىغان «ئىنسان ئاجىزدۇر»، «ئاللاسىز قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەن گەپلەر بىلەن سىغىشالامدۇ؟
بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئالەم يارىتىلىشتىن ئاۋال، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى بىلەن كەلگۈسىدىكى ھالاك بولۇشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن تارىخى يېزىلىپ بولغان دېگەنگە ئەقىدە قىلىمىز؛ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى بەلگىلىنىپ بولغان دېگەنگە ھەم ئەقىدە قىلىمىز؛ ئىنسانغا يېتىدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللانىڭ تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز؛ بىز يەنە، ئاللانىڭ بارلىق يازمىش-پۈتمۈشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە، ھچېقانداق سەۋەپكە چېتىلمىغان ھالدا يازغانلىقىدىن گۇمان قىلمايمىز. ھاياتىمىزدا، «تەقدىرىڭ تەدبىرىڭگە باغلىق»قا قارىغاندا، «ئاللاسىز قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە ئۈگۈتلەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى چوڭ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز يارىتىش ئىرادىمىز ئۆز تەقدىرىمىزنى ئاللاغا تاپشۇرۇش ئېتىقادى ئالدىدا بەكلا ئاجىزدۇر. ھەر قانداق ئىش ۋە ھادىسە، جۈملىدىن تۈرلۈك ئۆلۈم-يىتىم، باي-كەمبەغەللىك، ياخشى-يامانلىق، ئاسانلىق-ئوڭۇشسىزلىق، ئاپەت- ئامەت، ساقلىق-كېسەللىك، غەلبە-مەغلۇبىيەتنى ئاللا تەرەپتىن كىلىپ تۇرغان سىناق دەپ ئويلىغان ئادەمدە، تەبىئىي ھالدا غەلبىنى يەكۈنلىمەسلىك ۋە مەغلۇبىيەتكە قانائەت قىلىشتەك ھەممىگە كۆنۈك زەئىپ روھىي ھالەت ئەۋج ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى توغرا تونۇش، مەغلۇبىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىش دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش تەسكە چۈشىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەممە ئىش شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بولۇپ قالىدۇ-دە، كىشىلەر ئۆز بەختسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشكە يىتەرلىك ئۇرۇنمايدۇ. «ئۆتەر جاھان، كىتەر يامان» دەپ ياشايدۇ.
مەسىلەن:
بىر نامرات ئۆزى كۆڭلىنى «روھىي جەھەتتىن مەن باي» دەپ ئاۋۇندۇرىدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتى ناھايىتى قىسقا، مەڭگۈلۈك بولغان باقىي ئالەمدە جەننەتكە كىرىپ، راسا ياشىيالايمەن دەپ خىيال سۈرىدۇ؛
بىر كېسەل «ئاللا تەرەپتىن سىنىلىۋاتىمەن» دەپ ئۆز كۆڭلىنى ياسايدۇ. كېسەل بىر ئاز ئېغىرلاشقاندا، ئاللادىن كېسىلىگە شىپالىق تىلەيدۇ. كېسەل پىشىپ قالغاندا بولسا، دوختۇرنى ئىزدەيدۇ؛
بىر نادان ئاللانىڭ نەزىرىدە ياخشى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن خۇشاللىنىدۇ. ئىمانى بولمىغان ئاقىل ئادەملەرگە قاراپ، ئۇلارغا ئېچىنىدۇ. «بىلىملەرنىڭ ھەممىسى قۇرئاندا» دېگەندەك خىياللار بىلەن سۈرە ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ؛
بىر مەغلۇپ بولغۇچى ئۆز مەغلۇبىيىتىنى ئاللانىڭ تەقدىرىدىن دەپ ئويلايدۇ. ئاللانىڭ غەلبە ئاتا قىلىشىنى تىلەيدۇكى، ئۆزى ئاندا-مۇندا قول سېلىپ سەۋەپ كۆرسەتكەندىن باشقا، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشكە يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇرۇنۇپ كۆرمەيدۇ.
قىسقىسى، بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆز قىسمىتىدىكى بەختىيار تەرەپلەرنى ئاللانىڭ رەھمىتىدىن دەپ بىلگەندەك، ئۆزى دۇچ كەلگەن دىشىۋارچىلىق بىلەن بەختسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدەپ باقماي، ئاللانىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدىن دەپ بىلىدۇ. شۇنچە ناچار ھالغا چۈشۈپ قالسىمۇ، بۇنىڭدا «ئاللانىڭ ھېكمىتى باردۇر» دەپ ئويلايدۇ.
ئۆز تەقدىرىنى پەقەت ئاللا يازىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ دەيدىغان تەقدىرچىلىك قارىشىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى، تەقدىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا، شۇ ئادەملەرنىڭ تەقدىرى ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا دەپ ئىشەنگۈچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۇلار، ئۆز تەقدىرىنى يازغۇچى غالىپلار بولالمايلا قالماي، ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارغا يازدۇرىدىغان نابۇتلارغا ئايلىنىدۇ.
تەقدىرچىلىكتىن ئۈنۈپ چىققان يەنە بىر خىل قاراش بار، ئۇ دەل «ئۇ دۇنيانى دەپ، بۇ دۇنيانى ئۇنتۇشتۇر». ئەمەلىيەتتە تەقدىرچىلىك قارىشى ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ھەممىگە- زۇلۇم، ئازاپ، كېسەللىك، مەغلۇبىيەت، نامراتلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىدىيىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشنىڭ كاپالىتى. ئىككى دۇنيا ھاياتىغا باراۋەر قاراشنىڭ توسالغۇسى. ئۇ دۇنيا ئۈچۈن بۇ دۇنيانى ئېتىبارغا ئالماسلىق، ئەقىدىنى قويۇپ مەنتىقە نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ دۇنيا ھاياتى زامان جەھەتتىن مەڭگۈلۈك بولسىمۇ، يەنىلا مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتنىڭ داۋامى ۋە نەتىجىسى. ئۇ دۇنيادا شۇنچە گۈزەل جەننەتكە مۇيەسسەر بولغۇچى، مۇشۇ دۇنيادا ھەر ئىشنى توغرا ۋە ئوبدان بىجىرگەن كىشىدۇر. دېمەك، بۇ دۇنيا ئاساسىغا قۇرۇلغان دۇنيانى دەپ، مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇش چۇقۇم خاتادۇر!

urkesh 2011-05-23 14:06
قالتىس ،، ھەقنى سۆزلەپتۇ. بىر مىللەت مىللى روھىنى يۈتتۈرمەي تۇرۇپ قۇل بولمايدۇ.

samanyoli 2011-05-23 14:25
ساراڭ،،،،،،،،،،،     

دانىش 2011-05-23 14:35
ھەق گەپ!

rayhan 2011-05-23 17:40
جاپا تارتىپسىز........

bugra944 2011-05-23 17:46
مىللەت ئىشىغا دىننى سۆرەپ كىرمەسلىكىڭىز كىرەك ئىدى ، بۇ پەقەت ئارىمىزغا ئىتپاقسىزلىق ئۇرىقىنى چاچىدۇ خالاس

kizilkowruk 2011-05-23 17:48
    بۇ ماقالىدىكى بەزىبىر گەپ-سۆزلەر بەكلا ئاشۇرۇۋېتىلگەن،بەزى پىكىرلىرىنى مەنمۇ قوبۇل قىلالمىدىم،ئاپتور دېمەكچى بولغىنىنى تولۇق ئىپادە قىلالمىغان ئوخشايدۇ،تەنقىدىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئوقۇيلى.

maniwer2010 2011-05-23 18:12
بۇ تېمىنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن بىۋاستە  «توقۇنۇشۇپ» قالىدىغان جايلىرىنى سەزمىدىم،،،
اللاھ : « يارىتىشنى ياراتتىم ،يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن .» دىگەن ،،،بۇ ئەلۋەتتە «تەدبىرىڭ
قانداق بولسا ،تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ ،،»دىگەن ھۆكۈمنى چەتكە قاقمايدۇ ،،،

ئۇيغۇرزات 2011-05-23 18:20
؟؟؟؟؟............؟؟؟   

fatih204 2011-05-23 18:22
بىزدىن بىرسى مىللەتتىن سورىسا ئويغۇر دەيمىز ،
دىنى ئىتىقاتتىن سورىسا مۇسۇلمان دەيمىز،
ئىككىسى ئىككى كاتوگورىيەگە تەۋە سۇئال
قىززىق يىرى بىز دائىم ئارلاشتۇرۋالىمىز،
قەلبىڭىزدە ئاللاھقا مۇھەببىىتىڭىز ھەقىقى چوڭقۇر بولسا ،شۇندا مىللەتكە ئەمىلى ئىشنى كوپرەك قىلالايسىز، زىنادىن يىراق تۇرىسىز ،نەتىجىدە قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى يەي دەپ داد ئىيتىدىغان ،ئوزى نەچچە قىزنى يولدىن چىقارغان ئاتالمىش مىللەتپەرۋەرلەرگە قارىغاندا ھەر ھالدا مىلىتىڭىزنىڭ ئانىلىرىغا ئىپلاس قولىنى ئۇزاتمايدىغان ،ئۇلەرنى شەرمى ھاياغا ئىپپەتلىك بۇلۇشقا چاقىرىدىغان ئادەم بولىسىز،   زاكات سەدىقە بىرىسىز يەنى ئاۋال قەۋمى قىرىنداشىڭىزغا تۇققانلىرىڭىزغا  ،ھەر بىر كىشى ئوز تۇققىنىغا بەرسە ياخشى،ئويغۇرنىڭ تۇققىنى ئەلۋەتتە ئويغۇر بولىدۇ دە شالغۇتلا بولمىسا،دىمەك بۇ ئارقىلىق يىللاپ مىس موچەننى كىشىگە بەرمەيدىغان گەپ قىل دىسە بىزنىڭ مىللەت دەپ چۇشىدىغان كىشىلەرگە قارىغان ھەر ھالدا مىللەتكە ئىقتىسادى تەرەپتىن يار يۇلەكتە بولىسىز،       ئىسلامى ئاڭ يىتىلگەنچە ،چوڭقۇرلاشقانچە،ئوزىڭىزنىڭ مومىن مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى ئاللاھنىڭ سىزنى قەدىرلىك مۇكەررەم قىلىپ ياراتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز،ۋە بۇنداق ئىقتىسات تەرەپلەردە ،ئىلم ساھەلىرىدە كەينىدە قېلىشنىڭ  شۇنچىلىك مۇكەررەم مۇسۇلمانغا ياراشمايدىغانلىقىنى،بىلىپ يېتىسىز ،ۋە ئوشبۇ ساھەلەردە نەتىجە قازنىشقا تىرىشىسىز،نام چىقىرالىسڭىز  دىننى تۇنۇتقان بولىسىز مىللەتنى تۇنۇتقان بولىسىز،  بۇنىڭدا     قانداقتۇر دىننى ئويغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقونلۇق دەپ قارىغان ،مۇشۇ كەينىدە قالغىنىمىزنى ئوزىمىزنىڭ دىننى چۇشەنمەي،بورمىلەپ چۇشۇنۇپ قالغانىمىزدىن كورمەي  ساپ دىندىن كورىدىغان ئومرى بويى باھانە ئىزدەيدىغان بىر تۇركۇم كىشىلەرگە قارىغاندا مىللەتكە توھپىڭىز كوپراق بولىدۇ،           ھەشەمەتچىلىك قىلمايسىز،  غەيۋەت  يالغاندىن يىراق تۇرىسىز،  ئامانەتكە خىيانەت قىلمايسىز،  ئەيدىز بولمايسىز ،زەھەر ساتمايسىز،  ...............ساناپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ئللەتلەر تۇكۇلۇپ يېتىپتۇ          يوقارقى ئىللەتلەرنىڭ قايسى بىرى مىللىتڭىزگە زىيانلىق ئەمەس ،              ناۋادا ھەقىقى تەقۋا مۇسۇلمان بولسىڭز   يوقارقى ئىللەتلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىن ھەر ھالدا ئىگىسىنى تۇنىمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يىراق بولىدۇ ، ئو  چاغدا سىز ئاللاھقا ھەم قەۋمى قىرىنداشىڭىز مىللىتىڭىزگە ھەم يارايسىز،
شۇڭا   دىنىمىز بىلەن مىللىتىمىزنى بىربىرگە قارشى قىلىپ شۇ قارشىلىقلاردا گاڭگىراپ يۇرمەيلى  
ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ كورۇڭچۇ                 ئاغزىڭىزدا مىللەت دىمىسىڭىزمۇ           شۇ مىللىڭىزگە ھەقىقى نەپ يەتكۇزەلەيسىز

newruz 2011-05-23 18:23
تارىخقا قاراپ بېقىڭلار!
تەڭرىقۇت!
تەڭرى قۇت بېرىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ! بىر ئايەت دەلەل كەلتۇرەي! بىز تۇزكور شۇڭا زىيان ئىچىدەمىز. دىنني ئەقىدە بىلەن دىنسىز ئەقىدە بىرلەشتۇرۇپ ئېلان قىلىنغان يازما. ئەلۋەتتە ئىنساننى قۇتقا باغلىيالمايدۇ.

زامانلار بىلەن قەسەمكى! ئىنسان قۇتسىز ۋە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت بىر بىرىگە چىنلىقنى(راست ئەرەپچە، ھەق پارىسچە سۆز) چۈشەندۇرگەن، بىربىرىگە كەمتەرلىكنى(سەبرىنى) چۈشەندۇرگەن كىشىلەرلا ياخشى ئەمەل قىلغانلاردۇر.
سىز كەمتەرلىكنى چۈشەندۇردىڭىزمۇ ياكى تەنقىدنىمۇ؟ چىنلىقنىمۇ ياكى پەرەزنى.
تەنقىت كەمتەرلىك بولالمايدۇ! پەرەز چىنلىق بولالمايدۇ. پەرەز ئەمەس بولسا بىزگە دەلىل كەلتۇرۇڭ. سىتاتىسكىلىق سان سېفىرلار بىلەن مەنە ماۋۇ دوۋلەت مۇنداق ئىدى مۇنداق بەختلەك بولدى سەپ چىن دەلىل ھۆججەتلىرىنى كەلتۇرۇڭ. قۇرۇق گەپنى تولا ئاڭلاپ زېرىكمىدىڭلارمۇ؟ 96% نوبىل مۇكاپاتى ئالغۇچى دىنغا ئىشىنىدۇ. مانا بۇ پاكىت. پەيغەمبىرىمىز، تەڭرىقۇت ئەنە شۇ ئېتىقادىغا سادىق بولۇپ ياشىدى. ئېتىقاتقا سادىق بولمىغان مىللەتلەر گۇمراھ بولغانلىق پاكىتلار يەرشارىنى ئايلىنىپ كۆرسىڭىز ماڭدامدا بىر. شۇڭا ئا ئۆتكۈر بىزدىكى كېسەل ئەقىدىسىزلىك دەپ ئېيتقان! سىز نىمە دىمەكچى؟ يالغانغا راستنى ئارلاشتۇرۇپ. قاچانمۇ دەلىل كەلتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولارمىز ھە!

http://torsodisi.blogbus.com مەنزىلم

fatih204 2011-05-23 18:23
بۇ مەن بۇرۇن يوللىغان تىما ئىدى ،، بەزىلەر كورگەن بۇلىشى مۇمكىن ،، بۇ تىمىغا قارىسام ئازراق مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ ،، شۇڭا قايتا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم ،،،

سودىگەر 2011-05-23 18:37

بۇ تىمىنى يازغان ئادەمنى  سەل بىنورمال  كۆردۈم ،


ئويلان 2011-05-23 18:55
مەن "ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدىن"،قەۋىم-قېرىنداشلىرىمنى (يەنى بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان"مىللىتىم"نى) جېنىمدىن ئەزىز بىلىمەن.ئەمما مىللەتكە ئەمەس،ئاللاھقا چوقۇنىمەن.ئەگەر بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقان "مىللەتنى سۈيۈش" ئۆز قەۋىم قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى،تەرەققىياتى ۋە ھايات-ماماتىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆڭۈل بۈلۈش بولسا،بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ گۈزەل ئىش ھېسابلىنىدۇ.ئەمما مىللەت نامىنى كۆتۈرىۋېلىپ ،كىچىككىنە ئىشلار ياكى ئۇقۇشماسلىقنى دەستەك قىلىپ ،ئۆزىنىڭ دىننى قېرىنداشلىرىمىز(ئەرەبلەرنى دېمەيلى قويايلى،قازاق،قىرغىز،ئۆزبەك)قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئارازلىشىش،دۈشمەنلىشىش،چەتكە قېقىش تىپىدىكى "مىللەتنى سۈيۈش" بولسا ئۇنداقتا سۈيۈدىغانلار سۈيۈۋالسۇن.
(شەخسىي كۆز قارىشىم، خالاس. شۇڭا ئارتۇق -ئۇشۇق سۆز بولۇنمىغاي!)

komutan 2011-05-23 19:46
مەن قارىسام بۇ تېمىنى ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم يېزىپتۇ، پىتنە تېرىيدىغان تېما ئىكەن بۇ، ھەي.... نىمىشقا ئويلىشىپ يوللىمايدىغاندۇ.

مۇشۇ گەپلەرنى يازغاندا، ماۋۇ تېمىنى يازغۇچى جەمىيىتىمىزدىكى ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟  كىملەرنىڭ،  نىمىنى نىشان قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ مۇشۇنداق قارىسىغا گەپ قىلسا قانداق بولىدۇ؟ زادى كىم مىللىتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، كۈچ چىقىرۋاتىدۇ،بۇنىڭدىن خەۋىرى بارمۇ؟
مۇشۇ ماقالىنى يازغان ئادەمنى بىزنىڭ مەكتەپكە تەكلىپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ مەكتەپتە ھەرخىل ئادەملەر تېپىلىدۇ، چوڭلار مائارىپىغا كەلگەن، خېلى چوڭ  چوڭ ئادەملەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىر كۆرگەن بولسا ئىدى،  شۇلارنىڭ سورىنلىرىغا بىر قاتنىشىپ باققان بولسا ئىدى ،بۇ گەپلىرىنى چوقۇم قايتۇرىۋالغان بولاتتى.....

«ئىمان بىلەن ھايا بىرسى-بىرسىگە تۇتاشقان ئىككى مۈڭگۈزگە ئوخشايدۇ، بىرى كۆتۈرلۈپ كەتسە يەن بىرىمۇ كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ.
»ھەددىستىن. بىر پەيغەمبەر « ئەگەر ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل!» دەپتىكەن.  ئەسلى مەسىلىنىڭ يىلتىزى نېمە ئىكەنلىكىنى  ئوبدان ئويلاڭ!  

abduwali123 2011-05-23 19:55
مۇشۇمۇ تېما بۇلدىمۇ ؟ ئۆز  دىننى سۆيۈشنىڭ نىمە گۇناھى بار؟ سىز نىمەدىمەكچى؟ مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقان كندىكى ئۇچۇق ئۇسۇلچىلار ۋە ياكى ئىلى داچۇنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن خەلىق ئۈچۈن ۋىجدانى قايناپ دەب-دەبىلىك شىئىر ئەسەر يىزۋاتقانلارمۇ، ۋە ياكى قىممەتلىك ئۆزلۈكنى ساقلاپ مىللى ۋە دننى قورغاننى مىڭ يىللار مابەيىندە مۇستەھكەم مۇداپىئە قىلۋاتقانلارمۇ، زادى كىم ھەققى مىللەت سۈيەر؟ زادى كىم ؟
قېرىندىشىم ئىماندىن ئايرىلغان مىللەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتىگە قىزىقسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ  قانلىق تىراگىدىيەسى <<چالا تەككەن ئۇق>> رۇماننى كۈرۈپ چىقىشڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن .بۇنىڭدىكى ئوت يۈرەك يىگىت ئىرپاننىڭ پاجىئەسى دەل سىزدەك قاراشتىكىلەرگە ئۇچۇق  جاۋاپ بىرەلەيدۇ ، خەيىر بۇرادەر كۆرمەي قالماڭ ئۈتۈنۈش .   

abduwali123 2011-05-23 20:31
بارلىق تورداشلار <<ئانا  تۇپراق>> تورىغا بىر كىرىڭلار خۇشخەۋەر بار
تېمىسى   ،ئۇيغۇر تىلنى قوغداش لايھەسى يوللاندى   

ibrayim 2011-05-23 20:54
تىمائىگىسىنىڭ ئىنكاس شەكىلدەيازغان تەقدىرچىلىك ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشغا تىگىشلىك مەسىلە،نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ تىما ئىگسى ئېيتقاندەك تەقدىر توغرىسىدا خاتا كۆزقاراشتا دىينىمىز،ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە

ۋىجدانىم 2011-05-23 21:52
دوستلار بۇ تېما مېنىڭمۇ گېلىمدىن ئۆتمىدى.   مۇشۇ تېمغا قارىتا يېزىلغان ماۋۇ تېمنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
http://www.almizar.net/bbs/read.php?tid=7995

ئەسلى ماۋۇ يەرگە يېزلغان ئىكەن"  http://www.bozqir.cn/bbs/read.php?tid=318   بۇنى يازغان كىشگە رەھمەت
كۆڭلىمدىكى گەپلەرنى دەپ رەددىيە بېرپتۇ.ھەجەپ ياخشى.

گۈلخان 2011-05-23 23:06
قىرىندىشىم ياخشى يىزىپسىز بىراق ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلار ئەمەسكەن

تاھىر 2011-05-24 00:23
قۇرۇق شۆھرەت قوغلىشىپ يېزىلغان تېما !!!  

تاھىر 2011-05-24 10:40
10_قەۋەتتىكى فەتىخنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بېقىڭلا مىللەت بىلەن دىننى ئايرىۋالغان نوچىلار !!!  

تەرجىمان 2011-05-24 10:55
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى يارىتىلغان پەن تېخنىكا ، تىبابەت، سەنئەت، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئەرەپچە يېزىلمىغانلىقتىن ئوتقا تاشلىنىپ ، يىرتىلىپ، چېقىلىپ تۈگىگەن دىگەن قاراشنى بىر تىمىدىن كۆرگەندەك قىلغان  

newruz 2011-05-24 11:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى urkesh نىڭ 2011-05-24 01:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەقىقەت سەل ئاچچىق بىلىنىۋاتامدۇ قانداق..؟! ئەتىدىن كەچكىچە ئىسلامدىن پەلسەپە ساتسىلا ياخشى يازما بولىۋەرمىسۇن، مىللەت دەيدىغان بىر نەرسىمۇ بار ..

قېرىندىشىم باشسىز تەن بولۇشتىن زېرىكمىدىڭىزلارمۇ؟ ھېلىمۇ باشسىز ياشاش جەريانىدا خاراپلاشمىدۇقمۇ. تىل خرىسىلا ئەمەس مىللەت خىرىسى ئالدىدىمۇ يەنىلا شۇ كونا مۇقامنى توۋلاۋېرەمدۇق!
قۇرئان ھەر تىللاردا مەدھىيەلىنىدۇ دىيىلگەن. دىمەك ئاللاھقا يۇزلەنمىگەن ۋە تايانمىغان مىللەتنى قۇتقۇزۇش بىر خام خيالدىن ئىبارەت. قېنى قانچە قېتىم مىللەت دەپ توۋلىغانلار قۇرۇق ئىمىزگە چىشلەۋاتمامدۇ. ئەرەپ ئارىلىدا مىللەت ئەمەس ئاللاھ دەپ شۇئار توۋلىۋىدى. ئەرەپ تىلى ۋە مەدىنىيىتى بۈگۈنگىچە گۇللىنىپ تۇرىۋاتمامدۇ. مۇشرىكلار مىللەت دەپ شان شەرەپسىز ۋە خارلىقتا نام نىشانسىز ھالاك بولدى. بۇ سىزگە ئىبرەت ئەمەسمۇ. تەقرىقۇت نامى بىلەن ئاتالغانلار زەپەر قۇچتى. بۇمۇ ئىبرەت بولمامدۇ.

ئىگىسىز قۇتسىز، تەڭرىسىز قۇتسىز، باشسىز قۇتسىز، قۇتسىز يالغان سوزلەيدۇ. يالغاننى تەرغىپ قىلىدۇ. قۇتسىزغا يالغاننى تاڭغان ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ يالغانچىلىقلىرى....
قېىنى ئېيتىڭ قېرىندىشىم. مىللەت، ئەقىل بىر نىمەتتۇر. نىمەت ئىنساننى قۇتقۇزىدۇ دىيىلسە كىم ئىشىنىدۇ. مىللەت ۋە ئەقىلنى تۇتقىلى بولامدۇ. تۇتقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم ئۇقۇم. ئاپتاپ پەرەسكە قاراپ بېقىڭ....قۇياشىدىن ئايرىلىپ قالسا دان بېرەمدۇ. ئىنسان ياراتقۇچىسىنى تونۇماي قۇتى كېلەمدۇ؟

قۇرلۇش ھۆددىگىرى ئىشباشى دىيىلىدۇ. خەنچە باۋگوڭتۇر....قېنى دەپ بېقىڭ! ئىش باشى، خەرىتىسى، بىلىم كۈچ، يىمەكلىك بولمىسا شۇ ئىشباشى تەمىنلىمىسە قۇرلۇش پۇتەمدۇ. سىز باشسىزلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتامسىز ياكى ئۆزىڭىزنى ئىش باشى دەپ تونۇشتۇرۋاتامسىز؟
ئا ئۆتكۈر نىڭ ئىز رومانىنى يەنە بىر ئوقۇپ كۆرۇڭ ئەقىدىسىزلىك شۇ مىللەتنىڭ ھالاكىتىدۇر. يەھۇدىيلارنىڭ 2000يىللىق سەرگەردان ھاياتىمۇ شۇ ئەقىدىسىزلىكتىن كەلگەن. ئاللاھقا مۇھاببەت باغلاپ يۇزلىنىپ تايىنىشنى بىلمەي...ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى بولغان ئەقىل ۋە مىللەت، ئويغۇنۇشلارغا مۇھاببەت باغلايمىزمۇ؟!
كېسەل ئۇستىگە كېسەل ئېلىپ كېلىشتىن باشقا دەلىل كەلتۇرگىدەك بىرەر پاكىتىڭىز يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق! چۈنكى سىز يالغاننى، يوقنى، باتىلنى ياخشى كۆرىسىز؟ ئەگەر بارنى ياقتۇرسىڭىز ئېيتىڭە؟ مىللەت سىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ قولى بارمۇ پۇتى بارمۇ؟! كۆرەش ۋە تىرىشىش دىگەن بىر سۈپەت سۆزى. سۆز سىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئالتۇن بۇتنىغۇ چېقىپ يىمەكلىك سېتىۋېلىپ يىگىلى بولىدۇ. سىز تەرغىپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بۇتچىلىك قەدرى بارمۇ؟ تۇتقىلى ھېس قىلىپ تۇرغىلى بولىدىغان پاكىت بولسىغۇ كاشكى....
ئاللاھ خالىغان قەۋمنى ھىدايەت قىلىدۇ! شۇنىسى ئاللاھقا يۇزلەنگەن ۋە تايانغان تولۇق تەسلىم بولۇپ تەۋەككۇلدە (ئوزىنى تاپشۇرغان)  بولىشى كېرەك.

ئىسلام قۇت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىسلانى ماشىنا دىسەك، ئىسلامغا كەلگۈچى شوپۇر دىسەك. شۇنىسى شۇ ماشىنىغا چىقىۋالغان شوپۇرلار مەس بولۇپ ھەقنى كۆرمەيۋاتىدۇ....ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ خاتالىقى ئەمەس ئاۋۇ شوپۇرنىڭ سەۋەنلىكى، تۇزكورلىقىدىن بولىۋاتىدۇ.

بىز مەڭگۈ تاشلاردا ئېيتىلغاندەك. كوكتىن تامدۇڭ، يەردىن ئۇندۇق. قانداقتۇر. تاسادىپىي مەيدانغا كەلمىدۇق! ئەلمىساقتىن  مامۇنمۇ ئەمەستۇق.....يەنى ئاللاھ توپىدىن ياراتقاندۇر.

fatih204 2011-05-24 11:50
ئىسلام قۇت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىسلانى ماشىنا دىسەك، ئىسلامغا كەلگۈچى شوپۇر دىسەك. شۇنىسى شۇ ماشىنىغا چىقىۋالغان شوپۇرلار مەس بولۇپ ھەقنى كۆرمەيۋاتىدۇ....ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ خاتالىقى ئەمەس ئاۋۇ شوپۇرنىڭ سەۋەنلىكى، تۇزكورلىقىدىن بولىۋاتىدۇ.

جايىدا كەلگەن ئوبرازلىق ئوخشىتىش  

general 2011-05-24 11:52
ئەجەبا ئۆز مىللىتىنى سۆيگەنلەر گۇناھكارما؟ <<مىللەتچى>> قالپىقىنى كىيگۈزۈش لازىمما؟ <<مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئىمان جۈملىسىدىن>> ئەمەسما؟
توۋا،ئۆز مىللىتىنى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادەم مۇسۇلمان بولماي قالىدىغان گەپمىدۇ؟ <ئى ئاللا،مېنى مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى قىلىپ،مۇسۇلمان قىلىپ،ئۇيغۇر قىلىپ،مۇشۇ تۇپراقتا ياراتقىنىڭغا شۈكرى> دېيىشىم خاتامۇ؟نېمە دېگەن كۆپ خاتا رەددىيەلەر بۇ؟ ئادەمنى توغرىلىققا ئەمەس،بەلكى گاڭگىراشقا سالىدىغان رەددىيەنى يازغۇچە سۈكۈت قىلغان بولساڭلار شۇ سىلەرنىڭ ياخشى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭلار ئىدى.
كۆپ سۆزلىگەن ئادەم كۆپ خاتالىشىدۇ.

newruz 2011-05-24 11:54
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى تەرجىمان نىڭ 2011-05-24 10:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى يارىتىلغان پەن تېخنىكا ، تىبابەت، سەنئەت، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئەرەپچە يېزىلمىغانلىقتىن ئوتقا تاشلىنىپ ، يىرتىلىپ، چېقىلىپ تۈگىگەن دىگەن قاراشنى بىر تىمىدىن كۆرگەندەك قىلغان  

ئۇنى كويدۇرگەن ئىسلام ئەمەس تۇزكورلاردۇر. سىز ماشىنا چېقىلسا شوپۇرنى مەس بوپسەن دەپ ئەيىپلىمەي ماشىنىنى ئەيىپلەمسىز؟
ماشىنا ئىسلام بولسا مەست شوپۇر تۇزكوردۇر.

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھ مەۋجۇت بولۇپ كىشىلەر مۇسۇلمان ئىدى. ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدا بولۇپ تۇزكورلىقى سەۋەبلىك ھالاك بولغان ئىدى....قانداقتۇ ئىسلامىيەت تاسادىپىي مەيدانغا كېلىپ قالمىغان....تەقرىقۇتلىرىمىزمۇ ئىمپىرىيەلەرنى ئاللاھقا يۇزلىنىپ قۇرغان ئىدى.....كېيىن بۇتلارغا چوقۇنۇپ شېرىك كەلتۇرۇپ تۇزكورلىقىدىن سەلتەنىتىدىن ئايرىلدى....قۇرئان 1400 يىل بۇرۇن يېزىلغان ئەمەس بەلكى لەۋھىلمەھپۇزدا خاتىرلەكلىك ئىدى. 1400 يىل بۇرۇن ۋەھيى بىلەن چۈشكەن. قانداقتۇ ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ مىلادى 610 -يىلى بارلىققا كەلگەن ئەمەس.
ئىسلام ئۈممىتى 1000 يىل دۇنياغا ئىلىم پەن تاراتقان. ياۋروپالىقنى ئويقىسىدىن ئويغاتقان. ئامىرىكا ئاران 60 يىللا بولدىغۇ....ئىسلام مەدىنىيىتى تۇزكورلار تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى....ئىسلام قايتا گۇللەنگۇسى....مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپلارمۇ ئىسلام مەدىنىيىتى بىلەن ئالىم بولغان. ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا مەھكەم يېپىشقان ئىدى. تۇرىكلەر ئىسلام مەدىنىيىتى بىلەن ھىندىستاندىن ئاناتولىيەگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى كېيىن تۇزكورلىقى سەۋەپ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى....ئىسلام دوۋلەتلىرىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاپنىڭ بەزىلىرى تېنچ بەزىلىرى ئۇرۇش بىلەن بولدى. ئاللاھ تۇزكورغا ۋە ئوزىگە تايانغاننى ئەنە شۇنداق ئايرىۋالدى. ئىككى كۇن تۇز يوق بولۇپ قېلىۋىدى نىمىلەر بولۇپ كەتمىدۇق....

يەنە قايىل بولمامسىزلەر؟

kiliq 2011-05-24 11:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى maniwer2010 نىڭ 2011-05-23 18:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تېمىنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن بىۋاستە  «توقۇنۇشۇپ» قالىدىغان جايلىرىنى سەزمىدىم،،،
اللاھ : « يارىتىشنى ياراتتىم ،يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن .» دىگەن ،،،بۇ ئەلۋەتتە «تەدبىرىڭ
قانداق بولسا ،تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ ،،»دىگەن ھۆكۈمنى چەتكە قاقمايدۇ ،،،

سەن ماڭا دەپ بىرە ئاللاھ قايسى ئايەتتە شۇنداق دەپتۇ << يارىتىشنى ياراتتىم ،  يارالمىشىڭ ئۇزەڭدىن دەپ >>   ياكى راسۇلۇللا نىڭ ھەدىسىمۇ بۇ مەن بىلىۋالاي بۇگەپنى .

kiliq 2011-05-24 12:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-05-24 11:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەجەبا ئۆز مىللىتىنى سۆيگەنلەر گۇناھكارما؟ <<مىللەتچى>> قالپىقىنى كىيگۈزۈش لازىمما؟ <<مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئىمان جۈملىسىدىن>> ئەمەسما؟
توۋا،ئۆز مىللىتىنى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادەم مۇسۇلمان بولماي قالىدىغان گەپمىدۇ؟ <ئى ئاللا،مېنى مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى قىلىپ،مۇسۇلمان قىلىپ،ئۇيغۇر قىلىپ،مۇشۇ تۇپراقتا ياراتقىنىڭغا شۈكرى> دېيىشىم خاتامۇ؟نېمە دېگەن كۆپ خاتا رەددىيەلەر بۇ؟ ئادەمنى توغرىلىققا ئەمەس،بەلكى گاڭگىراشقا سالىدىغان رەددىيەنى يازغۇچە سۈكۈت قىلغان بولساڭلار شۇ سىلەرنىڭ ياخشى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭلار ئىدى.
كۆپ سۆزلىگەن ئادەم كۆپ خاتالىشىدۇ.

 مىللەتنى سويۇش ئىماننىڭ جۇملىسى دىگەن گەپ يوق ،      راسۇلۇللانىڭ ئۇممىتى ، مۇسۇلمان ، مۇشۇتۇپراقتا دىگەن سوزلىرىڭىزگە كەلسەك ، مىنىڭچە بۇنىڭغا << ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم ، ئىسلامنىڭ دىنىم ، مۇھەممەت س ئە ۋ نىڭ پەيغەمبىىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن >> دىگەن يىتەرلىك .

fatih204 2011-05-24 12:02
مەنمۇ باشتىكى يازمامدا دىيىلگىنىدەك مىللەت ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى ئەتەي قارشىلاشتۇرۇپ قويماسلىقنى ، بوپمۇ مۇشۇ مەسلىگە كەلگەندە ئالاھىدە ئىھتىيات بىلەن ئىش كورۇشنى ھەر قايسىڭىزلاردىن ئۇمۇد قىلىمەن ،، بۇ خىل تالاش تارتىش  بىزنى خورىتىدۇ خالاس ،، پۇت دەسسەپ تۇرۋاتقان رىئال تۇرمىشىمىز ۋە بىزنىڭ ئاخىرقى بارار جايىمىز بىزنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ، ئىغىر بىسىق بولۇشقا ، قارشى تەرەپتىنى قانداقتۇر مىللەتسىزلىشىش ، ياكى دىنسىزلىشش ئالدىراپ ئىشتتىرۋەتمەسلىككە ئۇندەيدۇ ،،

newruz 2011-05-24 12:09
ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين  بارلىق ماختاشلىرىمىز ئاللاھقا بولىدۇ. قانداقتۇ مەخلۇقاتىغا قارىتىلمايدۇ....ئاللاھنى ياخشى كۆرەلمەي مىللەتنى قانداق ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنى ھەممىدىن ياخشى كۆرۇشنىڭ خاتاسى يوق. ئاللاھقا يۇزلەنسەك مىللىتىمىزمۇ، يېزىقىمىزمۇ، سەلتەنىتىمىزمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى شەرت ئاللاھقا تايىنىش ۋە يۇزلىنىشتۇر. مىللەتكە تايىنىشنى تەشۋىق قىلمايلى....ئاللاھ رازى بولسا مىللەتمۇ، ئابرويىمىزمۇ بولىدۇ. قانداقتۇر تۇزكورنىڭ مىللىتى ۋە تىلى، ئابرويى بولامدۇ.

مىللەتنى ياخشى كۆرۇش نامىدا مىللەتنى دىن بىلەن قارشىلاشتۇرۇپ نىمە قىلىدۇ؟  مىللەت دىندىن مۇھىم دىيىشكە قانداق دەلىلى باركىن؟
ھەرقانداق ياخشى كۆرۇشنىڭ ئالدىغا ئاللاھ كېلىشى كېرەك. ياراتقۇچىنىڭ ياردىمىسىز قانداق مىللەت قۇتۇلۇپ قالدى؟ تارىختا تۇزكورلار قانداق ۋەيران بولدى....لوت، سەمۇد، بەدىيان....ئەنە بىزنىمۇ گۇمراھلىققا باشلىسا ماڭىمىزمۇ؟
مىللىتىمنى ياخشى كورۇش خاتامۇ؟ دەپ سوراپسىز؟ ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭ....ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ، ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ، ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىلا ماشىنىسىنى ئايايدىغان ئاشۇ ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلىرى بىلەن تانسا ئويناپ    يىتىملار بىلەن كارى يوق ئاشۇ زىيالىلارنىڭ مىللەت نامىنى كوتۇرۇپ چىقىشى تېخىمۇ چۈشكۈنلۇك ئىزدەش بولماي نىمە؟

مىللەتتىنمۇ مۇھىمى ئاللاھقا يۇزلىنىش دىگەنلىك مىللەتنى سۆيمە دىگەنلىك بولامدۇ؟!
قېنى مۇشۇ گەپنى دىيىشتىن ئەمدى ئۇيالمامسىز؟
<<مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئىمان جۈملىسىدىن>> ئەمەسما؟
نەدە ئاۋال مىللىتىڭنى سۆي ئاندىن خۇداغا يۇزلەن دەيدىغان ئايەت بار؟ شۇ مىللەتنى مىللەت قىلىپ تونۇتقۇچى كىم؟ مىللەت بىر نىمەتتۇر. نىممەت ئاللاھدىنمۇ ئۇستۇن بولۇپ قالمىسۇن...

general 2011-05-24 12:10
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-05-24 12:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

 مىللەتنى سويۇش ئىماننىڭ جۇملىسى دىگەن گەپ يوق ،      راسۇلۇللانىڭ ئۇممىتى ، مۇسۇلمان ، مۇشۇتۇپراقتا دىگەن سوزلىرىڭىزگە كەلسەك ، مىنىڭچە بۇنىڭغا << ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم ، ئىسلامنىڭ دىنىم ، مۇھەممەت س ئە ۋ نىڭ پەيغەمبىىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن >> دىگەن يىتەرلىك .

ئۇيغۇرلار بىر قەۋىم بولامدۇ-بولمامدۇ؟ <كىمكى قايسى قەۋىمنى چىن دىلىدىن سۆيسە،قىيامەت كۈنى شۇ قەۋىم سېپىدە تىرىلىدۇ> دېگەن ھەدىسنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم.
ياكى بىز مىللىتىمىزنى سۆيۈش ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ،ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنىلا مەقسەت قىلىشىمىز لازىممۇ؟


بۇ يەردىكى دېيىلىۋاتقان گەپ ئاۋال مىللەتنى سۆي،ئاندىن ئاللانى دېگەنلىك ئەمەس. ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇشىمىز،شۇنداقلا ئۆز مىللىتىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيۈشىمىز لازىم دېمەكچى.مىللىتىمىز بىلەن ئىسلام دىنىمىز ھېچقاچان قارشىلىشىپ قالمىغان.شۇ سەۋەب  ئۇيغۇر دېگەن گەپنى مۇسۇلمان دېگەن مەنىدە چۈشىنىپ يۈرگەنلەرمۇ بارغۇ؟

تاھىر 2011-05-24 12:16
ئىنسان مايمۇندىن تەدىرجىي تەرەققىي قىلىپ  ئۆزگەرگەن ، ئالەم ئۆزىچىلا پەيدا  بوپ قالغان ، ھەممىسى تەبيەتنىڭ قۇدۇرتى دىگەندەك  دەھرىي ئىدىيە تېخىچە نۇرغۇن ياشلىرمىزنىڭ ئىديىسىدە ھۆكۈم سۈرمەكتە . ئۇلار ئاللاھنى بار دەپ قويىدۇ پەقەت ئاغزىدا .....  مىللەت بىلەن دىننى ئايرىۋالغانلار كاللاڭلىنى سىلكىۋىتىڭلار ، ئەمدى ئويغۇنىڭلار . سەن دىنسىز دەپ ياراتمايدىغان   خەنسۇلارمۇ ئۆز ئاتا_ بابىسىنى نوھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرىدۇ .  توغرا ، دۇنيادىكى ھەممە ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىمىز ۋە كىيىنكى توپان بالاسىدا نوھ ئەلەيھىسسالام باشلىق ھايات قالغان ئىنسانلارنىڭ پۇشتى .

تورداشلارغا <تارىخى ھەمىدى>دىكى تۆۋەندىكى بايانلارنى سۇناي .
تارىخى ھەمىدى ، مىللەتلەر نەشرياتى ،67_68_69_ بەتلەر .


خاقانى چىننىڭ «كاڭجاڭ»دىگەن بىر تارىخ كىتابى بولۇپ ،بۇ «خانلارنىڭ تارىخى»دىگەنلىك بولىدىكەن . خىتايلار ئەھلى تارىخنى فۇڭ ئەۋلادىدىن باشلايدۇ . فۇڭ ئەۋلادىدىن «تەيخۇفۇس»دىگەن بىر كىشى بار ئىدى ، بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كىيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋۋالقى دەۋىرگە توغرا كىلدۇ . فۇڭ دىگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فودەك ىگەن ئادەم بولسا كىرەك . بىزنىڭ تارىخىمىزدا فودەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا يافەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، فۇڭ بىلەن فودەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كىرەك .
خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس_فوداك ئەۋلادىدىن باشلانغان دىگەن گەپلەر بار . ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ ، جەمىئىي يىگىرمە بەش نەسىلنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن . ھالبۇكى بۇ يىلقى ھىجرى 1325_يىلغىچە (مىلادى 1907_يىلغىچە_ت) بولغان ئارلىقتا ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمىئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ ، تۆت مىڭ سەككىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ . يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ھەزىرتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى «لوۋاڭ» دەپ يازىدۇ ۋە « ھازىر خىتاي ئەھلى لوۋاڭنىڭ دىن شەرئىتىگە ئىتقاد قىلىمىز ، باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلمايمىز »دەپ ئۆز ئىتقاتىدا چىڭ تۇرىدۇ .  ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال يافەس بىننى نۇھ نەبىئۇللانى دىمەكچى بولسا كىرەك . شۇڭلاشقا ، تەيخۇفۇسنى فۇۋاڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ ، يىگىرمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىپتۇ . ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەربىر ئەۋلاددىن يىگىرمە _ ئوتتۇز نەپەر ، ەزىدە بەش_ئەلتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ . ھەر بىر قابىلىنىڭ بەزىللىرى بولسا يەتتە _ سەككىز يىل ، بەزىللىرى ئىككى _ ئۈچ يۈز يىل ، بەزىللىرى يىگىرمە _ ئوتتۇز يىل ھۆكۈم سۈسۈپتۇ .

newruz 2011-05-24 12:21
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 33قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-05-24 12:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇيغۇرلار بىر قەۋىم بولامدۇ-بولمامدۇ؟ <كىمكى قايسى قەۋىمنى چىن دىلىدىن سۆيسە،قىيامەت كۈنى شۇ قەۋىم سېپىدە تىرىلىدۇ> دېگەن ھەدىسنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم.
ياكى بىز مىللىتىمىزنى سۆيۈش ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىپ،ياخشى مۇسۇلمان بولۇشنىلا مەقسەت قىلىشىمىز لازىممۇ؟



مىللەت بىر نىمەت، ئاللاھ ياراتقۇچى، ئېيتىپ بېقىڭ قايسىسىنى مەھكەم ئېسىلساق بولىدۇ؟

ئەلۋەتتە ئاللاھقا يۇزلەنسەك، يولەنسەك، تەۋەككۇل قىلساق....ئاللاھ بالا-چاقا، بايلىق، تىل-يېزىق، مىللەت، ئەۋلاد، ئەقىل، كۇچ-قۇۋۋەتنى بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟!

يەنە بالا مۇھىممۇ ئاللاھ دىگەندەك تۇزكورلۇقنى قىلمايلى....ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بالىسى بىلەن ئاللاھنى تاللاش توغرىسىدا قانداق قارارغا كەلدى. بالىسىنى قۇربانلىق قىلاي دىۋىدى قوشقار چۇشۇرۇپ بېرىلگەن ئەمەسمۇ؟ بىز يىلدا قۇربانلىق قىلىپ مۇشۇ قىسسىنى ئۇنتۇپ قالامدۇق! پەيغەمبىرىمىز كەۋسەر سۈرىسىدە ئاللاھ بىلەن ئوغۇل پەرزەنت تاللىشىدا قانداق قارار بەردى، كەۋسەرنى تاللىدى.....بىزچۇ؟ قۇرئاننى ئوقىدىقمۇ ئەمەل قىلىپ ياشىدۇقمۇ؟  مىللەت مۇھىممۇ ئاللاھ دەپ ئولتۇرمىزمۇ؟ ئاللاھ بىزنىڭ ھالىمىزنى بىلىپ تۇرمامدۇ، نىمىگە ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى بىلمەمدۇ. قانداقتۇ  {مىللەت، دىن قارمۇ قارشى ئۇقۇم} ئەمەس بەلكى ئىككىلىسىلا ئاللاھنىڭ  نىمەتى. نىمەتلەرنى قولۇمىزغا ئەپ بېرەلەيدىغىنى ئاللاھ....ئۇنداق ئىكەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلمايمىزمۇ؟ ئاللاھقا يۇزلەنمەيمىزمۇ؟ ئاللاھقا يولەنمەيمىزمۇ؟

ئەتراپىمدىمۇ مۇشۇنداق كىشىلەر بەك كوپ....ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەت نۇرىڭنى ئايىمىغايسەن. ئۇلار شۈكرىنى ۋە تەۋبىنى بىلىدىغانلاردىن قىلغايسەن!  مەن تەبلىخ قىلىمەن ھىدايەت سېنىڭدىن! مۇھۋاپىقىيەت ئاللاھدىن!

http://torsodisi.blogbus.com گە مەرھابا

تاھىر 2011-05-24 12:22
گىنرالكا ، فەتىخ بىلەن نەۋرۇزنىڭ ئىنكاسلىرىنى قايتا بىر ئوقۇپ باققىنە ، چوقۇم رازى بوپ قالىسەن .

kiliq 2011-05-24 12:29
تاھىر توغرا دەيدۇ گېنرال ، نەۋرۇز نىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ باقە سەن گېنرال تۇرۇپ شۇنداق دىسەڭ ئەسكەرلىرىڭ نىمە دەيدۇ سىنىڭ .

newruz 2011-05-24 12:29
ما ئىشخانامدىكى جاڭ ئايلىق مائاشىدىن 500 سومنى بىر نامرات يۇرتدىشىغا ئاپىرىپ بەردى...خۇدا بالا قازادىن ساقلايدۇ دەپ....تويىدا ئاران 5 ئۇستەل مېھمان چاقىردى....ھاراق ۋە تاماكىغا ئۆچ....ئاشقان تاماقلارنى ئويىگە ئېلىپ كەتتى. مۇشۇنچىلىك قىلالىغان باشقا ئۆزىمىزنىڭ  كىشىلىرىنى ئۇچراتمىدىم. ئاۋۇ يۇرتدىشى ئېتىزغا چىقسا 10 سائەت ئىشلەيدۇ. كۇندە بۇتىغا تەزىم قىلىدۇ....بىزنىكىلەر يىلدا بىر ھېيىت نامىزىغىلا بارىدۇ.....بارمىسا ئادەملەردىن خىجىل بولىدۇ....

general 2011-05-24 12:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 36قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-05-24 12:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گىنرالكا ، فەتىخ بىلەن نەۋرۇزنىڭ ئىنكاسلىرىنى قايتا بىر ئوقۇپ باققىنە ، چوقۇم رازى بوپ قالىسەن .

مەن كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايمەن. نەق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدۇم،ئىخچام،چۈشىنىشلىك دەل جاۋاب بولغان بولسا،ھازىرقى گاڭگىرىشىم تۈگەپ بەلكىم چۈشىنىپ قالار بولغىيدىم.

newruz 2011-05-24 12:37
مىللەت بىر نىمەت، ئاللاھ ياراتقۇچى، ياراتقۇچى ھەممە نىمەتنى بىزگە بەرگۇچى. ئېيتىپ بېقىڭە قايسىسىنى تاللايمىز؟
بۇندىنمۇ قىسقا جاۋاب بارمۇ؟

كۆكئاي 2011-05-24 12:41
ئۇيغۇرلۇق ياكى ئىسلام بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر دۈشمەن بار ئۇ بولسىمۇ دىنسىزلىق

agah 2011-05-24 12:41
زىيانلىق ماقالىكەن ....ئىتىقاتنى قانچىكى سۆيسە مىللەتنى شۇنچىكى ساقلىغىلى بولىدۇ ..
بەزىلەر ئىلگىرى دىندارلار بىلەن مىللەتچىلەر ئوتتۇرسىغا ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى سالماق بولغان ئىدى .
لېكىن سەزگۈر كىشىلىرىمىز بۇنى سىزىپ دۈشمەننىڭ قاپقىنىغا دەسسىمىدى ..سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز
ئېنىقكى زىيانلىق ..ۋە ئاشقۇنلۇق ...ئاشقۇن تەپەككۇر بار .......ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ......

agah 2011-05-24 12:43
بۇ تېما تاقالسا ياكى ئۆچىرىلسە بولغۇدەك ..............مۇنبەرگە زىيانلىق تېمىكەن ..

general 2011-05-24 12:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 40قەۋەتتىكى newruz نىڭ 2011-05-24 12:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىللەت بىر نىمەت، ئاللاھ ياراتقۇچى، ياراتقۇچى ھەممە نىمەتنى بىزگە بەرگۇچى. ئېيتىپ بېقىڭە قايسىسىنى تاللايمىز؟
بۇندىنمۇ قىسقا جاۋاب بارمۇ؟

ياراتقۇچىغا مۇھەببىتىم بار،بەرگەن نېمىتىنى ئەلۋەتتە قەدىرلەيمەن.

general 2011-05-24 12:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى كۆكئاي نىڭ 2011-05-24 12:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇرلۇق ياكى ئىسلام بىر-بىرىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر دۈشمەن بار ئۇ بولسىمۇ دىنسىزلىق

توغرا. مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.

dinimislam 2011-05-24 13:18
بىز ھەرۋاقىت بىزنى ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك . .
بىز ئەڭ ئاۋال دىنىمىزنى قوغدىشىمىز ئاندىن قالسا مىللەتنى قوغدىشىمىز كېرەك .
چۈنكى مىللەت يالغۇز بىزنىڭ كۆز قارشىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز بىلەنلا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئويغۇر قېرىنداشلىرىمىز تەڭ تىرىشساق ئاندىن ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى قوغداپ قالالايمىز ھەم تۈزىتەلەيمىز .
لىكىن ھازىر جەميىتىمىزدە مىللىتى ئۇيغۇر تۇرۇپ كاپىرلاردىن قېلىشمايدىغان ئادەملەرمۇ خېلى كۆپ .
شۇڭا بىز يەنىلا دىنىمىزنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويساق ئۈزىمىزنى بولسىمۇ يوغرا يولغا باشلىيالايمىز . قىيامەتتە ئۈزىمىزگىمۇ ياخشى .
بىز بۇ قىسقىغىنە ئاشۇ مەئىشەتلىك دۇنياغا بىرىلمەي ئاشۇ قىيامەت كۈنىدىن قورقايلى !
مىنىڭچە ھەممە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى ئاللاھقا يارىغۇدەك مۇسۇلمان بۇلۇش ھەم قىيامەتتە دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىش .

nida0998 2011-05-24 13:29
ياخشى مۇسۇلمانلام بولساق ئۇيغۇرلۇقمۇ  مىللەت سۆيەرلىكمۇ مىللى غورۇرمۇ ۋىژدانمۇ ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە.

saifulla 2011-05-24 13:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بۇيەردە بۇنچە تالىشپ كەتكۈدەك چۈشەنمەي قالغۇدەك چوڭ مەسلىمۇ يوقكەن.ئىنكاسلارنى بىرمۇ بىر  كورۈپ چىقتىم. مىللەت توغۇرلۇق ھەدىس بار .بولسا شۇ ھەدىسلەردىنمۇ نەقىل قىلغان بولساڭلار ياخشى بۇلاتتى.  قارغاندا گىنىرال ئەپەندىم  تازا ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلالماي قالغاندەك قىلىدۇ.  
   ئىسلام ھىچقاچان مىللەتنى چەتكە قاققان ئەمەس. ئىسلام شەرىئەتكە زىت بولمغان  مىللى ئۆرپ ئادەتلەرنى توسقانمۇ ئەمەس.  بىزنى پۈتۈن جۇڭگوغا  (ۋىزۇ ) دىسە ئوغرىلار دەپ تۇنىتىۋاتقانلار . ۋىزۇ  دىسە يېرىم يالىڭاش ئۇسۇل ئوينايدىغانلار قىلىپ تۇنىتىۋاتقانلار باشقا مىللەت ئەمەس بەلكى دەل شۇ ئۇيغۇرلىرىمىز. خىتتاينىڭكىنى ئالسام نىمە بوپتۇ ئۇيغۇرنىڭ بولمىغاندىن كىن ئوغۇرلا ۋەرسەم بولمىدىمۇ. دەيدىغانلار  ھاراقنى تىكلەپ قۇيۇپ مىللەت دەپ مەيدىسىكە ئۇرۇپ قۇرۇق تامنى مۇشتلايدىغانلار ھەتتا مىللەتنىڭ ئۈچىنى ئالىمەن دىسەڭ خىتتاي پاھىشەنى **قىل. دەيدىغان تۇزكورلار دەل شۇ دىندىن چەتنىگەن (مىللەت پەرۋەر)لەر.
تېما ئىگىسى ياشلار ئانداق ياشلار مۇنداق دەپ گۇنانى ياشلارغا ئارتىپ قويماي ئەتىراپنى قايسى مەيداندا تۇرۇپ كۈزەتكىنىنى بىر ئويلاپ باقسۇن.  دەل شۇ ياشلارنىڭ تۇرتكىسىدە ھازىر  مەيلى قازاق بولسۇن خەنزۇ بولسۇن  تاماكا تەڭلىسە چەكمەيمەن ،دىسىڭىز .ئەمسە ھاراقمۇ ئىچمەمسەن ؟دەيدىكەن .ھە دىسىڭىز، ئۇنداقتا سەن ئوغۇرلۇق قىلمايسەن ،ئاغزىڭنى بۇزمايسەن. يالغان گەپقىلمايسەن  باشقا ئاياللاربىلەن مۇناسىۋەتتە بولمايسەن، شۇنداقمۇ؟ دەپ سورايدىكەن. بىزنى بۇنداق چۈشۈنىۋاتقان كىشىلەر ھازىر ئاز ساندىكىلەر بولسىمۇ ئىشائاللا  سىز ئېيتىپ ئۆتكەن شۇ (ياشلار)نىڭ ئىسلامى ئەخلاقى بىلەن كۈپۈيۈپ بارىدۇ. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ يۇرتىكى بىرنەچچە  قېرىنداش بالىلار قىشتا بىر زاۋۇتتا ئشلەپتىكەن. ئۇلارنى باشقۇرغۇچى  كۈندە  ئوخشاش ۋاقىتتا بۇنەچچەيلەننىڭ بىللە كەينى تەرەپكە ئۈتۈپ كىتىدىغىنىنى كۆرۈپ بىركۈنى كەينىدىن مارىلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ قاتار تىزىلىپ ناماز ئۇقۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بۇلۇپ كىتىپتۇ ،ئۇلارغا ماڭا بالدۇردىسەڭلەر بولمامتى؟ مەن دەل سىلەردەك ئادەملەرنى ياختۇراتتىم دەپ ئۇلارغا ئىسسىق سۇ ئىشلىتىڭلار دەپ ئىسسق سۇ باريەرلەرنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇپتۇ. ئۇ باشقۇرغۇچى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەمەس بەلكى خەنزۇ.   بۇيەردە ھىچكىم ئۆزنىڭ ئۇيغۇر لىقىنى ئىكار قىلغىنى يوق. ئۇخەنزۇمۇ بۇلار ئەرەپلەشكەنلەر دەپ تۇنىغىنى يوق بەلكى بۇلار  ئۇيغۇرغۇرلاردەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرىۋاتىدۇ خالاس.   بۇنىمە ئۈچۈن؟  
بىر ساھابە بىلال رەزىياللاھۇ ئەنھۇ نى ھەي قارخۇتۇننۇڭ بالىسى دەپ چاقچاق قىلىۋىدى ،پەيغەمبەر ئەلەيكى سالام - ئۇنىڭغا سەن ئاقتەنلىك بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئەمەسسەن.ئۇقاراتەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سەندىن تۈۋەن ئەمەس دىۋىدى ئۇساھابە دەرھال يەرگەيۈزۈنىيىقىپ ئې بىلال يۈزۈمگەدەسسە. دەپ يەردە يىتىۋالدى.(ھەدىس ئىسىمدىن كۈتۈرلۈپ قاپتۇ .بىلىدىغانلار.توغرىسىنى يوللاپ قۇيۇڭلار)  ئاللاھنىڭ ئالدىدا پەقەت ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسىلا ئۈستۈن. دىمەك بىز ھىچقاچان ئەرەپكە يەكى باشقا مىللىەتكە ھەۋەس قىلىپ ئۇلارغا ئوخشىۋالغىنىمىز يوق.بەلكى ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىقىمىز  بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىۋاتىمىزخالاس.

urkesh 2011-05-24 13:51
ئىسلام دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان بىردىنبىر پەلسەپە. ئىسلام بارلىق ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان بىردىنبىر قانۇن. ئىسلام بەخىتكە  تۇتاشقان بىردىنبىر يول.  قىسقىسى ئىسلامسىز پۈتۈن كائىنات ھېچنىمە...!!  

kanway 2011-05-24 18:03
ياخشى تېما يېزىپسىز.
مەن سىزنىڭ ئۆز -ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سۇئال سوراپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سىز ئۆزىڭىزدىن باشلاپ خالىغان 10 كىشىدىن سوراپ كۆرۇڭ ئۇلار ئۇيغۇرچە قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىققانمىدۇ؟!
ئۇلارنىڭ 8-9 ھەتتا ھەممىسى ئوقۇمىغان بولۇپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر دىن توغۇرىسىدا توغرا پىكىر قىلالارمۇ؟!


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقاد رېئاكسىيەسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.079974 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us