ئىنسان مايمۇندىن تەدىرجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن ، ئالەم ئۆزىچىلا پەيدا بوپ قالغان ، ھەممىسى تەبيەتنىڭ قۇدۇرتى دىگەندەك دەھرىي ئىدىيە تېخىچە نۇرغۇن ياشلىرمىزنىڭ ئىديىسىدە ھۆكۈم سۈرمەكتە . ئۇلار ئاللاھنى بار دەپ قويىدۇ پەقەت ئاغزىدا ..... مىللەت بىلەن دىننى ئايرىۋالغانلار كاللاڭلىنى سىلكىۋىتىڭلار ، ئەمدى ئويغۇنىڭلار . سەن دىنسىز دەپ ياراتمايدىغان خەنسۇلارمۇ ئۆز ئاتا_ بابىسىنى نوھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشتۇرىدۇ . توغرا ، دۇنيادىكى ھەممە ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىمىز ۋە كىيىنكى توپان بالاسىدا نوھ ئەلەيھىسسالام باشلىق ھايات قالغان ئىنسانلارنىڭ پۇشتى .
تورداشلارغا <تارىخى ھەمىدى>دىكى تۆۋەندىكى بايانلارنى سۇناي .
تارىخى ھەمىدى ، مىللەتلەر نەشرياتى ،67_68_69_ بەتلەر .
خاقانى چىننىڭ «كاڭجاڭ»دىگەن بىر تارىخ كىتابى بولۇپ ،بۇ «خانلارنىڭ تارىخى»دىگەنلىك بولىدىكەن . خىتايلار ئەھلى تارىخنى فۇڭ ئەۋلادىدىن باشلايدۇ . فۇڭ ئەۋلادىدىن «تەيخۇفۇس»دىگەن بىر كىشى بار ئىدى ، بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يىل كىيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھىجرەت يىلىدىن ئۈچ مىڭ تۆت يۈز يىل ئاۋۋالقى دەۋىرگە توغرا كىلدۇ . فۇڭ دىگەن ئادەم بولسا بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى فودەك ىگەن ئادەم بولسا كىرەك . بىزنىڭ تارىخىمىزدا فودەك تۈركنىڭ ئوغلى، تۈرك بولسا يافەسنىڭ ئوغلى دەپ بايان قىلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، فۇڭ بىلەن فودەك بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئىككى خىل نامى بولسا كىرەك .
خىتايلار تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىداسى دەل مۇشۇ تەيخۇفۇس_فوداك ئەۋلادىدىن باشلانغان دىگەن گەپلەر بار . ئۇلارنىڭ خانلىقلىرى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ ، جەمىئىي يىگىرمە بەش نەسىلنىڭ قولىدا بولۇپ كەلگەن . ھالبۇكى بۇ يىلقى ھىجرى 1325_يىلغىچە (مىلادى 1907_يىلغىچە_ت) بولغان ئارلىقتا ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەمىئىي ئىككى يۈز ئەللىك تۆت ئادەم خانلىق قىلىپ ، تۆت مىڭ سەككىز يۈز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ . يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ھەزىرتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى «لوۋاڭ» دەپ يازىدۇ ۋە « ھازىر خىتاي ئەھلى لوۋاڭنىڭ دىن شەرئىتىگە ئىتقاد قىلىمىز ، باشقا دىنلارنى قوبۇل قىلمايمىز »دەپ ئۆز ئىتقاتىدا چىڭ تۇرىدۇ . ئۇلار تەيخۇفۇس دەپ ئېھتىمال يافەس بىننى نۇھ نەبىئۇللانى دىمەكچى بولسا كىرەك . شۇڭلاشقا ، تەيخۇفۇسنى فۇۋاڭ دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۆز تارىخىنى شۇنىڭدىن باشلاپ ، يىگىرمە بەش سۇلالىگە تەقسىم قىپتۇ . ھەر سۇلالىدىن يەنى ھەربىر ئەۋلاددىن يىگىرمە _ ئوتتۇز نەپەر ، ەزىدە بەش_ئەلتە نەپەر كىشى خانلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ . ھەر بىر قابىلىنىڭ بەزىللىرى بولسا يەتتە _ سەككىز يىل ، بەزىللىرى ئىككى _ ئۈچ يۈز يىل ، بەزىللىرى يىگىرمە _ ئوتتۇز يىل ھۆكۈم سۈسۈپتۇ .
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-05-24 12:23قايتا تەھرىرلىدى ]