مىكرو ھېكايە
بىر يىگىت بولۇپ، قىز دوستىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. قىزنى خۇددى گۆھەرنى قوغدىغاندەك قوغدايتى. يامغۇر ياققاندا يىگىت كۈنلۈكنى قىز تەرەپكە تۇتاتتى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ تاتلىق كۈلەتتى. قىز يىگىتنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنەتتى، شۇنداقلا يىگىتنىڭ ئۆزىنى شۇنداق قوغدىشىنى ياخشى كۆرەتتى. بىر كۈنى ئۇلار بىللە ئايلىنىپ قايتىپ كىلىۋاتقاندا بىر قۇرلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ قالدى. تۇيۇقسىز ئۇستى تەرەپتىن بىر تاش چۇشتى. يىگىت قىزنى دەرھال قۇچاقلىۋالدى. ئەمما يەنە تۇيۇقسىز بەدىنىنى بۇرىۋالدى. قىز ئوغۇلنىڭ ئۇستىگىلا يىقىلىپ چۇشتى، تاش بولسا قىزنىڭ نەق پىشانىسىگە چۇشۇپ، قان ئاققىلى تۇردى. قىز يىغلاپ يۇگۇرگىنچە ئۆيگە قايتتى. ئۇ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى...........يىگىت ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىتىم تىلىفۇن قىلدى، قىز تىلفۇننى ئالماي ئىتىۋەتتى، ھەمدە ئۆيگە بىكنىۋىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. تاكى ئانىسى ئىشكىنى قاققىچە يىغلىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا يىگىتنىڭ ئۆپكىسىنى پولات زىقچە تىشىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قان كۆپ چىقىپ كىتىپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىنى ئىيىتتى. قىز بۇنى ئاڭلاپ ساراڭلاردەڭ يۇگۈرگىنىچە دوختۇرخانىغا باردى. يىگىت ئاپپاق كارىۋات ئۇستىدەخىرە ئەمما ئۈمۈدلىك كۆزلىرنى ئىشىككە تىككەن ھالدا قسقىغىنە ئەمما شۇنچە تاتلىق بەخىت ئاتا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان ئىدى،چىڭ سىقىمدالغان قان قوللىرى ئارسىدىكى يانغوندا بىر ئۇچۇر يېزىقلىق تۇراتتى << قەدىرلىكىم، مەن ئارقاڭدىكى پولات زىقچىنى كۆرگەن ۋاقىتتا سەن ئۈچۈن ئۇستۇڭدىن چۇشۋاتقان تاشنى تۇسۇپ قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.مىنى كەچۇر مەن ھېچنىمە بولمىدىم. قەدرىلىكىم، پىشانەڭ ئاغىرۋاتامدۇ؟ خەيىر...>>
قىز يىگىتنىڭ جەستنى قۇچاقلاپ ۋارقىردى..<<ياق.. ياق.. مەن ئۈچۈن ھىلقى تاس پارچىسنىمۈ توسۇپ قالدىڭ...>>
ئېچنىشلىق يىغا ئاۋازى سىم-سىم يامغۇر ئارسىغا تارقالدى.
ئىھ، يامغۇر بەختسىز.بىچچارە ئاشۇ مەسۇم قىزنىڭ پۇشايمان كۆز ياشلىرنى يوشۇرساڭچۇ!!!!!!!
مۇھەببەتنىڭ كىشەنسىز ھۆرلۈكى شۇمۇ؟
شۇم تەقدىرنىڭ كۇلۇپ تۇرغان زورلۇقى شۇمۇ؟
بەرگىنىڭ كۆپ ھېسابسىز،بەرگىنى كۆزيۇمۇش ئاخىر،
ئاھ ،ئېسىت سەن تەلمۈرگەن بەخىتنىڭ خورلۇقى شۇمۇ؟
سىزنى سۆيگەن ئادەمنى قەدىرلەڭ،يوقاتقاندىن كىيىن ئويلىماڭ،بىۋاپالىق سىزگىلا يار بولسۇن،ئويلىسىڭىزمۇئاللىبۇرۇن كىچىككەن بولسىز...
قەدىرلەنگەن ئىكەنسىز ،قەدىرلەشنىمۇ بىلىڭ.
ئىگىمىز ئىنساننى ۋە بۇ دۇنيانى مۇھەببەتىن ياراتقان
شۇ ئىگىمىز ياراتقان <<مۇھەببەت ئۆلمىسۇن...>>
 |