
لىۋىيەدە بىر تەرەپتە قەززافى قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىرتەرەپتە لىۋىيە ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.
قوزغىلاڭچىلار، قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.
قەززافى قىسىملىرى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، بىرېغا شەھىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىۋالغان قوزغىلاڭچىلارنى ئارقىغا چېكىندۈردى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قەززافىنىڭ %30 ھەربىي كۈچىنىڭ يوقىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.لىۋىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ سايلامغا ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق مۇئەممەر قەززافىنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدا قېلىشى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا كېرىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.بىراق قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىرلەشمە ئارمىيە، «قەززافى ھۆكۈمەت بېشىدا قالغان تەقدىردە، سايلام ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ قارىماقتا. يەنە بىر تەرەپتە ياۋروپالىق دىپلوماتلار، قەززافىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئەتراپىدىكى يېقىن كىشىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر تەكلىپ سۇنۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كىشىلەر ئەگەر قەززافىنى تاشلايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال - مۈلكى قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن ۋە ئۇلارغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ قەززافىنى تاشلىماقچى بولغان ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جاي كەرېيمۇ، قەززافىنى تاشلىغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇسا كۇساغا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. لىۋىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇسا كۇسا، ئەنگلىيەگە قېچىپ بېرىپ، قەززافى ھۆكۈمىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.