تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتلىرى ئەتە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىىدىغان يىغىنغا رايون دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
يىغىنغا ئۆزبېكىستانغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر، ئەينى ۋاقىتتا قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېليار غەنىيېۋ، قىرغىزىستانغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسلان قازاقبايېۋ، تاجىكىستانغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمراخان زارىفى، قازاقىستانغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كونستانتىن جىگالوۋ ۋە تۈركمەنىستانغا ۋاكالىتەن مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رەشىت مەرەدوۋ قاتنىشىدۇ.
يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپتىن بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ۋېنگىرىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارتونيى جانوس، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل كومېسسارى ئاندرىس پىئېبالگس ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاھىدە ئەلچىسى پىئېررې مورېل قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلىدۇ.
يىغىندا تەرەپلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
