باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 118 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەقىدىسىز ئادەملەر
دوستلىشىش
noshirwan
نوشىرۋان چ چ 1547408515
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2011-04-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەقىدىسىز ئادەملەر

ئەقىدىسىز ئادەملەر
غايىسىز، ئېتىقادسىز، ئەقىدىسىز ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ قانداق گەپلەرنى، قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟  قاراپ باقايلى، ئەتراپىمىزدا بارمۇ-يوق؟
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش روھى بولمايدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە   ھەقىقىي دوستلۇق ۋە مۇھەببەت   بولمايدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر رەھىمسىز، ياۋۇز، رەزىل، نەپسانىيەتچى، ھاياسىز، نومۇسسىز، خىيانەتكار بولىدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر  ئۆزىگە ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە تەلەپ قويالمايدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر نام-ئاتاق، ئۈستۈنلۈك قازىنىش، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر مال-دۇنيانى، نەپسىنى دەپ، نومۇسنى ئۇنتۇپ، قېرىندىشىغا خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلىدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەر ئايالىغا، ئايالى ئېرىگە خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر ئۆكتەملىك، مۇتتەھەملىك، زالىملىق، رەھىمسىزلىك قىلىشنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ، مال-دۇنيا ۋە شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ۋەسۋەسىيسى بىلەن ھەقنى سۆزلەيدىغان تىللىرى بوغۇلىدۇ، ناھەقچىلىككە يان بېسىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر يالغانچى، مۇناپىق، تۇزكور بولىدۇ. بەزىدە  «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، بەزىدە مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى - تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالىدۇ. ياش چېغىدا  «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېسە، قېرىغاندا بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋېلىپ، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي  «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرۈيدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر  كۆڭلى قارا بولىدۇ. بىرى-بىرىنى قانداق ئەپلەش، قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر شەخسىيەتچى، گۇمانخور، ساتقىن-مۇناپىق بولىدۇ.

مەنبە: ئۆزۈم.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 972
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە972دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 10348 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-04-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر يالغانچى، مۇناپىق، تۇزكور بولىدۇ. بەزىدە  «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، بەزىدە مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى - تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالىدۇ. ياش چېغىدا  «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېسە، قېرىغاندا بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋېلىپ، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي  «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرۈيدۇ.


قەلىبلەردىكىنى ئاللاھ بىلگۇچى بۇرادەر ،، ئاللاھ رەببىلئالەمىين تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدىغانلىقىنى بىزگە قورئان ئارقىلىق بىلدۇردى ،، مەيلى ئىلگىركى ھاياتىدا نىمە ئىش قىلسۇن ، ئەگەر ئىنسان چىڭ قەلبىدىن تەۋبە قىلسا ئاللاھ خالىسا كەچۇرگۇچى رەھىمدىل زاتتۇر ،، ئەڭ ياخشىسى ياشلىقىدا ئازغان بولسىمۇ ، كىيىن ھەقنى تۇنۇپ ئوتكەن كشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەپ قويايلى ،، قالغان سوزلىرىڭىز ئورۇنلۇق