بۇ مۇنبەردە ئىقتىسادى رايونى ياكى تارىغ رايونى يوقكەن شۇڭا بۇ خەلىقئارا خەۋەرلەر رايونىغا يولۇدۇم تورداشلارنىڭ كەڭچىلىك بىلەن ئەپۇ قىلشىنى سورايمەن!
مەككە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مۇققەدەس شەھىرى ، شۇنداقلا بۇگۇنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىساد ۋە مەدىنيەت مەركىزى
. ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەن . بۇ ئۇزاق تارىققا ئىگە مەشھۇر شەھەر بۇ يەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەسچىتى "كەئبە"(بەيتۇللا دەپ ئاتىلدۇ)نى بەخىش ئەتتى ، ھەر يىلى نەچچە مىليونلىغان تەقۋادار مۇسۇلمان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كېلىپ ، بۇ جاينى تەۋاپ قىلىدۇ . بۇگۇنكى كۇندە نوپۇزغا ئىگە ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتلىرىمۇ مەككىدە قۇرۇلغان . ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ مۇقەددەس شەھەرنىڭ دىنىي نامىنىڭ چوڭلۇقىغىلا قاراپ ، ئۇنىڭ باشقا تەرەپلەردىكى رولىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ،لېكىن مەككىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ، ئۇنىڭ سودا جەھەتىكى ئىنتايىن چوڭ ۋە چوڭقۇر.
يېقىندىن قارغاندا ، شۇنى كۆرۇۋالالايمىزكىن، مەككە ئەزەلدىن ئەرەب يېرىم ئارىلنىڭ سودا يولىدىكى مۇھىم شەھەر ، ھازىرمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا مەركىزى . قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقىچە ،سانسىزلىغان سودىگەرلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ ،ئكتۇشۇپ تۇردۇ ، تارىخنىڭ ئىس - تۇتەكلىرى ئەرەب خەلقىنىڭ ئېغىر كۇنلىرنى ئېلىپ كەتتى ،ئەمما ئەقىل - پاراسەتتنىڭ پارلاق نۇرىنى توسۇپ قالامىدى.
مەككىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تارىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە ئامالسىزمىز . گرېتسىيىلىك جۇغراپىيە ئالىمى پېتولىمېي (مەكرەبا)(Macoraba)
دىگەن جاينىڭ نامىنى تىلغا ئالغان .ئەگەر مۇشۇ ئىككى نام بىرجاينى بىلدۇردىغان بولسا ،ئۇنداقتا ئەڭ بۇرۇنقى مەككە جەنۇبى ئەرەبىستاننىڭ خۇش پۇراق ماددىلىرنى شىمالى ئەرەبىستانغا توشىيدىغان سودا يولىدىكى بىر ئۆتەڭ ئۆتەڭ ئورنىدا قۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،جەنۇپ تەرەپ يەمەن ۋە ئادېن قولتۇقى بىلەن ، شىمال تەرەپ پەلەستىن ۋە ئوتتۇر دېڭىز بىلەن ، غەرىب تەرپى قىزىل دېڭىز بويدىكى جىددى پورتى بىلەن ، شەرىق تەرپى ئافرىقىدىكى مىسىر ،سۇدا قاتارلىق جايلار بىلەن تۇتۇشىدۇ ،شەرىق تەرپى ئەرەب يېرىم ئارىلنىڭ كەڭرى رايونلىرى ۋە پارىس قولتىقىغىچە باردۇ . ئىسلام دىنى گۇللىنىشدىن بۇرۇن ، بۇ جايدىكى سودا - سېتىق ئىشلىرى خېلى گۇللەنگەن ، ئۇ جايلاردىكى ئەرەب سودىگەرلىرى ئىقتىسادى بەلۋاخ بولۇپ قالغان .

ئەينى قاغدا ، مەككە شىمالى ئەرەب رايوندىكى قۇرەش قەبىلىسى تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان ، بۇ قەبىلە ئەرەب يېرىم ئارىلدىكى ئىنتايىن مۇھىم سودا گوروھى ئىدى . (قۇرەش)دېگەن سۆز ئەرەبچىدە (بايلىق توپلىغۇچى) دىگەن مەنىنى بىلدۇردۇ .(ئەرەب چوڭ لوغەت)تە : "ئۇلار سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇلانغانلىقى،چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلانمايدىغانلىقى ئۇچۇن قۇرەش دەپ ئاتالغان"دەپ ئىزاھلانغان ،قۇرەيش قەبىلىسى مەككىدىكى بەيتۇللانى باشقۇردىغان خوجاينلار،شۇنداقلا ئۇزۇل - كېسىل سودىگەرلەر ئىدى . مەككە شەھىردە تاتلىق بۇلاق سۇيى ۋە ئازادە ياتاق ئۆيلەر بار بولۇپ ، سودىگەرلەر دەم ئالغاچ سودا -سېتىق قىلىۋىرەتتى . قۇرەش سودىگەرلىرنىڭ ۋىزانتىيە ، ھەبەشىستان ۋە پارىس رايونلىرنىڭ ھۆكىمەت دايىرلىرى بىلەن سودا كېلشىمى بولغان ،ھەر يىلى قىش ۋە ياز پەسلىدە ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك سودا ئەتىرتى تەشكىلەب ،جەنۇپ ۋە شىمالغا بېرىب سودا قىلاتتى . بۇ سودا ئەتىرتى مەكىدىكى سودىگەرلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچى خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەمكارلىق ئىشلىرى ئىدى . (قۇرئان كېرىمدە) مۇنداق دېيىلدۇ؛"قۇرەش قەبىلىسى قىش ۋە ياز پەسلىدە ساياھەت قىلىشقا ئادەتلەنگنلىكى ئۇچۇن ، ئۇلار مۇشۇ بەيتۇللانى تاۋاب قىلدىغان خوجايىنلاردىن بولسۇن! تەڭرىم ئۇلارغا تويغۇچە تائام بېردۇ، ئاچ قويمايدۇ، تىنىچ - خاتىرجەم ياشاش شارايىتىگە ئىگە قىلدۇ". يىراققا بېرىپ سودا قىلىشدىن تاشقىرى ،مەككىگە يېقىن جايدا يەنە بىر قىسىم بازارلار بار ئىدى. بەزىلىرنىڭ كۆلىمى چوڭ بولغاچقا بۇلار قەدىمكى ئەرەبىستاندا ئەڭ چوڭ بازاردەپ ئاتالغان . مەسلەن:'ئۇكاس'بازىرى . جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بۇ يەرگە زور ئۇمىد بىلەن بېرىپ مەمنۇنيەت بىلەن قايتتاتى .غەرىپنىڭ بەزى تارىخ چىلىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،قەدىمكى رۇملۇقلارمۇ بۇ سودا بازىرغا بارغان ئىكەن .بۇ ئاۋات بازارنىڭ سودىسى مەككە شەھىرنىڭ ئورگانىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ ، مەككە شەھىرنىڭ كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەر ئارىسىدىكى نوپۇز ۋە تەسىرىنى زور كۇچ بىلەن كەڭەيتىپ ،سودا جەھەتتە ئۇيشۇش كۇچى بولۇشقا ياردەم بېرىپ ،مەدىنيەت جەھەتتە جەلىپ قىلىش كۇچى بولۇپ شەكىلەنگەن .شۇنداق دىيىشكە بولدىكى ، مەككە دىننى مۇقەدەس شەھەر بولۇشتەك ئورنى بېكىتىلىشدىن ئىلگىرى ، سودا - ئالاقە ئىشلىرى بۇ شەھەرنىڭ فونكىسىيسىنىڭ ئۆزگۇرىشى ئۇچۇن ئۇنىڭغا مەدىنىيەت ۋە پىسخىكا ئارقا كۆرنىشىنى ھازىرلاپ بەرگەن .
مىلادى 623-يىلى "كەئىبە' مۇسۇمانلار ئىبادەت قىلدىغان تەرەب قىلىپ بېكىتىلگەن .بۇنىڭ بىلەن مەككە شەھىرى پۇتۇن دۇنيا مۇسۇمانلىرى تەلپۇنىغان ، تاۋاپ قىلدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلنغان .ھازىر ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن تەخمىنەن 1 مىليون 500مىڭ ئەتىراپىدا مۇسۇمانلار بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلدۇ . ئەرەب دۇنياسى ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان چاغلاردىمۇ ، يەنىلا ھەر يىلى نەچچە يۇزلىغان ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرى ئارلىقنى يىراق كۆرمەي تاۋاپ قىلىشقا باردۇ . ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىسى بويۇنچە ، تىنى ساغلام بولغان ھەربىر ئىسلام مۇخلىسلىرى ئۆمرىدە ئازدىگەندا بىر قېتىم تاۋاپ قىلىش ئۇچۇن مەككىگە بېرىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن . نامراچچىلىقدا كۇن ئۆتكۇزۇۋاتقان نۇرغۇن ئىسلام مۇسۇمانلار ئۆزنىڭ نامراتلىقىغا قارماي ، بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ .كۆڭلىدىكى ئاشۇ مۇققەدەس جايغا بېرىپ ،ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مۇنداق بىر ھېكايىلەر ئەرەب تارىخىدا ناھايتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ .ئەرەب لەرنىڭ بۇ غايىگە بولغان قەتتى ئىرادىسى ۋە ھۆرمىتى پۇتۇن دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەككتە.
مەككىگە بېرىپ تاۋاپ قىلغۇچىلار مەككىنىڭ ھۆكىمەت دائرلىرىگە بەلگىلىك ھەج - تاۋاپ ھەققى تاپشۇردۇ."نېفىت دەۋرى" يېتىپ كېلىشدىن بۇرۇن ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ قۇملۇقتىكى پادىشاھلىق ھەمىشە بانكا ھۆججەتلىردىن قۇتۇلالمايتى . خورما قاتارلىق ئازغىنە يېزا - ئىگلىك مەھسۇلاتلىردىن كىردىغان ئازغىنە كىرىمدىن باشقا ، ھەج - تاۋاپ قىلدىغانلاردىن ئېلىندىغان پۇل ھۆكىمەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، مەككە شەھىرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى رولىنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىكىدىن مەلۇم .
ئايغى ئۇچۇلمەي ئېقىنسۇدەك ئېلىپ تۇردىغان ھەج - تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ بۇ يەردە ھېچ قانداق تۇقىنى يوق . بۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك ، يىمەك - ئىچمەكلىرى پۇتۇنلەي مەككىدىكى سودىگەرلەر تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇردۇ . شۇڭلارشقا ھەج-تاۋاپ قىلىش مەككىنىڭ "ئۈچىنچى سانائىتى"نىڭ گۇلىنىشىگە سەۋەپ بولغان ، ئەرەب سودىگەرلىرى جايلاردىن كەلگەن ھەج - تاۋاپ قىلغۇچىلارنى كۆپتەرەبدىن ۋە ئەلا سۇپەتلىك پۇل - مۇئامىلە ، پارچە سېتىش ، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئەرەبىستاندىكى نۇرغۇن سودا جەمەتلىرى بۇرۇن مەككىدە ئاشۇنداق مۇلازىمەت كەسىپ خارەكتىرلىك كەسىپ لەر بىلەن شۇغۇلىنىش ئارقىلىق باي بولغان . ئاتاقلىق ئەلى رىزا جەمەتى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر .بۇنىڭدىن باشقا مەككە شەھىرى سودا ئۇچۇر مەركىزى بولۇپ ، جايلاردىكى ئىسلام مۇخلىسلىرى ھەرخىل سودا ئۇچۇرلىرنى بۇ يەرگە ئالغاچ كېلدۇ . يەنە بىرمۇنچە ئەرەب سودىگەرلىرى ھەج - تاۋاپ ئارلىقىدا نىمە بار نىمە يوقلىقىنى ئۇقىشىدۇ ، بۇ ئەھۋال ئەررەب سودىگەرلىرنىڭ قەلبىنى جەلىپ قىلىش ۋە چاقىرىش كۇچىگە ئىگە قىلدۇ .
مەككە "مۇقەددەس سودا شەھىرى" دىن دىنى شەھەرگە ئايلانغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنڭ ئەسلىدىكى سودا خۇسىسىيىتىنىمۇ تاشلاپ قويمىغان ، بۇ قىزقارلىق مەدىنىيەت ھادىسىسى ، دەل شۇنداق مەدىنيەت ھادىسىسى دۇنيا خارەكتىرلىك ئەرەب بايلىرنى "سودىگەرلىرنى" يېتىشتۇرۇپ چىققان .
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-04-06 22:20قايتا تەھرىرلىد ]