مانىمۇ قوشوپ قوياي:؛؛؛مودىل فوكىس مەقسەتسىزلا بىر يىلاننى ئۆلتۈرۈپ قويغان، بۇ يىلان ئۇنىڭ يېڭىلا ئوپراتسىيە قىلىنىپ بولغان سىلتسىي يىلىمىلىق كۆكسىنى چىشلىگەندىن كېيىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان. فوكىس ئىسپانىيە تېلۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ بىر پىروگرممىسىغا قاتنىشىپ، يىلاننىڭ يۈزىگە سۆيمەكچى بولغان. بۇ چاغدا، يىلان ۋەھشىيلىكىنى كۆرسۈتۈپ، تېزدىن ئىنكاس قايتۇرغان، ۋە فۇكىسنىڭ كۆكسىنى چېقىۋالغان. فوكىس تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددي قۇتقۇزۇلغان، ئۇنىڭغا بىر دانە زەھەر قايتۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ھېچقانداق چاتاق چىقمىغان. بىراق يىلان ھايات ياشىيالمىغان. فۇكىس ئىسرائىلىيەلىك داڭلىق مودىل بولۇپ، كۆپ قېتىم كۆكرەك چوڭايتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان.
.....................................................qq.com2011-04-05 03:10
تەتقىقاتچى «ھۈجەيرە ئايرىش»ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان چوشقا يۈرىكىنى كۆرسەتمەكتە
شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاپرىل خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تەجرىبىخانىدا تۇنجى ئادەم يۈرىكىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان، بۇ سۈنئىي يۈرەكنىڭ يىتىشتۈرۈلۈپ چىقىشى تىببىي ئىلىمگە بىر يېڭى باشلىنىش ھازىرلاپ يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن ئۈمۈد ئېلىپ كەلگەن .
ئالىملار خېلى بۇرۇنلا سۈنئىي ئۇسۇلدا يۈرەك يىتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە بولغان، 2007-يىلى، بىر تۈركۈم ئەنگىلىيە ئالىملىرى بىمارنىڭ تىنىدىن ئېلىنغان يىلىك ۋە غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئادەم يۈرىكىنىڭ كىلاپانىنى ياساپ چىققان.
بىر يىلدىن كېيىن، بەزى ئالىملار تۇنجى بولۇپ نورمال سوقىدىغان ھايۋان يۈرىكىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان، مانا ھازىر مېننوسېتا ئونۋىرسىتىنىڭ ئالىملىرى تۇنجى ئادەم يۈرىكىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.
بۇ قېتىمقى تەجرىبە ئامېرىكا مېننوسېتا ئونۋىرسىتىنىڭ ئالىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئەزا يىتىشتۈرۈش تېخنىكىسى باشقا ئەزالار مەسىلەن، جىگەر، ئۆپكە ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىمۇ يىتىشتۈرۈشكە ماس كېلىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن يۈرەك تەقدىم قىلغۇچىنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى چىقىرىۋېتىپ، پەقەت ئاقسىل غول سۆڭىكى ۋە جازا قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ قېلىپ «ئەرۋاھ يۈرەك»نى ھاسىل قىلغان. كىيىنكى قەدەمدە شىپىرىس ئارقىلىق غول ھۈجەيرە كىرگۈزگەن ،بۇ خىل غول ھۈجەيرە مەركىزى ھۈجەيرە ئەتراپىدا بۆلۈنۈپ ۋە ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساغلام يۈرەك ھۈجەيرىسىگە ئايلانغان.
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، سۈنئىي يۈرەك يىتىشتۈرۈش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كىرگۈزۈلىدىغان غول ھۈجەرىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ھەمدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇققا موھتاج بولىدىكەن.
تەجرىبىگە قاتناشقان بىر دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تېخنىكىنى قوللىنىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىلغان يۈرەك ئۆزلىكىدىن ئۆسۈپ يىتىلەلەيدىكەن، ئۇلار بۇ يۈرەكنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىلا نورمال سوقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
....مەنبە
http://www.nur.cn/html/news/19922.shtml