باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 163 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانىلار قەدىمىنىڭ ئاستىدا جەننەت
دوستلىشىش
قوزام
ئانا سەن مېنىڭ پەرىشتەم ،مەن مەڭگۈ سېنىڭ قوزاڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2011-04-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئانىلار قەدىمىنىڭ ئاستىدا جەننەت

                                               ئانىلار قەدىمىنىڭ ئاستىدا جەننەت
ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئاللاھ قۇرئان كەرىمدە 40دىن ئارتۇق ئايەتتە ئاتا -ئانىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى بىلىش ، ئاتا- ئانىنى ھۆرمەت قىلىش ،ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ، ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش توغرىسىدا ئايەتلەرنى كەلتۈرگەن . بىر ئايەت باركى ئېنجىلدا ، تەۋراتتا ھەم قۇرئاندا ئۆزگەرمەي كەلگەن . بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى <<ئاتا-ئانا رازى ئاللاھ رازى >> كىم بۇلىشىدىن قەتتىنەزەر ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغاندىن ئاللاھ رازى بۇلىدۇ ، ئاتا-ئانىسىنى نارازى قىلغانلارنىڭ ئىبادىتىگە ھەم دۇئاسىغا ئاللاھ قارىمايدۇ .
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئاللاھنىڭ سالاملىرى ئۇ زاتقا بولسۇن )زامانىسىدە ئىبادەتكە ناھايتى بېرىلگەن ،سېخى ،ئىككى قېتىم جىھاتقا قاتناشقان ئەلقەمە ئىسىملىك بىر ساھابە بار ئىدى . بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزىرتى ئەلى ، ھەزىرتى بىلال ، ھەزىرتى ئۆمەر ۋە باشقا ساھابىلەر بىلەن سۆھپەتلىشىپ ئولتۇرغانلىرىدا بىر ئايال ئىزنى سوراپ يىغلاپ كىرىپ كەلدى .
__نىمە ئىش بولدى ....؟؟   (دىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام )
__ ساھابە ئەلقەمە دوستىڭىز ئاغرىپ قالدى ، ناھايتى قاتتىق ، سەكراتتا ياتىدۇ ، شۇنىڭ خەۋىرىنى بەرگىلى كەلدىم . (دىدى ئايال )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوفى بىلالغا ، ھەزىرتى ئەلىگە <<بېرىپ ئەلقەمەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار >>دىدى .
ساھابىلەر كېلىشىگە ،ھەقىقەتەن ئەلقەمە ئاغرىق يېتىپتۇ.
بۇ ھالەتتە كۆرگەن ھەزىرتى ئۆمەر ئېيىتتى :__ <<لەئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ >>دىگەن سۆز ھەركىمنىڭ ئاخىرقى سۆزى بولسا ئۇ ئەلۋەتتە جەننەتتۇر ، بۇرادەر  <<لەئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ >>ئېيتىڭ .
ئەلقەمە ھەممە سۆزنى ئېيتالىدىيۇ <<لەئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ >>گە تىلى كەلمىدى . ئىمان كەلىمىسىنى ئۈچ قېتىم دەپ بەرسە ھەم ئېيتالمىدى .
يا رەببىم ...! ! ! ....ئىسلامغا ،دىنغا ياشلىقىدىلا كىرگەن ،ئىمان ئېتقادى مۇستەھكەم بولغان نامازخان ، روزىدار ، سېخى جىھاتقا قاتناشقان ئىنسان ئىدى . <<لە ئىلەھە ئىللەللاھ >>قا تىلى كەلمەيۋاتىدۇ ، ئەلقەمەنىڭ تىلى كەلىمە شاھادەتكە كەلمەيۋاتىدۇ . سوفى بىلالغا ئېيىتتى ،
__  بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئېيتىڭ .
سوفى بىلال كېلىپ :__ يا..رەسۇلۇللاھ ، ئەلقەمە ئاغرىق ئەھۋالدە باشقا سۆزلەرنى قىلالىدىيۇ ، <<لە ئىلەھە ئىللەللاھ >>قا تىلى كەلمەيۋاتىدۇ ، ئەلقەمەنىڭ تىلى كەلىمە شاھادەتكە كەلمەيۋاتىدۇ يا ، رەسۇلۇللاھ !..!..!
پەيغەمبىرىمىز نىڭ ئېسىگە بىر ئىش كەلگەندەك :__ ئەلقەمەنىڭ ئاتا-ئانىسى بارمۇ ؟؟... دىدى .
__ ئاتىسى ياشلىقىدا ئۈلۈپ كەتكەن ، ئانىسى ھايات .
__ ئانىسى قېنى ...؟؟
__ ئانىسى باشقا جايدا تۇرىدۇ .
__ بېرىڭ بىلال، ئانا كىلەلىسە كەلسۇن ، ئەگەر كېلەلمىسە ئۆزۈم بېرىپ كۆرۈشىمەن  . دىدى
سوفى بىلال ئەلقەمەنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كېلىپ ئېيىتتىكى :__ ئانا سىزگە مۇھەممەت رەسۇلۇللاھدىن سالام ، ئەگەر بارالىسىڭىز چاقىردى ، بارالمىسىڭىز  ئۆزى سىلى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ .
ئانا ئېيىتتى :__ جىنىم پىدا بولسۇن مۇھەممەت رەسۇلۇللاھقا ، پەيغەمبىرىمىزگە ، مەن تېخى ئۇ دەرىجىدە ئەمەسمەن ، مەن ئۆزۈم بارىمەن  ئۇ زاتنىڭ ئۈيىگە ._ دىدى
ئانا كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بەردى
__ كېلىڭ ئانا ، (يۇقىرى تۆرىدىن ئورۇن كۆرسەتتى ) ئوغلىڭىز ئەلقەمە قانداق يىگىت ...؟؟
__ ئوغلۇم ياخشى يىگىت ، ئۆزىڭىز مەندىن ياخشى بىلىسىز يا رەسۇلۇللاھ ، نامازخان ، تائەت- ئىبادەتكە كۈچلۈك ، سەدىقە ، جىھاتقا ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە قاتناشقان .
__ سىزگە قانداق ئانا ....؟؟ سىزگە .....
__ ھە...مەن ئوغلۇمدىن نارازىمەن ، مېنىڭ ئوغلۇمدىن كۆڭلۈم سوۋىغان ، مەن ئوغلۇمدىن ئازار يىگەنمەن .
__ رازى بۇلۇڭ .
__ رازى بۇلالمايمەن ، دىلىمنى قاتتىق رەنجىتكەن ، 7-8 يېشىدا ئاتىسىدىن يىتىم قالدى ، شۇ بالامغا ئۆگەي ئاتا ئالىيىپ سەت قارىسا  قانداق چىدايمەن دەپ پۈتۈن ياشلىق باھارىمنى شۇ ئەلقەمە ئوغلۇمنى دەپ پىدا قىلدىم ، يىمەي يىدۈردۈم ، شۇ بالامنى ئەگەر ناۋادا ئۆگەي ئاتىسى ئۇرۇپ قالسا ، قاش- قاپىقىنى تۈرۈپ قالسا مەن بۇنىڭغا چىدىيالماسلىقىمنى بىلىپ  پۈتۈن ئۆمرۈمنى شۇ بالامغا بەخشەندە قىلغان . چوڭ بولدى ئۆيلىدىم ، ئوغلۇم ئۆزگەردى ، ماڭا ئومومەن ئېتبار قىلمىدى ، پەقەت خوتۇننى ماختايدۇ ، پۈتۈن ياخشى گەپلەرنى خوتۇنىغىلا قىلىدۇ ، مەن بىلەن ئومومەن گەپلەشمەي قالدى . بۇ ئىشلىرى دىلىمنى قاتتىق رەنجىتكەن ئىدى .مەن بارمۇ- يوقمۇ كارى بولمىدى ، مەن بۇ ھالەتلەرنى كۆرۈپ دىلىم قاتتىق رەنجىپ بۇ ئۆيدە يەنە بىرگە ياشىيالماسلىقىمغا كۆزۈم يەتتى دە ئايرىم ئولتۇرماقچى بۇلۇپ چىقىپ ماڭدىم ، مەن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا ھەم كۆڭلۈم ئۈچۈن بولسىمۇ << ئانا قاياققا كەتمەكچى سىز ؟... مېنى بېقىپ كاتتا يىگىت قىلغانسىز  سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىشىم كېرەك >> دىگەننىڭ ئورنىغا يۈك تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بەردى . مەن نارازىمەن ئۇنىڭدىن .
__ رازى بولمامسىز ئانا ...؟؟
__ ياق .
__ بىلال ! ئەلى ! مەيدانغا ئوتۇننى يىغىڭ ،گۈخان يېقىڭ ، ئەلقەمەنى ئەچىقىپ ئاشۇ گۈلخانغا ياقىمىز ، ئانىسىنى نارازى قىلغان ئەلقەمەنىڭ ئوتتا كۈيۈشىنى ئانىسى كۆرسۇن .
__ كىمنى ياقىسىلەر ...؟؟ كىمنى كۆيدۈرىسىلەر ...؟؟؟
__ ئەلقەمەنى .، ئوغلىڭىزنى ياقىمىز  ،ئوتتا كۆيدۈرىمىز ھازىر .
__ قەلبىمنى مىۋىسىنى ياقامسىلەر ؟، مېنىڭ يىگانە ئوغلۇمنى ياقامسىلەر ،؟ ئۇنىڭدىن مەن يېقىلغىنىم ياخشى ئەمەسمۇ ، بالامنى كۆيدۈرمەڭلار .
__ ئانا ئەگەر سىز رازى بولمىسىڭىز <<ئىككى قېتىم جىھاتقا قاتناشقان ، كېچىلەردە تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ ، بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ يۈرگەن ئىكەن ساھابە ئېكرام ئىكەن >>دەپ ئاللاھ جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ ، دوۋزاختا يانىدۇ ، ئانىسىنى يىغلاتقان ، ئانىسىنى نارازى قىلغان ئەلقەمە جەھەننەمدە كۈيىدۇ .
__ <<ئاللاھ گۇۋاھ >>...!!! دىدى ئانا ، سىز گۇۋاھ يا رەسۇلۇللاھ ، ئوغلۇمدى دىلىم ياخشىلىق ،خوشاللىق كۆرمىگەن بولساممۇ توققۇز ئاي كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمگە ، ئۈلۈمنى بوينۇمغا ئېلىپ تۇغقانلىرىمگە، بىر پارچە گۆش ۋاقتىدىن تاتىپ بېقىپ كاتتا يىگىت مىڭ- مىڭ مەرتىۋە رازىمەن بالامدىن ، بالام جەننەتتە بولسۇن .بالام كۆيدۈرۈلمىسۇن ، مەن رازىمەن بالامدىن .
__ << بىلال ئەلقەمەدىن خەۋەر ئېلىڭ >>، دىدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
سوفى بىلال ئەلقەمەنىڭ ياتقان ئۈيىگە كىرمەستىنلا ، سىرىتتا تۇرۇپ ،ئەلقەمەنىڭ <<لە ئىلەھە ئىللەللاھ ،مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ >> دەپ جان بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى .

ئەزىر قېرىنداشلار ، <<ئانىلار قەدىمىنىڭ ئاستىدا جەننەت >> بۇ سۆزنى مۇھەممەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيىتقان . رەسۇلۇللاھ ئەلقەمەنى يۇيۇشقا ئۆزى قاتناشتى ، جىنازە نامزىنى ئۆزى ئوقۇدى ، ئەلقەمە قەبىرىگە كۆمۈلگەندىن كىيىن ئېيىتتى :
__ ھەي ،،،!!! . مېنى دەپ ۋەتەننى تەرىك ئېتىپ ، مەن بىلەن بىرگە دىن ئۈچۈن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلار ، مەن بىلەن بىرگە كەلگەنلەرگە ئۈيىنى ، مېلىنى بېرىپ ياردەم بەرگەن مەدىنىىلىك ئەنسارىلار ، بىز شۇنداق كاتتا ساۋاپ ئىش قىلىۋاتىمىز دەپ ئاتا- ئانىڭىز ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالمىسۇن .
پەيغەمبىرىمىز ئارقىسىدا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇپ جىھاتقا قاتناشقانلاردىن ئالدىن سورايدۇ . <<ئاتا- ئانىنى رازى قىلغانمۇ ؟؟>> ئاتا- ئانىنى نارازى قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە ئاللاھ  نەزىرىنى تاشلىمايدۇ .

يا رەببىم .....!!! ،،،،دۇنيادىن ئۆتكەن ئاتىلىرىمىزغا ،ئانىلىرىمىزغا رەھمەت قىلغىن ، ھاياتلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن . قولىمىزدىن كەلگىنىچە خىزمىتىنى قىلىپ ، دۇئاسىنى ئېلىپ بۇ دۇنيا ئەزىزلىگىنى ھەم ئاخىرەت ئەزىزلىگىنى بۇلىشىمىزنى نىسىپ قىلغىن .

                                                 << ئامىن ....! ! ! .>>

مەنبە _ ئۆزبىكچە  ئاۋازلىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلدىم
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 8550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-04-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھەمشىرەم ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار سىزگە ئەجىر ئاتا قىلسۇن !
قانچىلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلايلى ،لىكىن ئانىمىزنى نارازى قىلىپ ،بىزدىن رەنجىپ كۆز ياش تۈكۈشىگە سەۋەبچى بولساق ،ئۇ قىلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى ......؟
اللا
دوستلىشىش
ھەمزە
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1574
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1574دانە
ئۆسۈش: 4535 %
مۇنبەر پۇلى: 17699 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-04-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

  ئاۋازلىقى مەندە بار.لازىم لار بولسا ئەۋەتىب ب ىرىمەن
دىننىي بىلىملەرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بۇ ئادرىسقا مەرھەمەت قىلىڭ!   http://hemza.blogbus.com/
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-04-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ھەقىقەتەن ياخشىكەن...!
دوستلىشىش
تاھىر
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 1026
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1026دانە
ئۆسۈش: 2960 %
مۇنبەر پۇلى: 12717 سوم
تۆھپىسى: 161 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-04-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

2-قەۋەت (ھەمزە) نىڭ يازمىسىغا

مەندىمۇ با
ئەتە ئۈلەپ كەتسەم قايدا قىلامەن؟