
بىلىمەن، ھېچ كۈتمەيتتىڭ بۇ باغاقنى. تويۇقسىز كېلىپ قالدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ تۇيۇقسىز بېشىڭغا چۈشكەن مۇز جۈمەكلەرگە ئوخشاش. ھەيران قالدىڭ، ھۇزۇر-ھالاۋىتىڭنىڭ كىندىكىگە يوغان بىر تاش چۈشۈپ قالدى ، ۋاقىتنىڭ راھىتى يوق بولدى، خوشال ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقان شاملار ئېرىپ تۈگىدى. يىلاننىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ئاڭلاندى، كۈتكەن «سەل توختاپ»لار ھاۋادا قالدى. ئىچ - پۇشۇقنىڭ ئۆلۈك كىپىنەكلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى-دە ئاشىنالىقنىڭ تەمى قالمىدى. غەم –ئەندىشىنىڭ دەھشەتلىرى كۆكسۈڭگە چۆكتى. بېشىڭنى قويغان ئۇزۇن ۋاقىتلار، پۇتۇڭنى ئۇزۇتۇپ ئۇخلىغان تۈگىمەس كۈنلىرىڭ ۋەدىلىرىگە تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. يۈزلىرى يەردە، خاپا كۆرۈنمەكتە. سەن ئىستىراھەتلەنگەن دەرەخ سايىلىرى ئۈستۈڭدىن يوق بولدى. سەن ئۆزۈڭنى گوللاپ كەلگەن ھۇزۇر-ھالاۋەت پەردىلىرى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى. كۆزلىرىڭنى نەملەندۈرەلمىگەن يامغۇرلار قولۇڭدىكى كۈنلۈكنى ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كەتتى. راھىتىڭگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن پۇتلىرىنىڭ ئۇچلىرى بىلەن دەسسەپ ھوجراڭغا كىرگەن، قەلبىڭنى قاناتماستىن ئاستاغىنا كېتىپ قالغان ۋە يىراقتا كۆرۈنگەن جاپا – مۇشەققەتلەر ئەمدىلىكتە ياقاڭدىن ئالدى.
«تېخى تۈنۈگۈن پاراڭلاشقانتۇق...» دەيسەن. «بىراق مومكىن ئەمەس!!!» لەر ئىككى ياقاڭنى سىلكىمەكتە. «ئۇشتۇمتۇت بىر ئۆلۈم!» ، «ۋاقىتسىز»، «بالدۇر» ۋە «ئەجەبلىنەرلىك!»....
بۈگۈن ئىشىڭنى تاشلاپ قويىسەن، يوغانلا بىر پۇتلىكاشاڭ بولۇپ چىقىپ قالدىم ئالدىڭغا. سۈرئىتىڭنى ئاستىلاتتىم. ئىچىڭنى پۇشۇردۇم، سەن قېچىپ كەلگەن قورقۇلار بىلەن يۈزلەشتۈردۈم سېنى. ئۆلۈم بىلەن ئاراڭغا سېلىۋالغان تامنى يىقىپ تاشلىدىم. «ئۆلۈم ماڭىمۇ يېقىنىلىشىپتۇ - ماڭىمۇ يارىشىدىكەن» دىيەلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۆلگەنلىكىمنى قۇبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، «ئۆلۈمنى يېشى يوقلۇقىنى ۋە ساڭىمۇ ھەر سىكىنۇت ۋە ھەر مىنۇت كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا ھازىرلىنىۋېلىشىڭ» ئۈچۈن! سەن «رەھمەتلىك...» سۈپىتىنى ئىسمىمنىڭ باش تەرىپىگە قوشۇپ ئېيتىسەن بۈگۈندىن تارتىپ.
ئىككىلا تەرىپىدە يوقمەن شەھرىمنىڭ. كېمىلەرنىڭ ھېچبىرى مېنى ساقلىمايدۇ بۈگۈندىن ئېتىبارەن. مېنىڭ ئۆلگەنلىكىم ئۈچۈن يوللار بوش قالمىدى.
ئەجەپلىنەرلىك! بۇ قېتىم مەن ئۆلدۈم... ھازىرغا قەدەر داۋاملىق باشقىلار ئۆلۈپ كەلگەن ئىدى. سەن مەيلى بارغىن ياكى بارمىغىن ئوخشاش، جامەلەردىن بىرىنىڭ ھويلىسىدا بىر جىنازە بولىدۇ بۈگۈن!
سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن، بىراق مەن بۇ جىنازىغا بارمىسام بولمايدۇ. مەن بارمىسام ياخشى بولمايدۇ...بولمىسا كېيىن چاقىرىلغانلارنىڭ يۈزلىرىگە قارىيالماي قالىمەن. بىر شائىرنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش بىر نامازلىق سەلتەنىتىم بۇ مېنىڭ. باش رولدىمەن...
تۇپراققا قويۇلىدىغان ئادەمنىڭ رولىدىمەن. ئارقىسىدىن يىغلىنىدىغان ئادەمنىڭ رولىدا مەن ئوينايمەن. ھېچ ئېتىراز بىلدۈرمەستىن قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىش مېنىڭ ۋەزىپەم بۈگۈن. يەنە مەن بۈگۈن ئۈستىگە توپا تاشلىنىۋاتقان ئادەمنىڭ، ئۇنتۇلۇشلار ئاستىدا يۈزى چىرىشكە تاشلاپ قويۇلغان، ئىش – پۇشۇقلارغا سەۋەب بولىدىغان... بىتىڭگىسى ئۆزىنى كۈتىۋاتقاندا بۇغۇچلىرى يېشىلىدىغان... كىيىم – كېچەكلىرى ئۆيدىن تاشقىرى چىقىرىلىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ رولىدىمەن بۈگۈن!!!
ياتىقى سوغۇق قالىدىغان، كەچتە ئۆيگە قايتمايدىغان، ئىشىكنى قېقىشى كۈتۈلمەيدىغان، داستىخاندا يەر ئايرىلمايدىغان، ئىسمى تېلېفون دەپتىرىدىن ئۆچۈرىۋېتىلىدىغان، شەھىرنىڭ يېرىم ئېغىزلىرىدىن چىققان بىر ھەجىگە ئوخشاشمۇ ئەھمىيىتى قالمايدىغان ... ئادەمنىڭ رولىنى مەن ئوينايمەن بۈگۈن. ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھېق تۇتۇشچىلىكمۇ خاتىرلەنمەسلىككە تىرىشىلىدىغان ئادەمنىڭ رولىدىمەن. رەسمىگە قاراپ يىغلىنىدىغان
(ياكى بولمىسا يىغلانماسمەنمۇ؟؟؟) ئادەمنىڭ رولىدا، «ئىسمى نېمە... ئىدى...؟» دېگەن ھالدا يوقلۇقى قۇبۇل قىلىنىغان، ئۆچۈك بىر رەسىمدە ئىچى پۇشۇقلۇقى يۈزىدىن چىقىپلا تۇرىدىغان بىر تەبەسسۈمنىڭ ئارقىسىدا مۇھەببىتىنى يۇشۇرىدىغان، سۇكۇت قىلدۇرىدىغان ئادەمنىڭ رولىدا مەن ئويناۋاتىمەن بۈگۈن. يەنى سەھنىدە مەنلام بار.
كۈتىمەن.
ئۆرە تۇرغانلارنىڭ ئەڭ ئالدىدىكىلەردىن بولۇشۇڭ كېرەك. ئەڭ تىك تۇرغىنى!
مانا بۇ باغىقىڭ:
«جېنىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بۇ يەردە ئەبەدىي ياشايدىغانلىقىنى گۇمان قىلغان، ھەر لەززەت تۈگىگەندە ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئۇنۇتقان، ھەر راھەتنىڭ ئەڭ يۇقىرىى پەللىسىدە ياقىسىدىكى «ئۆلىدۇ» دېگەن تۇنۇشتۇرۇش كارتىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن چىقىرىپ تاشلىغان، ھەر يازنىڭ ئىسسىقىدا ئىچى دۇنياغا تېخىمۇ باغلانغان، تۇغۇلغان يىلىنىڭ رەقەملىرىنىڭ چوڭراق يېزىلىشىنىڭ ئۆزىنى قەبىردىن يىراق تۇتىۋاتقانلىقىنى گۇمان قىلىپ پەخىرلەنگەن، يۈرىكىنىڭ ھەر سېلىشىدا ئۆلۈملەردىن قايتقانلىقىنى ھېس قىلمىغان، تۇمۇرلىرىنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغان چىقىدىغان ئۇيشۇپ قالغان قاندىن ئىبارەت ۋەدا خەۋەرلىرىنى يۇشۇرغان، ئايرىلىشلارنىڭ يۇچۇقلىرىدىن كىرگەن ئىچ – پۇشۇقلارنى ئۆلۈمنىڭ نەفەسىگە ئوخشاش يۇتۇپ كەلگەن، سۆيگەنلىرىنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرلىرى بىلەن ئىسىنىپ كەلگەن، ئۇنتۇلۇشنى، يوق ھېساپلىنىشنى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق گىرداب ھېساپلىغان، گۈزەللىكىنى ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىدا ئىزدىگەن، تۇپراق ئاستىغا كىرىشتىن تارتىنىدىغان، ئۇزۇندىن بىرى ئارىمىزدا ياشىغان دوستىمىز، يارەنىمىز، سىردىشىمىز، قېرىندىشىمىز، ئاتىمىز، جان پارىمىز - ئەۋلادىمىز، ھازىرچە ئۇنۇتمايدىغانلىقىمىزنى ئۈمىت قىلغان، ھەتتا مەلۇم ۋاقىتقىچە ئۇنتۇشتىن ھايا قىلىدىغان ئەمما ئاخىرىدا ئۇنتۇپ كېتىدىغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنۇتقانلىقىمىزنىمۇ ئۇنتۇيدىغان بۇرادىرىمىز...ئاللاھنىڭ قولى!!!
مەرھۇم، تۇغۇلغان كۈنىدىلا مۇبىتىلا بولغان «فانىيلىق» كېسەللىكى سەۋەبلىك، ئۇزۇندىن بىرى ياتاقتا يېتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان «ھەر بىر جان ئۆلۈمىنى تېتىيدۇ...» (ئال ئىمران، 185- ئايەت) كېسەللىكى تۈپەيلى، ئۆمۈربويى جاپاسىنى چىكىپ كەلگەن داۋاملىق ياشاش راھەتسىزلىكىدىن قۇتۇلۇپ ئارىمىزدىن ئايرىلدى.
جىنازىسى ـئۈمىدىم- ئەڭ يىراق زاماندا، ئىچ-پۇشۇقلار ئىچىدە ئوقۇلىدىغان جىنازە نامىزىنىڭ ئارقىسىدىنلا مازارلىققا ئېلىپ بېرىلىدۇ، كۆزۈڭدىن (بەلكىدە كۆڭلۈڭدىن) يىراق بىر يەردە ئۇنتۇلۇش تۇپرىقىغا كۆمۈلىدۇ.
پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەرھۇمنىڭ جىنازىسىغا كېلىپ بېرىشلىرىنى سورايمىز...
ھۆرمەت بىلەن : «ھەر بىر جان ئۆلۈمنى تېتىيدۇ...» ھەيئىتى.
سەنائى دېمىرجى