ئىتالىيە لىۋىيە ئۆكتىچى ھاكىمىيىتىنى ئېتراپ قىلدى
ئىتالىيە ھۆكىمىتىنىڭ 4 - چىسلا جاكارلىشىچە ، ئىتالىيە ھۆكىمىتى لىۋىيە ئۆكتىچىللىرىدىن تەشكىللەنگەن " لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومېتىت '' نىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق سۆھبەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان . شۇ كۈنى ئىتالىيە تەرەپ يەنە كازافى ھۆكىمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغان .
ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى FRATTINI لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومېتىتنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى AISA WEI بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن يۇقۇردىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان . ئالدىنقى ئايدا فرانسىيە بىلەن قاتار لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومېتىتنىڭ قانۇنلۇق ھۆكىمەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان ئىدى .
ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى CHEN HAIG مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈپ ، لىۋىيە خەلقئارادا يىتىم قالدى ، نىفىت ئېكسپورت قىلىشقا ئامالسىز ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا لىۋىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسى يوق ، كازافى تەختتىن چۈشۈپ كىتىشى كېرەك ، دىگەن .
http://news.stnn.cc/guoji/201104/t20110405_1535588.html[ بۇ يازمىنىhenry 2011-04-06 01:54قايتا تەھرىرلىدى ]