95دۆلەتتىن كەلگەن 1360ئالىم بىرلىشىپ دوكلات ئېلان قىلىپ: «ئىنسانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىستىمال قىلىشى سەۋەبلىك، يەر شارىدىكى بايلىقنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ تۈگەتتى» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دوكلاتتا، «سازلىق، ئورمان، دەريا، كۆل، دېڭىز بويىدىكى بېلىقچىلىق مەيدانلىرى، شۇنىڭدەك، ھاۋا، سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددا قاتارلىقلارنىڭ ئايلانما ئىكولۇگىيەلىك مۇھىتى قۇتقۇزىۋالغۇسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى» دەپ كۆرسىتىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر قاتار سانلار ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
60يىل: ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىك، تاتلىق سۇ، ياغاچ ماتىرىياللىرى، يېقىلغۇ قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتۈپ كەتكەن 60يىلدا، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئېچىلغان ئېچىلغان دېھقانچىلىق يەرلىرى 18-ئەسىر ۋە 19-ئەسىردە ئېچىلغان يەرلەرنىڭ ئومومىي يېغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولغان.
%24: بۈگۈنكە قەدەر، يەر شارى قۇرۇقلۇقىدىكى %24يەر ئىنسانلار تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەر قېلىپ ئېچىلغان. ئورمانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېسىلىشى بەلكىم بەزگەك ۋە خلىرا قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ قىرغىن قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋىتىشى ھەمدە بىر قىسىم بايقالمىغان كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مومكىن.
%50: ئۆتۈپ كەتكەن 40يىلدا، ئىنسانلارنىڭ دەريا، كۆللەردىن ئالغان سۇ مىقدارى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە قاتلانغان. ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتە خورىتىۋاتقان يەر ئۈستى سۈيى بارلىق پايدىلىنىشقا بولىدىغان تاتلىق سۇ ئومومىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 30~40پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ.
تۆتتىن بىر: ئاز دېگەندىمۇ 4تىن بىر قىسىم بېلىقچىلىق زاپىسى ئىنسانلارنىڭ زىيادە تۇتۇپ ئۆلتۈرىشى بىلەن تۈگىدى. بىر قىسىم رايۇنلارنىڭ بېلىق تۇتۇش مىقدارى شۇ رايۇننىڭ سانائەتلەشتۈرۇلۇپ بېلىق تۇتۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەس بولۇپ قالدى.
%35: 1980-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن يەر شارىدىكى %35مانگروۋا ئورمىنى، %20مارجان خادا تاشلىرى يوقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا %20مارجان خادا تاشلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
ئالىملار ئاگاھلاندۇرۇپ، "بۇ بالانىس جەدىۋىلىدىن نورغۇن قىزىل چىراقنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار ئەتىنىڭ بايلىقىنى خورىتىپ، ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولغان بايلىقنى تۈگىتىۋاتىدۇ"، دېدى.
ئۆمەرجان ئابدۇللا تەرجىمىسى
ئىنسانلار يەر شارىدىكى بايلىقنىڭ ئۈچىتن ئىككى قىسمىنى خورىتىپ بولدى
مەنبە:بىلىم-كۈچ