ئىشەنمەسلىكنىڭ قۇدرىتى
بىز ئىلگىرى تولىمۇ ئخلاسمەن ئىدۇق ، جەمئىيەتكە ئىشىنەتتۇق ، ھۆججەتلەرگە ئىشىنەتتۇق ، ئېلانغا ئىشىنەتتۇق ، بىراق ھازىر بۇلارنىڭ بىرەرسىگە ئىشىنىش ئۈچۈن مۈشكۈلدە قارار چىقىرىدىغان ، قايتا-قايتا ئويلىنىدىغان ، دەلىللەيدىغان بولدۇق . رېئاللىق ئىشەنمەسلىك ئىقتىدارىمىزنى يىتىلدۈردى ، تاللاشنى قارار قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرتىمىز گۇمانغا ئالماشتى .
بىزگە ھازىر ئىنىقسىز بولغىنى ئۆي باھاسى ئەمەس ، بەلكى ئۆي باھاسى راست ئۆرلىدىمۇ ياكى يالغانمۇ دىگەن مەسىلە ؛ قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەمەس ، بەلكى قاتناش قىتاڭچىلىقى راست تۈزىتىلىۋاتامدۇ ياكى يالغانمۇ ، دىگەن مەسىلىدىن ئىبارەت . راست بىلەن يالغانتوغرىسىدا ئىگىرى ساختا تاماكا ، ساختا ھاراق ، ئۇستىلىق قىلىنغان گۆش دېگەننى بىلەتتۇق ، كېيىنچە ساختا يولۋاس ، ساختا ئوقۇش پەيدا بولدى . ھازىر بولسا ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىنىدىغان ساھەدىمۇ ساختىلىق كۆرىلىۋاتىدۇ . ئىشىنىمەنكى ، نۇرغۇن كىشى ساۋ ساۋ قەبرىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ ، شۇنداقلا بىر تەرەپلىمە ھالدا ھېچقانداق بىر تەرەپتە تۇرۇپ ، يەنە بىر تەرەپنى تەقىدلەپمۇ يۈرمەيدۇ ، ئەمما شۈبھىلىنىشى ئېنىق . تەئەججۈپلىنىدىغىنىم كىشىلەر نېمىشقا ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت بۇنداق ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىنىدىغان كەسپنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ گۇمانلىنىدىغاندۇ ؟ ئەجابا ئىشەنچنىڭ قۇدرىتىنى يوقۇتۇپ قويدۇقمۇ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدىمۇ ؟ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بۇنداق سەمىمىيەت كىرزىسى بازاردىن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا كېڭىيىپ ، ئارخېئولوگىيەگە ئوخشاش يۈكسەك ئەستايىدىللىق ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەرگە سىڭىپ كىردى . ئىلىم ئەل ۋىجدانىنىڭ ئاخىرقى سۇپىسى ، ئەگەر ئىلىمگە بولغان سەمىمىيلىك گۇمانغا قويسا ، بۇ يالغۇز ئىلىم مەسىلىسىلا بولمايدۇ ، بەلكى جەمئىيىتىمىزدىكى يادرولۇق مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ،
كىشىلەرنىڭ چىنلىققا بولغان شۈبھىلىنىشى كۆڭۈلدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن بولىدۇ ، بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش سەۋەپلىك پەيدا بولغان بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ، مەسئۇلىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقتى كېلىپ چىققان ، بۇنداق چىگىش پىسخىك ھالەت كىشىلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلغان . كىشىلەر ئۆزىدىكى بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن گۇمانسىراش ، سوئال قويۇش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن كۆڭلدىكى تۈگۈننى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن ، نەتىجىدە بۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولىدۇ .
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئىشەنچىسىزلىكنىڭ مەنبەسى رېئال مۇھىتقا بولغان ئىشەنمەسلىكتىن بولىدۇ . رېئال مۇھىتتىكى نۇرغۇن ئىشلار كىشىلەرگە <بۆرە كەلدى> دېگەن ھېكايىنى ئەسلىتىدۇ ، ھېلىقى بالا يالغان سۆزلەۋېرىپ ، ئاخىر كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى ، نەتىجىدە راستىنلا بۆرە كەلگەندە ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى . كىم ئىشەنمەسلىك ئقتىدارىمىزنى يىتىلدۈردى ؟ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ، ساختا ئېلانلارمۇ ياكى ئىتىقادىمىزنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن سىرتقى ئامىللارنىڭ تەڭ كۈچ كۆرسىتىشىمۇ ؟
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى