باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 188 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاياتلىقنىڭ لىمىتى= 0 ؛  (مۇتەپەككۇر)
دوستلىشىش
mutepekkur
مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 264
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
ئۆسۈش: 903 %
مۇنبەر پۇلى: 2997 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-04-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 00:17

ھاياتلىقنىڭ لىمىتى= 0 ؛  (مۇتەپەككۇر)

   
    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكىسىدا لىمىت  دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. بۇنى كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز بىلسە كېرەك. لىمىت چۈشەنچىسى بويىچە،  مەخرىجى چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن، سۈرىتى مۇقىم بولغان ياكى چەكلىك بىر سانغا ئىنتىلگەن كەسىر ئىپادىلەرنىڭ لىمىت قىممىتى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.
    يېقىندىن بېرى ھاياتلىقنىڭ چېكى ئۈستىدە ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن. قانداقلا خىيال قىلسام، بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق ماڭا ئىنتايىن قىسقىدەك، ئىنتايىن تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. 
     شۇنداق خىياللار ئىسكەنجىسىدە يۈرگەن بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋېتىپ، بىر دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى «تۇرمۇش چەكسىز»  دىگەن خەت كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى، ئېنگلىسچە Life Unlimited دىگەندەكراق بىر خەت تۇراتتى. تۇيۇقسىز،  Limit دىگەن سۆزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۆگەنگەن لىمىت ئىكەنلىكى كاللامغا كېلىپ قالدى.  ئۇ دۇكاندىكىلەرنىڭ «تۇرمۇش»نى لىمىتلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمچە پۈتكۈل ھاياتلىقنى لىمىت فورمۇلىسىغا سېلىپ باقسا قانداق نەتىجە كېلىپ چىقار؟ دىگەننى ئويلاپ قالدىم.
    شۇ نەرسە ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇ دۇنيادا چەكسىز ياشىغان ئادەم چىقمىدى، شۇنداقلا، بۇندىن كېيىنمۇ چىقمايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتلىق مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن بولسۇن، ياكى قانچىلىك قىسقا بولسۇن، ھەرگىزمۇ چەكسىزلىككە ئىنتىلەلمەيدۇ. ھاياتلىق ھامان بىر چەكلىك قىممەتنى ئالىدۇ.  پانىي دىمەك چەكلىك دىمەكتۇر. بۇ دۇنيا پانىيدۇر.
     يەنە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىمىزكى، بۇ دۇنيادىكى پانىي ھاياتلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چەكسىز ھاياتقا، يەنى باقىي ھاياتلىقا(باقىي ئالەمگە) بارىدىغانلىقىمىز ئېنىق. 
     ئەگەر، بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىقىمىزنى پانىي ھايات بىلەن باقىي ھايات يىغىندىسى دەپ قارىساق، ئۇنداقتا، بىزنىڭ  پانىي ھاياتىمىز پۈتكۈل ھاياتلىقىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىقىدۇ.  باقىي ھايات چەكسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئومۇمىي ھاياتىمىزمۇ چەكسىز بولىدۇ.
     ئۇنداقتا پانىي ھاياتنىڭنىڭ ئومۇمىي ھاياتلىقتا ئىگەللىگەن نىسبىتى قانچىلىك؟ بۇنى ماتىماتىكىلىق تەڭلىمە ئارقىلىق ئىپادىلىسەك تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
        ئومۇمىي ھايات/ پانىي ھايات = ؟
   بۇنى ھېسابلاش ئۈچۈن دەل تولۇق ئوتتۇرا ماتىماتىكىسىدىكى لىمىت بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ:    

                          پانىي ھايات                  
  0  =  ___      lim  
                                       ئومۇمىي ھايات            مەخرەج چەكسىزلىككە ئىنتىلىدۇ          


    يۇقىرىدىكى ئىپادىدىن «بۇ دۇنيا ھاياتىمىز نۆلگە يېقىنلىشىدۇ»، دېگەن نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بىزگە دۇنيا ھاياتىنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى روشەن دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە كېرەك.
     بۇ دۇنيادا مەيلى نۇھ ئەلەيھسالامدەك، لوقمان ھەكىمدەك 1000 يىل ياشايلى ۋە ياكى ياشلىقىمىزدىلا ئۆلۈپ كېتەيلى، بۇلارنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى بولمايدۇ.  چۈنكى، ھەممىسىلا چەكسىزلىككە سېلىشتۇرغاندا نۆلگە(يېقىنلىشىشى) ئوخشاشتۇر. پەقەت ئوخشىمايدىغان يېرى، بىزنىڭ ئاشۇ  قىسقىغىنا ھاياتنى نىمە ئىش  بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىمىز بولسا كېرەك.
     كونىلاردا:« توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا» دەيدىغان ماقال بار.  بىز مەيلى توشقاندەك ياشايلى، ياكى يولۋاستەك ياشايلى، ھەممىمىزگە ئوخشاشلا ئۆلۈم بار.  مەيلى باي بولۇپ ياشايلى، ياكى نامرات ھالەتتە ياشايلى، ئۇ خىل ھاياتىمىز ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. مەيلى كۈلۈپ - ئويناپ ياشايلى، ياكى غېرىپسىرىغان ھالەتتە ياشايلى، ئۇ خىل تۇرمۇشنىڭ ھامان خاتىمىسى بار. مەيلى مال- دۇنيا پەرەس بولۇپ، ئاخىرىتىمىزنى ئۇنتۇپ، نىمەتلەرگە تۇزكور بولۇپ ياشايلى، ياكى  ياراتقۇچى ئاتا قىلغان نىمەتلەرگە لايىقىدا شۈكرانىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئادىمىيلىك پەزىلىتىمىز بىلەن ياشايلى، يەنىلا رىزق ئاتا قىلغۇچىمىزنىڭ سوراق مەيدانىغا بارماي ئامالىمىز يوق. سوراقتىن كېيىنكى سوت نەتىجىسى ئوخشىمايدۇ خالاس. ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئۇ قېتىمقى سوتنىڭ نەتىجىسى سىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى نۆلگە يېقىنلاشقان قىسقىغىنە ھاياتىڭىزنىڭ نىمە ئىش، قايسى ئىدىيە بىلەن ئۆتكەنلىكىگە قاراپ چىقىرىلىدۇ.
    بۇنىڭغا ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى يىغىنچاقلاپ، ھاياتلىقتىن ئالغان تەسىراتىنى يېزىپ چىققان تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شېئىرى ئەڭ توغرا چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك:

 جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.


    يۇقىرىدىكى شېئىردا بۇ دۇنيادا ھىچقانداق بىر ئىنساننىڭ مەڭگۈ ياشىيالمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، قۇرئاندا دۇنيا ھاياتىنىڭ قانچىلىك قىسقا ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:« (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ». 
يەنە مۇنداق دەيدۇ:« (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ، دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن)(ئۇلار)‹(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈن تۇردۇڭلار› دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ». 

    يۇقارقىلار ئىنسان ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى  ۋە ھاياتنىڭ ئىنتايىن قىسقا ئىكەنلىكىنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ تېمىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەخسەت ھەرگىزمۇ پەقەت ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئەمەس. بەلكى، ھاياتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىسقا ئارقىلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، بۇ قىسقىغىنە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش قىلىشتۇر.
    تۆۋەندە كىچىككىنە  مىسالنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەي: ھېيت - بايراملاردا، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ساۋاقداشلار ېستۇرانغا بېرىپ يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. بىر قېتىم بىزنىڭ ساۋاقداشلارمۇ شۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ پىكىرنى پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانلاردىن بۇنىڭ نىمە رولى بارلىقىنى، نېمە زۈرۈرىيىتى بارلىقىنى سورىدىم. ئۇلار مۇنداق دىيىشكەنىدى:
 ــ ھېيت بولغاندىكىن، رېستۇرانغا بېرىپ تەبرىكلىگەچ ئاز -تولا ئويناپ كېلىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر سىنىپ ساۋاقداشلىرى بىللە پائالىيەت قىلساق، بالىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى كۈچىيىدۇ، بۇنداق يىغىلىش بىريىلدا بىرە قېتىم بولۇپ تۇرمىسا بولمايدۇ.
ــ ئەجابا رېستۇرانغا بارمىساق، تانسا ئۇسسۇل- ئوينىمىساق، ھاراق- شاراب ئىچمىسەك بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ؟ خوشاللىقىمىز كەملەپ قالارمۇ؟
ــ رېستۇرانغا بارساق نىمە بوپتۇ؟ بىر سىنىپنىڭ ساۋاقداشلىرى بولغاندىكىن ئۇسسۇل ئوينىساق نىمە بوپتۇ؟ ئاز- تولا كۆڭۈل ئاچساق نىمە بوپتۇ؟ خالىمىغانلار بارمىسۇن، زورلىمايمىز.
ــ ئىختىيارىڭلار، مەن بۇ يىغىلىشقا قاتناشمايمەن.
يىغىلىش بولىدىغان كۈنى  ياتاقداشلار بىلەن مۇشۇ توغرىدا پاراڭلىشىپ قالدىم.
ــ رېستۇرانغا بېرىپ ئوينىساڭلار بەلكىم خوشال بولارسىلەر، كۆڭلۈڭلار ئېچىلىپ قالار. تاتلىق، ئېسىل تاماقلارنى يەپ ھوزۇرلىنارسىلەر. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر كېچە ئۇخلاپ ئويغانساڭلار، ئەتە ئاشۇ خۇشاللىق ۋە ھوزۇردىن ئازراق بىر قىسمى بولسىمۇ ساقلىنىپ قالارمۇ؟ بۈگۈنكى ھۆزۇرنىڭ پەيزىنى داۋاملىق سۈرەلەمسىلەر؟
ــ ئۇ دىگىنىڭلىمىغۇ راست،  لىكىن بارىدىغانغا ماقۇل بولۇپ پۇلنىمۇ بېرىپ بوپتىمەن،  بامىسام سەت تۇرامىكىن.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار رېستۇرانغا كەتتى.  قانداق چاغدا قايتىپ كەلگىنىنى ئۇقمىدىم،  بەلكىم ئەتىسى قايتىپ كەلدىغۇ دەيمەن.
ــ ياخشى ئوينىغانسىلەر؟
ــ نەدىكىنى، ھاراق ئىچىشىپ مەست بولۇپ، بەزىلىرى رېستۇراننىڭ باشقا باۋشىياڭسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئويۇنمۇ ساق ئويۇن بولمىدى، تۆنۈگۈنلا بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام بارمايدىغان ئىشكەن. 
بۇ ئىشلار شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.  ئويلاپ قالدىم:
ــ مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئوينىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئارىمىزغا ئازراق بولسىمۇ سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالدىمۇ؟ ياق.  يەنىلا بۇرۇنقىدەك.  بىللە بېرىپ ئويناپ كەلگەنلەر بۇرۇنقىدىن بەك يېقىن، ئىناق بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياق. بەزىلىرى مەستلىكىدە بىر -بىرى بىلەن ئۇرۇشتى. ئۇلاردىكى شۇ كۈنى كەچتىكى خوشاللىق، جۇشقۇن كەيپىيات ھازىرمۇ بارمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاشۇ مەيداندىلا تۈگەپ بولغان.  كۆپۈنچىسىنىڭ شۇ كۈنى خەجلىۋەتكەن 50 كويىغا ئىچى ئاغرىماقتا.
   ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە قايتىپ كەلسەك، بىز بۇ دۇنيادا مەيلى ئويناپ - كۈلۈپ، باي -باياشات، جاپادىن قېچىپ، شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى تىكلىۋېلىپ،  ئۆز قەۋم- قېرىنداشلىرىمىز، مىللىتىمىز، كەلگۈسىمىز  بىلەن كارىمىز بولماي، كۆزىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، بۈگۈنىمىزنىلا ئويلاپ ياشىساقمۇ بۇ كۈنلىرىمىز ھامىنى تۆگەپ كېتىدۇ. بۇ ئۇيۇن تاماشالىرىمىزنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغان چېكى بولىدۇ. خۇددى  يۇقىرىدىكى مىسالدىكىدەك. 
     ھاياتنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئەزىيەت- كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلىپ، ئۆزىمىز، قەۋم- قېرىنداشلىرىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەسسە قوشالىغۇدەك ئىدىيەنى تىكلەپ، شۇ بويىچە ياشىساقمۇ بۇ ھاياتىمىز يەنىلا تۈگەيدۇ.  تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ، تۆككەن قان- تەرىمىزنىڭ توختايدىغان ۋاقتى بولىدۇ.
      نىكولاي ئوستىروۋىسكىي « پولات قانداق تاۋلاندى» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
    «ئىنسان ئۈچۈن ھايات ئەڭ قىممەتلىك، ئۇ كىشىگە بىرلا قىتىم كىلىدۇ، كىشى ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، يىللار مەنىسىز ئۆتۈپ كىتىپتۇ، دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا :‹پۈتۈن ھاياتىمنى ۋە بارلىق زىھنىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا _ ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق يولىدىكى كۆرەشكە بىغىشلىدىم› دىيەلەيدىغان بولسۇن.»
    گەرچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى ئۆزىمىزگە تۇلۇق ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك، دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما، بۇ جۈملىنى ھاياتنىڭ قىممىتىنى ۋە ياشاشنىڭ مەقسىتىنى ئويلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

    سىز قىسقىلىقىدىن نۆلگە يېقىنلىشىدىغان بۇ ھاياتىڭىزنى زادى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟ ماددىي مەنپەئەتنى دەپ، قەۋم- قېرىنداشلىرىڭىزنى، مىللىتىڭىزنى ئۇنتماقچىمۇ؟ ئازغىنە خۇشاللىق ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىكمەكچىمۇ؟  
      ئى دوستۇم! بۇ ئۆمرىڭىزدە ــــ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە يات ئويۇن- تاماشىلارنى تەرك ئەتسىڭىز، كىملىكىڭىز ئۈستىدە ئويلانسىڭىز، روھىيىتىڭىزنى چىرىك، بۇزۇق نەرسىلەر بىلەن بۇلغاشتىن ساقلانسىڭىز، نەدىن كەلگەنلىكىڭىزنى  ئېنىق بىلىپ، نەگە بارىدىغانلىقىڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارمىسىڭىز، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپ ياشىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مىللىتىڭىزنىڭ شەنىنى يۇرۇق قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تىرىشسىڭىز، مەڭگۈلۈك ھاياتىڭىز ئۈستىدە ئويلانسىڭىز،  ئىتىقادىڭىز بويىچە ئىش پائالىيەت ئېلىپ بارسىڭىز، ياراتقۇچىڭىزغا لايىقىدا شۈكرانە بىلدۈرسىڭىز، ئاشۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىڭىز ئۈچۈن ئاز- تولا بەدەل تۆلىسىڭىزــــ  مۇشۇلارنى قىلسىڭىز جىسمىڭىز بەك قىينىلىپ، روھىڭىز بەك ئازاپلىنىپ كېتەرمۇ؟  قىينالسىڭىزمۇ كارايىتى چاغلىققۇ؟  بۇ قىيىنچىلىق  ئىنتايىن  ئىنتايىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتلىققۇ؟  
   ئى دوستۇم! بۇ دۇنيا ھاياتىڭىزنىڭ لىمىتى نۆلگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئۇنتۇپ قالماڭ!
ئاپتور: مۇتەپەككۇر
2011- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ

[ بۇ يازمىنىmutepekkur 2011-04-05 11:47قايتا تەھرىرل ]
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 1650 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-04-07

  توغرا....ھاياتىمىزنىڭ لىمىتى نۆلگە تەڭ... مەيلى ئۈسىتىدىكى  سۈرەتنىڭ قىممىتى قانچە چوڭ بولسۇن ھامان بىر كۈنى ئۆلىمىز...سەھەر يا كەچتە، بۈگۈن يا ئەتە.....
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 150
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە150دانە
ئۆسۈش: 1410 %
مۇنبەر پۇلى: 2542 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2011-04-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 07:10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركەتىھۇ!
    جېنىغا ئىچى ئاغرىيدىغان، ئەقىلدىن نېسىۋە ئالغان، تەپەككۇرى ئوچۇق ھەر بىر ئىنسان ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز قېرىندىشىم. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...
http://bbs.merifet.net
Verily, with every difficulty there is relief.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4319
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-06
ئاخىرقى: 2011-04-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 10:16

شۇنداق خىياللار ئىسكەنجىسىدە يۈرگەن بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋېتىپ، بىر دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى «تۇرمۇش چەكسىز»  دىگەن خەت كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى، ئېنگلىسچە Life Limit دىگەندەكراق بىر خەت تۇراتتى. تۇيۇقسىز،  Limit دىگەن سۆزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۆگەنگەن لىمىت ئىكەنلىكى كاللامغا كېلىپ قالدى........

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن mutepekkur قېرىندىشىم،تەپەككۈرىڭىزگە بارىكاللاھ،ناھايىتى ياخشى تىىما يوللاپسىز!
بىراق يۇقىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئىنگىلىزتىلىدىكى Limitدىگەن سۇزگەبېرىلگەن خاتا مەنىنى توغرىلاپ قويغۇم كەلدى،
Limit نىڭ تەرجىمىسى چەكلىك دىگەن مەنىدە،چەكسىز  دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغىنى: .unlimited  ،limitless    illimited
دوستلىشىش
mutepekkur
مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 264
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
ئۆسۈش: 903 %
مۇنبەر پۇلى: 2997 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-04-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 10:28

3-قەۋەت (kerime) نىڭ يازمىسىغا

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن، قېرىندىشىم.   ئۇ ۋىۋىسكىنى كۆرگىلى بىر نەچچە ئاي بولغاچقا، تولۇق ئېسىمدە قالماپتىكەن،  ئەمدى يادىمغا سالدىڭىز.  ئەسلىدە Life Unlimited  دىگەندەك تۇراتتى.  مەن بۇ تېمىنى ھازىرلا تەھرىرلەپ قوياي
ئېنگىلىزچە بىلمىگەننىڭ دەردىدە مۇشۇ
دوستلىشىش
تاھىر
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 1026
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1026دانە
ئۆسۈش: 2960 %
مۇنبەر پۇلى: 12717 سوم
تۆھپىسى: 161 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-04-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 16:35

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ، ياخشى بۇرادەر !!!
ئەتە ئۈلەپ كەتسەم قايدا قىلامەن؟
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 8550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-04-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 16:44

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ئاللاھ  ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن !
اللا
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ئۆسۈش: 880 %
مۇنبەر پۇلى: 5758 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-04-05
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 18:27

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئىسمى -جىسمىغا لايىق مۇتەپپەككۇردە سىز...ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ھەي...بۇرۇن ماتىماتىكىنى مۇئەللىملەر مۇشۇنداق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن بولسا قوش بىلىملىك بۇلۇپ قالار كەنمىز...  نادىر لىغۇدەك تېمىكەنتۇق بۇ.
ئەتە ئۈلۈم!