ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
ئىسلامدىن ئېغىشمايلى
<ئې>،<ئى>لارغا ئېتبارلانغان ئىلتىجانامە
ئابدۇلىتىپ مامۇت
ئىسلام-ئىقبال ئىمارىتىنىڭ ئىشىكىدۇر،ئىمانداشلارنى ئېغىش ئېتىكىدىن ئىززەت ئېگىزلىكىگە ئېرىشتۈرگۈچى ئېنىرگىيە،ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىدىكى ئىنتايىن ئىزگۈ ئىنئامدۇر.
ئېلىمىزدىكى ئىخلاسمەن ئىمانداشلار ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىدا ئىمان ئىسلامغا ئېرىشكەندىن ئىتىبارەن،ئېتىقادىدىكى ئىپلاس ئىللەتلەردىن ئېرىغدىلىنىپ،ئىدىيە ئېتىزلىرىدا ئىمان ئىپار گۈللىرىنى ئىچىلدۇرغان،ئىقتىدارلىق ئىماملارنىڭ ئىنچىگە ئىدارە ئېتىشلىرىدە ئىدىيىسىنى ئىلىمىدە ئىلغارلاشتۇرۇپ،ئىبادەت-ئىستىغپارلارنى،ئىجىل-ئىناقلىقىنى ئىنتايىن ئىززەتلەپ،ئىززەت-ئېتىبارىنى،ئىستىقبالىنى ئىشەنچلەشتۈرگەن.
ئېچىنارلىقى ئېنىقكى،ئېلىمىزنىڭ ئىززەت-ئىناۋىتىنى ئىقلىم-ئىقلىملارغا ئىشتكۈزۈشچۈن،ئېسىل ئىدىيىلىك،ئىمانى ئىشەنچىلىك ئىمانداشلىرىمىز ئىمانى ئىسلامنى،ئىناقلىقنى ئىززەتلەپ،ئېغىرچىلىقلارغا ئېگىلمەي،ئىماندىن،ئىزگۈلۈكتىن،ئىشچانلىقتىن ئېغىشمايۋاتسا،ئىززەتلىنىشنى ئېنىق ئىزاھلىيالمايدىغان،ئىمانىنى ئېنىقلىيالمايدىغان،ئىمانى ئىشەنچىسىز ئىنجىمارۇقلار ئېيتقۇسىز ئىللەتلەرگە ئىختىيارلىنىپ،ئېنىق ئىماندىن ئېزىپ،ئىپلاسلىق ئېغىللىرىدا ئېشەكتەك ئېغىنىماقتا.ئىز باسارلىرىمىزدىن ئىلاھنى ئىنكارلاپ،ئېتىقادسىزلىشىۋاتقانلارنىڭ ئىمانىدىن،ئىزگۈلۈكتىن،ئىشچانلىقتىن ئېزىۋاتقانلىقى ئېنىق.ئىسلامىمىز ئىزنىكىنى ئېسۋېلىپ،ئېلىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى،ئىسلامنىڭ ئىناقلىق ئىنايىتىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇ ئىمان ئىسلامدىن ئېغىۋاتقانلىقى ئېنىق،ئىقتىسادى ئېشىپ،ئىسراپخورلۇق،ئىشرەتۋازلىق ئىسسكەنجىسىدە ئىڭراۋاتقان ئېسىلزادىلەر،ئىپپىتىنى ئىقتىسادقا ئېرۈشتۈرۈۋاتقان ئىشرەتۋازلار،ئىقتىسادقىلا ئىنتىلىپ،ئىماندىن ئېزىۋاتقان ئىقتىدارلىقلارمۇ ئېتىرازىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىسپاتىدۇر.ئىلغار ئىدىيىلىك ئىمانداشلار،ئىلىمداشلار!ئىقبال ئىشىكىمىزنىڭ ئىتتىكرەك ئېچىلىشىغا ئىززەت-ئىناۋىتىمىزنىڭ ئىقلىملار،ئىرقلار ئىچىدە ئېشىشىغا ئىختىيارلىنايلى،ئىسيانكارلارنىڭ ئىغۋالىرىغا ئىشىنىپ،ئىناق-ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئېتىبارسىزلاشتۇرمايلى،ئىقتىسادتا ئېشىنالمايۋاتقانلارنى ئېتىبارغا،ئىلھامغا،ئىئانە-ئېھسانغا ئىزچىل ئېرىشتۈرەيلى،ئېغىرچىلىقلارغا ئېگىلمەي ئىلىم ئىزدەيلى،ئىلىم ئىگەللەيلى،ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىززەتلەيلى.ئىچىشۋازلىق،ئىشرەتۋازلىقتەك ئىپلاسلىقتىن،ئىققتىسادنى ئىماندىن،ئىلىمدىنمۇ ئىززەتلەيدىغان،ئېتىقادسىزلىق،ئىسراپخورلۇقتەك ئىللەتلەردىن ئېرىغدىنايلى،ئېنىقكى،ئىماندىن ئېغىشمىساق،ئىبلىسنىڭ ئېزىتقۇرۇشلىرىغا ئېگىلمىسەك،ئىبادەتكە ئېرىنمىسەك ئىلاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلەيمىز،ئىنشائاللا!
جوڭگۇ مۇسلامانلىرى 1999_يىل 2_سان