لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قوماندانلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى (ناتو) بۇ قېتىم لىۋىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى بومباردىمان قىلدى.
برېغا شەھىرىگە يېقىن بىر جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆكتىچىلەرگە ئائىت 4 ماشىنا بىلەن بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بومباردىمان قىلىندى.
ئۆكتىچىلەر، ئارىلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان قەززافى كۈچلىرىنىڭ ئايروپىلانغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئوق چىقىرىلغان جاينى بومبارىدىمان قىلغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۆكتىچىلەر، ۋەقەدە 10 نەپەر ئۆكتىچى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىكى 4 نەپەر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەززافى كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.