بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا بەنى ئىسرائىل سۆرىسىنىڭ 23-24-ئايەتلىرىدە مۇنداق دىگەن؛[پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى،ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا ئۇلارغا ئوھۇي دىمىگىن (يەنى مالاللىقنى يەتكۈزىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)،ئۇلارنى دۇشكەيلىمىگىن،ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن،ئۇلارغا كامالى مىھىربانلىقتىن ناھايتى ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئې پەرۋەردىگارىم !ئۇلار مىنى كىچىكلىكىمدە تەربىلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن،دىگىن.]
بىز ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتىپ قويغان لىكىن ئاتا-ئانىمىزدىن رازىلىق ئالالماي، ئاتا- ئانىمىز ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا،بەزى مۇجتەھىت ئالىملىرىمىزنىڭ ھۆكمى بويىچە ئۈچ تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى بېغىشلاش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
1-شۇ ئادەم ئىلگىركى ئۇقماستىن نادانلىقتا قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا ئۆكۈنۈپ ،تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ توغرا يولدا مىڭىپ ياخشى ئادەم بولىشى كېرەك.
2-ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىغا ھەم دوسلىرىغا (ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورنىدا)يوقلاش ۋە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
3-ئاتا-ئانىسىغا بېغىشلاپ دۇئا قىلىش،ئىستىغپار ئىيتىش ۋە سەدىقىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش پەرىزدۇر.
ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرەلمەيمىز ،ھەرقانداق ئىشتا ئاتا - ئانىغا مەسلەھەت سېلىپ ئۇلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن قىلىشىمىز كېرەك ،ئۇلار رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى ئامال بار قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ساھابىلەر ؛ ئەئراپ دىگەن نىمە؟ ئەئراپتا كىملەر تۇرىدۇ ؟ دەپ سورىغاندا ،ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاۋاپ بېرىپ؛ئەئراپ دىگەن جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرسىدىكى ئىگىز تاغ بولۇپ ئۇ تاغدا دەل-دەرەخ ،مىۋە چىۋىلەر ۋە ئۆستەڭ- بۇلاقلار بار، بۇئورۇندا تۇرىدىغانلار بولسا،ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي جەڭگە چىقىپ شەھىت كەتكەنلەر بولۇپ ئاتائانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن جەنننەتكە كىرىشتىن توسالغان،ئاللاھ يولىدا شەھىت كەتكەنلىگى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىشتىن توسالغان ئادەملەر ئەئرەپ دىگەن ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئەي ئەزىز دىنى قېرىنداشلار ! بىز چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاختىمىزدا چوقۇم ئاتا-ئانىمىزنىڭ مەسلەھەتى بىلەن قىلايلى ،ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئۆز ئالدىمىزغا ئىش قىلىپ ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنايلى.
ھازىر دىيارلىرىمىزدا ئوغۇللار بولسۇن مەيلى قىزلار بولسۇن ئۆمۈرلۈك ئىشلىرىغا چاقچاق قىلىدىغان ،ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالمايدىغان ئىشلار كۆپۈيۈپ كەتمەكتە،شۇنىڭ بىلەن قىز-ئوغۇللار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆمۈرلۈك ئىشلىرىدىن زىيان تارىتقاندىن سىرىتئاتا-ئانىلىرىنى رەنجىتمەكتە، ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى يامان بولسۇن دىمەيدۇ.
ئەي دىنى قېرىنداشلار؛ بىز تۇرمۇش قۇرۇشتا ئاتا-ئانىمىز قوشۇلمىغان يەرلەدىن ئۆيلىنىمەن دەپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىايلى،بىزنىڭ جەننىتىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ قولىدا،ئۇلار قوشۇلمىغان يەرلەردىن ئېلىپ ئاياللارنىڭ گىپىغا كىرىپ ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتسەك ،بىزنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋىردە بىر سودىگەر ئادەم بولۇپ ،ئۇنىڭ قېشىغا ئانىسى قىيىنچىلىغىنى ئىيتىپ كېلىپ؛ ئوغلۇم ماڭا ئازىراق پۇل بەرگەن بولساڭ ئۆزۈمگە ئىشلىتەتتىم ›› دەيدۇ،سودىگەرنىڭ ئايالى يولدىشىغا ئاناڭ مۇشۇنداق كۈندە پۇل سوراپ كېلىۋەرسە بىز گاداي بولۇپ كەتمەمدۇق دېگەندە سودىگەر ئانىسىغا پۇل بەرمەيدۇ ،ئانىسى يىغلىغان پېتى چىقىپ كېتىدۇ. سودىگەر بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە تىجارەت قىلىشقا ماڭىدۇ ، ئۇ يولدا قاراقچىلارغا يولىقىدۇ ، قاراقچىلار ئۇنىڭ پۇل - ماللىرىنى بۇلاپ ئالغاندىن سىرت ئۇنىڭ پۇتىنى باغلاپ ،قولىنى كېسىپ ،بوينىغا ئېسىپ يولغا تاشلايدۇ .يولدىن ئۆتكەن ئادەملەر ئۇنى كۆرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى يوقلاپ كەلگەندە ئۇ :‹‹مانا بۇ ،ئانامنى قاخشاتقانلىقىمىڭ جازاسى،ئەگەر ئانام پۇل سوراپ كەلگەندە بىر تەڭگە بەرگەن بولسام (ھازىرقى10-20يۈەنلەرگە توغرا كېلىدۇ) قولۇم كېسىلمىگەن پۇل-ماللىرىم بۇلانمىغان بولار ئىدى...›› دەيدۇ. ئانىسى كېلپ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرىدۇ ،ئوغلى ئانىسىغا :‹‹ مۇشۇنىڭ ھەممىسى سىلىنى رەنجىتكەنلىكىمنىڭ جازاسى ،ئانا مەندىن رازى بولسىلا !››دەيدۇ. ئانا يەنىلا ئوغلىنى كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.(ئاللاھنىڭ قۇدىرىتى بىلەن ئانىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئوغۇلنىڭ ئەزالىرى ساقىيىدۇ).
ئادەم بالاغەتكە يەتكەندە ئىككى تۈرلۈك ئىشقا دۇچ كېلىدۇ ،يەنى ئەقىل بىلەن شەھۋەت تەڭ يېتىلىپ كېلىدۇ ،ئەقىلنى ئىشلىتىپ شەھۋەتتىن غالىپ كەلگەنلەر دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ .شەھۋىتى غالىپ كەلگەنلەر نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ،يۇقارقىدەك ئاتا-ئانىلىرىنى رەنجىتىپ ئۆزلىرىمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىراپ ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ .
ھازىر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق كۆپىنچە ياشلىرىمىز ھە دىسلا قېچىپ كېتىدىغان يىراقنى ئويلىمايدىغان بولۇپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپ كېتىپ بارىدۇ ، ئاخىرىدا ئۇلار تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققلارغا ئۇچراپ ئۇنىڭ (يەنى ئاتا -ئانىسنى رەنجىتكەنلىكنىڭ سورىقىنى تارتىپ ۋەيران بولۇشماقتا ...)
مۇجتەھىت ئالىملىرىمىزدىن شاپىئى رەھمىتۇللا ئەلەي رەسۇلۇللاھنىڭ ‹‹ كىمىكى ئاتا -ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز قىزىنى (ئالداپ )ئېلىۋالىدىكەن (نىكاھ ئوقۇلغان بولسىمۇ)نىكاھسى باتىلدۇر ››دىگەن ھەدىسىگە ئاساسەن نىكاھ ئۆتمەيدۇ دىگەن .
ئەي،ئۇلۇغ ئاللاھ !سەن بىزنى مۇشۇنداق سورۇقچىلىق ،ۋەيرانچىلىقلاردىن ساقلاپ بىرلىك ، ئىتتپاقلىق ۋە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلغايسەن !!! ئامىن.
مەنبە ‹‹ ۋەز ››كىتابلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى . (داۋامى بار)
-