
دۇنيادا مۇنداق بىر ئادەم بار: ئۇ سىز بىلەن بىللە بولغان چاغدا دائىم سىزگە قېلىنراق كىيىنىشنى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، بىراق سىز ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئىنتايىن بىزار بولىسىز. كۆڭلىڭىزدە يەنىلا خوشال بولىسىز. پۇلىڭىز قالمىغاندا، ئۇ دائىم سىزگە پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىنى سەمىڭىزگە سېلىپ، سىزگە تەربىيە قىلغاچ يانچۇقىڭىزغا پۇل سېلىپ قويىدۇ، بۇنداق ئادەمنى بىز « دادا» دەپ ئاتايمىز.

دۇنيادا مۇنداق بىر ئادەم بار: سىز بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا دائىم سىز بىلەن ئۇرۇشىدۇ، دائىم ئاتا-ئانىڭىزغا ئىشلىرىڭىزدىن « كىچىك دوكلات» بېرىدۇ، لېكىن يەنىلا سىزنى ھەممىسىدىن بەكرەك قوغدايدۇ، سىلەرنىڭ مۇناسىۋېتىڭلار ئەڭ قويۇق، بۇنداق ئادەمنى بىز «قېرىنداش» دەپ ئاتايمىز.

دۇنيادا مۇنداق بىر ئادەم بار : كۆرۈشمىگەن ۋاقتىڭىزدا دائىم ئۇنى ئەسلەيسىز، كۆرۈشكەندە بولسا يۈزىڭىز قىزىرىپ، يۈرىكىڭىز سېلىپ، قىلىدىغان گېپىڭىزنى تاپالمايسىز، ئۇ ئاسانلا كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالىدۇ، ئۇيقۇدىن بىدار قىلىپ شېرىن خىياللارغا سالىدۇ، لېكىن سىز يەنىلا خوشال بولىسىز، چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، بۇنداق ئادەمنى « سۆيگىنى» دەپ ئاتايمىز.

دۇنيادا مۇنداق بىر ئادەم بار : ئۇ سىزنىڭ باشقىلار ئۇقسا بولمايدىغان مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىلىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقتىڭىزدا سىزگە ياردەملىشىپ تۈزىتىشىپ بېرىدۇ، بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئۈچۈن كەتمەن چاپىدۇ. يايرىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، سىز ئۇنىڭ يېنىغا بارىسىز، ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا دائىم ئۇنى ئاۋارە قىلىدىغانلىقىزنى ئويلايسىز، لېكىن سىز ھاياتىڭىزدا مۇنداق ياخشى ئادەمنىڭ بولغانلىقىدىن خوش بولىسىز، بۇنداق ئادەمنى بىز« دوست » دەپ ئاتايمىز.

دۇنيادا مۇنداق بىر ئادەم بار : دائىم ئاتا-ئانىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشىدۇ، بۇ كىشىلەر ھاياتىڭىزدا ئىز قالدۇرغان، ھاياتىڭىزنى مول قىلغان، شۇڭا ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقۇڭىز كېلىدۇ، لېكىن ئېيتالمايسىز، بۇ ئادەم دەل ئۆزىڭىز. ئۇزۇندىن بۇيان بەختنى ئۆزىڭىزدىن يىراق دەپ ئويلايتتىڭىز، ئەمدى ياخشىراق ئويلاپ باقسىڭىز، ھېلىقى قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەن ئادەملەر، ئېيتقان ناخشىلار، ئاققۇزغان ياشلار، ياخشى كۆرگەن ئادەملەر.... بۇرۇنقى ھەممە نەرسە بەخت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز. تۈگىدى.
<<ئې گ >>
مېنىڭچە يەنە بەلكىم سىلەر تولۇقلايدىغان تەرەپلىرى قالدىغۇ دەيمەن ..