ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى 16-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ئىران سافار سۇلالىسى بىلەن تۈركىيە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىراق، ئازەربەيجان، كۇردىسىتان ۋە گرۇزىيەنى تالىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. WrnrFz
يۈزەكى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ-شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپىدىكى مۇخلىسلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۈننى مەزھىپىدىكى يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتان ھۆكۈمىتى شىئە مەزھىپىنى «تۇيۇق يول» دەپ جاكارلىدى، شىئە مەزھىپى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئىران سافار سۇلالىسى بولسا تىغمۇ-تىغ تۇرۇپ، سۈننى مەزھىپىنى«كۇفۇرلۇق»دەپ ئەيىبلىدى. ئوسمانىيلار سۇلتانى شىرمانI بولسا 1513-يىلىدىكى ئاناتولىيە شىئە مەزھىپىدىكى مۇخلىسلارنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، 1514-يىلى ئىران قولىدىكى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدغانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى باشلاندى. 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بايان قىلىشقا بولىدۇ. xeg/A}yE
1- باسقۇچتا: ئىلغار زەمبىرەككە ئىگە تۈركىيە قوشۇنى ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى چار دالاندا سافار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى- تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان مۇھىم شەھەر تەبرىزنى ئىشغال قىلدى. ئىككىنچى يىلى تۈركىيە قوشۇنى يەنە غەلىبە قازىنىپ، كوردىستان ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمى، ئىككى دەريا ۋادىسى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. بىراق ئۇرۇش داۋاملىشىپ 1555-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭىلىنىپ، قايسىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېنىق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت شۇ يىلى 5-ئايدا ئاماسىيىدە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشتى. شەرتنامىدە تۈركىيىنىڭ ئىككى دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلىدىغانلىقى، ئىراننىڭ ئەزەربەيجانغا ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. yJ[0WY8
2-باسقۇچتا: تۈركىيە ئىراننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ قالغان پۇرسەتتى پايدىلىنىپ ئىرانغا يەنە بىرقېتىم ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان قوشۇنلىرى كىرىمىيدىن يولغا چىقىپ، چىلدىردا ئىران قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە قوشۇنلىرى ئەزەربەيجاندىكى بىر قىسىم فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ، تەبرىزنى ئۆزئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەزەربەيجاننى ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى ئىشغال قىلدى. 1590-يىلى سافار سۇلالىسىدىكى ئابباسI ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئىستانبۇل تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، گروزىيە، ئەرمىنىيە ۋە ئازەربەيجاننى تۈركىيىگە بۆلۈپ بەردى. fF!Yp iI"
3-باسقۇچتا: ئىران پادىشاھى ئابباسI تۈركىيىنىڭ كونا رەقىبى روسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورناتتى ۋە قوشۇنلىرى رەتكە سېلىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىپ، 1603-يىلى روسىيە، ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيەلەر بىلەن بىر كۈندە تۈركىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئىران قوشۇنىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىران قوشۇنى شۇ يىلى 10-ئايدا تەبرىزنى ئالدى. رومىيە كۆلى ئەتىراپىدا 60مىڭ كىشىلىك ئىران قوشۇنى تەرەپ تەرەپتە ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1612-يىلى ئىككى تەرەپ تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىشىپ، ئىران گروزىيە، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان ۋە شەرقى كوردىستان قاتارلىق جايلارنى قايتۇرىۋالدى. گەرچە تۈركىيە 1616-يىلىدىن 1638-يىلىغىچە قايتىدىن ئازەربەيجاننى قايتۇرىۋېلىش ئۇرۇشى قىلغان بولسىمۇ، تۆت تەرەپتىن تەڭلا ئۇرۇش قىلىشتەك قىيىن ۋەزىيەت ئاستىدا ھېچقانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 1639-يىلى ئىران بىلەن تۈركىيە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. شەرتنامىدە ئاساسىي جەھەتتىن 1612-يىلىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ مەزمۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پەقەت ئىراقلا ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋەلەشتۈرۈلۈپ بېرىلدى. Hc;[Cs0
ئىران- تۈركىيە ئۇرۇشى نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىران ۋە تۈركىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلدى. نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئاندا-ساندا توپلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلەتتى. ئىسپانىيە ۋە روسىيە- ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاستىرتتىن تۈركىيە زىمىنىنى بۆلۈشۈپ ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلىپ تۈركىيەنى چارچىتىپ نۇرغۇن زىمىننى تارتىۋالدى. بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتى سۈننى مەزھەبتىكى ئاناتولىيە تۈركلىرى ۋە شىئەئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدىكى ئازەربەيجانلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى، نۇرغۇن سىتراتىگىيىلك زىمىنى ۋە ئاھالىسىدىن ئايرىلغان تۈركىيە بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدىكى تاغ بولماي قالدى. ياۋروپانىڭ كۈچىيىشىگە توسالغۇ قالمىدى. #>a\>iKQ2q
ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ ھېچ قايسىسى بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، بارا-بارا ئىبلىس قولىنى شەرقكە سوزۇلۇۋاتقان غەرپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.