مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ سىرلىق چۈمبەردىسىنى ئېچىش
ۋاقتى:2011-04-02 15:00:55 | ئاپتۇرى:
مىسىر جەمىيئىتىدىكى داۋالغۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاققىچە "سەل قارالغان" يىڭى كۈچلەر ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولدى ھەم "سەھنە"نىڭ ئالدىغا ئۆتتى. بۇ دەل ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىدۇر.
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ بەلگىسى
بەزى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى غەربكە بەش تۈرلۈك تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ ئېنىق ئىيتىلدى. يەنى :
ئۇ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسىي پارتىيە بولۇپ، غەربنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسىگە قارشى؛
ئۇ ئىزچىل غەربنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئۆچ؛
ئۇنىڭ يىتەكچى ئىدىيەسى بويىچە، بۇ تەشكىلات خىرىستىيان دىنىغا، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا قارشى؛
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى كەلگۈسىدىكى مىسىر ھۆكۈمىتىگە قاتناشسا، مىسىر ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنىچلىق شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى مومكىن؛
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قايتا گۈللەندۈرۈش.
شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى ياۋرۇپا ۋە ئامىرىدىكى دۆلەتلەرنى تەشۋىشكە سالىدۇ.
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا باش كۆتۈرگەن.
ھەسەنۇل بەننا
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى 1928-يىلى 3-ئايدا ئىسلام سوفىزىم مۇتەپەككۇرى ھەسەنۇل بەننا (1906~1949-يىللاردا ياشىغان.) تەرىپىدىن ئىسمىرىيەدە قۇرۇلغان. دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئەنگىلىيە ھەربىي لاگىرىدىكى ئالتە مۇسۇلماندىن تەشكىللەنگەن، ئاساسلىق پائالىيتىدە "مېھرىبانلارچە تونۇشۇش" ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرغان. 1932-يىلى ھەسەنۇل بەننا باش ئىشتابنى ئىسمىرىيەدىن قاھىرەگە يۆتكىگەن. كىيىن مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 50نەچچە تارماق جەمىيئەت قۇرغان. 1933-يىلى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، ھەسەنۇل بەننا "باش يىتەكچى" بولۇپ سايلانغان.
1935-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە، تەشكىلات پىرىنسىپى ۋە سىياسىي پىرۇگراممىسىنى بېكىتىپ، تەشكىلات ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي سىياسىي تەشكىلات بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭ ئاساسىي سىياسىي پىرۇگراممىسى مۇنداق:
"قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى ئەڭ ئالىي يىتەكچى پىرىنسىپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىسىر جەمىيئىتىنىڭ دىندىن خالىيلىشىشى ۋە غەربنىڭ تۈرلۈك چىرىك ئىدىيە، مەدەنىيەتلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش، ئىسلام ئەللىرىدىكى دەرىجە پەرقىنى يوقىتىش، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇپ، خەلىپە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پان ئەرەبىزىمنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش.
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ ئەزالىرى تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. يەنى، ياردەمچى قىرىنداش (ھىماتچى)، رەسمىي قىرىنداش (رەسمىي رەسمىيەت ئۆتەپ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغۇچى)، ھەرىكەتچى قىرىنداش (تۈرلۈك ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقۇچى) ۋە غازاتچى قىرىنداش.
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىئىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تىزدىن تەرەققىي قىلدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى مىسىردا تەخمىنەن 500مىڭ ئاكتىپ ئەزاغا ئىگە بولدى. شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەش، تۇنىس؛ غەربىي ئاسىيادىكى سۈرىيە، ئىراق، ئىئوردانىيە؛ ئاسىيادىكى ھىندىنوزىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن؛ جەنۇبىي ئاسىيادىكى پاكىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماقلىرى قۇرۇلۇپ، پان ئىسلامىزىمنىڭ دىنىي سىياسىي تەشكىلاتى بولۇپ قالدى. بۇ تەشكىلات مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تۈركۈمدە مەسچىت، دىنىي مەكتەپ ۋە ئىسلام كۇلۇبلىرىنى سېلىپ، سودا، ئوقەتچىلىك شىركەتلىرى دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. دىنىي ۋە سىياسىي نەشىر ئەپكارلىرىدىن "ئاگاھ"، "يول بەلگىسى"، "سادا"، "چىن ئېتىقاد"، ئىسلام تاللانما ئەسەرلىرى" قاتارلىقلار بار.
خاماس مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىدىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن
خاماسنىڭ رەھبىرى ياسىن
لىۋاندا چىقىدىغان "ئەلچى"دە بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: "ناۋادا كىشىلەر مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنى بىلمىسە، ئۇنداقتا چوقۇم پەلەستىندىكى خاماسنى بىلىدۇ، خاماس دەل مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىدىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى قۇرۇلغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرى مىسىردا قۇرۇلغان مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنى خاماسنىڭ ئاساس سالغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ."
مىسىر دۆلەت ئىچىدە، مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىمۇ ئوخشاشلا كۆپچىلىكنىڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغىغان. قاتار يىرىم ئارال تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى "wilkiLeakws" تورىنىڭ مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دىپلۇماتىيە تىلگىراممىسىنىڭ تىكىستىنى ئاشكارىلىدى. مىسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى سۇلايمان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنى "قوراللىق رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان توپ" دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ "مىسىر ئىسلام غازات تەشكىلاتى" ۋە "ئىسلام گورۇھى" قاتارلىق 11رادىكال تەشكىلاتقا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن. ئەمما، بۇ نۆۋەت سۇلايمان مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولدى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالغان مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى سۇلايمان بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىندى.
ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى ئىزچىل قانۇنسىز يەر ئاستى تەشكىلاتى ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن زور. شۇ جايدىكى تەھلىلچىلەر: نەچچە 10يىل جەريانىدا مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي كۈچەيدى،دېدى. بۇنىڭدىن سىرت، مسىرنىڭ غەربكە "تايىنىش"ى دىن پەيدا بولغان ئىتىقاد كىرىزىسى بەزى مىسىرلىقلارنى "ئىسلامغا قايتىش"قا تەلپۈندۈرگەن. بۇ تەشكىلات يەنە تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نورغۇن ئاممىنى ئۆز توپىغا جەلپ قىلغان. نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم ئامبۇلاتۇرىيەنىڭ خوجايىنى مۇنداق دېدى:
"گەرچە مالىمانچىلىقنى ياقتۇرمىساممۇ، ئەمما مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى كىشىلەرگە ئۈمىد ۋە ئىستىقبالنى كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر نورغۇن كىشىلەر ئىبادەت قىلمايدۇ، مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى بولسا دىنىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ تەرىپى كىشىلەرنى مەنىۋى يۆلەنچۈككە ئېرىشتۈرىدۇ."
غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ يەر شارى دائىرىسىدە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشى ياۋرۇپا، ئامېرىكىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى، ئۇلار بۇ تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا، يەر شارى دائىرىسىدە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئىئوردانىيەدە، غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ھەم سىياسىي پارتىيە- ئىسلام ھەرىكەت سېپى بولۇپ قۇرۇلغان، پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئىگە؛ بەھرەيىندە؛ غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنى قوللايدىغان سىياسىي پارتىيە- ئىسلام كېڭىشى غەرب مۇزىكىسى، كىنو ۋە بارلىق "نامۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش"لەرگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ؛ ئىراقتا، غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى قوللايدىغان سىياسىي پارتىيە ئىسلام پارتىيەسى سادام ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنلا قانۇنلۇق تەشكىلات بولۇپ قالدى، بۇ پارتىيە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان؛ سەئۇدىي ئەرەبىستاندا، غەرب مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى قانۇنلۇق تەشكىلات، ئەمما، بۇ تەشكىلاتنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. بۇ تەشكىلات ئىلگىرى سەئۇدىي ئەرەبىستان خان جەمەتىنى "دىنىي ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلدى." دەپ ئەيىپلىگەن. سەئۇدىي ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولسا بۇ تەشكىلاتنى "قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇندى."، "ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق مالىمانچىلىقلارنىڭ مەنبەسى." دەپ ئەيپلىگەن.
مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن سىرت، ھازىر شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە، سۇدان، تۇنىس ۋە لىۋىيە، ھەتتا ئىسرائىلىيە ۋە ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى نورغۇن دۆلەتلەردە تارماقلىرى بار. گىرمانىيەدە چىقىدىغان "دەۋر ھەپتىلىكى گېزىتى"دە: مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ ھازىر دۇنيادا 70تىن ئارتۇق تارماق ئاپپاراتى بار،دېيىلدى. بۇ گېزىتتە گېرمانىيە ئاخبارات تارمىقىنىڭ دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، گېرمانىيەدىمۇ مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ نەچچە مىڭ ئەزاسى ياشاۋاتىدۇ،دېيىلدى.
گەرچە مىسىردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنى مەنبە قىلغان تەشكىلاتلاردا يەر شارى خاراكتىرلىك ئاپپارات مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ھەر قايسى تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق زور، بەزىلىرى مۆتىدىل، بەزلىرى رادىكال، بەزىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقونۇش مەۋجۇت، مەسىلەن: سۈرىيەدىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى بىلەن خامان دەل مۇشۇنداق. ئەمما، غەربلىكلەر قېرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ رايۇن خاراكتېرلىك، ھەتتا يەر شارى خاراكتىرلىك تەسىر شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالماي بولمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلسى بويىچە سابىق پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى روس مۇنداق دېدى:
بۇ قېتىم شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغان "ئىنقىلاب"نىڭ كۆرۈنۈشى خىلمۇخىل، تەرەققىيات ھالىتى تۈرلۈك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتىنىڭ سايىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى
مەنبەسى مانا...
http://xjnida.com/ji/2/381.html[ بۇ يازمىنىmuhtarbay 2011-04-03 13:13قايتا تەھرىرلى ]