باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 676 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىدىكى بەيتۇللا
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1054 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2011-04-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 15:12

ئامېرىكىدىكى بەيتۇللا

ئامېرىكىدىكى بەيتۇللا


ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىدە ئەرەبچە بەيتۇللاھ دېگەن سۆز كۆپ تەكرارلاندى. خاتىپ بۇنىڭئېنگىلىزچە مەنىسىنى يېشىپ ” ئاللاھنىڭ ئۆيى ” دەپ چۈشەندۈرۈپ، مەسجىدنىڭ خاسىيىتى، مەسجىدنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئورنى ھەققىدە تەبلىق قىلىۋاتقاندا ۋەتەندىكىبەيتۇللاغا ئۇچقان خىياللىرىمنى يىغالمىدىم.بەيتۇللاھ دېگەن سۆزنى ئاڭلىساملايادىمغا قەھرىتاندىكى غۇلجام ۋە “مەن ئۇيغۇرنىڭ!” دېگىنىچە مەغرۇرانە سۈكۈتتەتۇرغان بەيتۇللا جامەسى كېلىدۇ. جامەنىڭ چىۋىننىڭ قانىتىدەك داغدىن خالىئاق-سۈزۈكلىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى سېغىندۇرسا، مەغرۇر قەددى ئىلىپەرزەنتلىرىنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇرلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. خاتىپ تەسىرلىك دۇئانىباشلىىغاندىلا تۈگىمەس خىياللىرىمنىڭ نامىزىنى بەيتۇللادا چۈشىرىۋېتىپ جامائەتبىلەن “ئامىن” غا ئەگەشتىم. دۇئالاردىن ئېرىپ كېتەلمىدىم، مىڭ ئەپسۇس، چېچىنىستان،ئافغانىستان، ئىراق، پەلەستىن، يەمەن، سۈرىيە، بەھرەيىن ۋە لېۋىيەدىكىمۇسۇلمانلارغا بىر بىرلەپ دۇئا قىلغان خاتىپ يەنە ئۇيغۇرنى ئۇنۇتتى. تۈرك خاتىپ باشبولمىغان جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇرغا دۇئا قىلىنماي قالاتتى، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. كۈۋەيتلىك بۇرادىرىم سەۋەبىنى مەندىن كۆردى، مېنىڭ بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىم باركەن. دىققىتىم چېچىلىپ خاتىپقا ئەگىشىپ ئوقۇغان نامىزىمدىن تۈزۈك قانائەتلەنمىدىم-دەناماز تۈگىگەندە ئايرىم بىر يەرگە بېرىپ ئىككى رەكەت شۈكۈر نامىزى ئوقۇدۇم. يۇرتلىرىمىز تۇپراقلىرىدىكى ئاللاھ ئۆيلىرى، خەلقىمىز قەلبىدىكى ئاللاھقەسىرلىرىنىڭ ئامانلىقى، دەخلىسىزلىكى، مۇقەددەسلىكى ۋە ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن خۇداغايىغلاپ دۇئا قىلدىم.
نامازدىن كېيىن مەسجىدىمىزنىڭ پىرىزدېنتى ھەر قېتىمقىدەك ئامېرىكىنىڭ قايسىدۇر بىر يېرىگە سېلىنماقچى بولغان مەسجىدكە ئىئانىگە دەۋەت قىلدى،ئاندىن جامائەتنىڭ بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشىنى سەمىگە سالدى. بىرىنجىسى مەنئىككى يىلدىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ماشىنا توختۇتۇش مەسىلىسى. دېيىلىشىچەنامازخانلارنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزىگە قولاي يەرگە قالايمىقان توختىتىۋېلىشى مەيدانىنىبىر پەستە تولدۇرۇپ قويىدىكەن. ئاقىۋەتتە بۇ كىشىلەر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ قايتقانداكىرگەن يېرىدىن چىقالماي بىر مۇنچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىكەن. بۇنىڭغا شۇنداق ھەيرانقالىمەن. ھەر جۇمە نامىزىدىن كېيىن شۇ گەپ تەكرارلانماي قالمايدۇ. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى سەككىز دوللارغا يېقىن قىلىپ بېكىتىلگەن ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭماشىنىسى بولۇشى تەبىئى ئەھۋال. ھالبۇكى تىرىشىپ ماشىنا ئالغان مۇسۇلمانئوقۇغۇچىنىڭ ھەممە ئادەم ماشىنىلىق بۇ دۆلەتتىكى جامائەت ئەخلاقىغا تىرىشماسلىقىنېمدىن؟ مەسجىدكە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېلىدۇ-يۇ نېمىشقا قېرىنداشلىرىىنى نارازىقىلىدۇ؟ بۇ قېرىنداشلار مەكتەپ سەيناسىدىكى ماشىنا توختۇتۇش قائىدىلىرىگە شۇنچەئاسان كۆنۈپ كېتىدۇ، چۈنكى جەرىمانىسى نەق. مەسجىدىمىزنىڭ ئالدىغا، ئاللاھنىڭ ئۆيىئالدىغا كەلگەندە نېمىشقا قائىدىسىزلىك قىلىدۇ؟ ئاللاھنىڭ جەرىمانىسى نىسىمىكەن؟ئەجەبا بۇ مەسجىدىمزىنىڭ جەرىمانە قويمىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ياكى مەسجىد ئالدىغاكەلگەندە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەنلىرىدە كۆنگەن كونا خۇيىغا قايتىۋالغانلىقىسەۋەبىدىنمۇ؟ ئىككىنجىسى سايلام مەسىلىسى. مەسجىدىمىز بىر پىرىزدېنت، بىر مۇئاۋىنپىرىزدېنت ۋە باشقا تۆت كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر مۇدىرىيەت تەرىپىدىنباشقۇرۇلىدۇ. خاتىپلار مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتۇقۇچىلاردىن بولىدۇ. خاتىپ بولغۇچى بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا، مۇدىرىيەت تەستىقلىغاندىنكېيىن بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. مەسجىدىمىزنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئىسلامدىنمەلۇمات كۈنى، رامازاندىن بەھىرلىنىش كۈنى، ئىسلام يۈرۈشلۈك لېكسىيەلىرى،قېرىنداشلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگىمۇ مۇدىرىيەت باشچىلىققىلىدۇ. ھەر يىلدا بىر سايلام قىلىنىدىغان بولۇپ مۇدىرىيەت ئەزالالىرى ئۆزى نامزاتكۆرسىتىدۇ. نامزاتلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت تەجرىبىسى ۋە مەزكۇر خىزمەتنىقىلىشتىكى سەۋەب، جەريان ۋە نىشانلار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە نۇتۇق مەزمۇنىنىمەسجىدنىڭ تور بېتىگە يېزىپ قويىدۇ. سايلامغا قاتناشقۇچى چوقۇم مەسجىدكە كېلىپبەلگىلەنگەن كۈندە بىلە تاشلىشى كېرەك. پىرىزدېنتىمىزنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىممۇسايلامغا قاتناشقانلار بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇنداق ئاز كىشى تەرىپىدىنسايلانغان مۇدىرىيەتنىڭ جامائەتكە ۋەكىللىك قىلالىشى ۋە خىزمەتلەنى لاياقەتلىك ئاداقىلالىشىدىن خاتىرجەمسىزكەن. ئويلاپ باقسام ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مەنمۇ بۇسايلامغا قاتنىشىش ئەمەس، مەسجىدىمزنىڭ تور بېتىدىكى سايلامغا ئائىت مەزمۇنلارغاقاراپمۇ باقماپتىمەن. ھەر جۈمە كەمىدە 300 مۇسۇلمان، ئىمتىھان ھەپتىلىرىدە 500 كىشىناماز ئوقۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن 50 كىشى سايلامغا قاتناشمايمىز؟ بۇ بىزنىڭ ئەزەلدىنسايلام بولمايدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكىمىز سەۋەبىدىنمۇ؟ ئۈچىنجىسى مەسجىدىمزنىڭئىسلام مەركىزى مەسىلىسى. بۇ مەركەزنى مەسجىدىمىز ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ئارامكۈنلىرىدە مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى ۋە ئىسلامغا قىزىققان مۇسۇلمانئەمەسلەر ئۈچۈن ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ۋە مۇسۇلمانلارھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەد قىلغان ئېدى. بۇ مەركەزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەنمەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئېدى. پىرىزدېنتىمىزنىڭ دېيىشىچە بىر بولسا ئوقۇتقۇچى جىق بولۇپ كېتىدىكەن، بىر بولسا ئوقۇتقۇچى تېپىلمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىتقارۇئايە قىلماسلىقى ۋە تولا ئالمىشىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىشتا بىر تەرتىپ ياكى قائىدەبېكىتەلمەي بېشى قېتىپتۇ. بەش ۋاق نامازنى قائىدىلىك، تەرتىپلىك ئوقۇۋتقانمۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىش، خىزمەتتە تەرتىپكە، قائىدىگە بوي سۇنالماسلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەرقانداق تەرتىپ ۋە قانۇن قائىدىلەر نوپۇزغا، مۇناسىۋەتكە،باي-كەمبەغەلىككە قاراپ ھېلى چىڭ ھېلى بوش بولىدىغان دۆلەتتە ياشاپ كەلگەنلەرنىڭ تەرتىپكە كۆنمىكى ئاسان بولمىسا كېرەك. مېنىڭ ئىسلام بىلىملىرىدىن بەك جىقمەلۇماتىم يوق، شۇڭا مۇسۇلمان دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىدىكى تەرتىپسىزلىك ۋە ساۋاپئۈچۈن باشلىغان ئىشىمىزنىڭ نېمىشقا داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ بولسا ئۈن-تىنسىزئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەيمەن.
نامازدىن چىقىپ ياپۇنلۇق مۇسۇلماندوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇمۇ دۇئادا ئۇيغۇرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىغا دىققەتقىلىپتۇ. پىرىزدېنتىمىزنىڭ گېپىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورۇسام ” ياپۇنىيە ئىسلاھاتنى تۈزۈم يېڭىلاشتىن، ھەممىدە ئىلىمگە تايىنىشتىن، ئىددىيە يېڭىلاشتىن باشلىغان، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىشنى ئەكسىچە ھەربى مەكتەپ قۇرۇشتىن، ھەربى زاۋۇتقۇرۇشتىن، پەقەت تېخنىكىلا كىرگۈزۈشتىن باشلىغان مەنچە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى مەسىلىلىلەرنىڭ مەنبەسى مۇشۇ پەرقلەرگە باغلىنىدۇ” دېدى. كۆڭلۈمدىن تۈرك دوستلاردىن بۇ سۇئالنى تولا سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالمىغىنىم كەچتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غەرپ جاھانگىرلىكىگە دۆڭگەيتتى، بەزىلىرى يەھۇدى ماسۇن تەشكىلاتىغادۆڭگەيتتى، يەنە بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا باغلايتتى. پەقەت فاتىھئىسىملىك بىر دوستۇمنىڭلا “بىز ئىنساننى ئاللاھ باشقۇرىدۇ، دەپ قاراپ،ئىنساننى مەسلەھەت ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان تۈزۈمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەن” دېگەنلىكى ئېسىمدە قاپتۇ. ئۆتكەندە مەسجىدىمىزنىڭ جەينامازلىرىنى رەتلەشكە يارىدەملەشكىنىمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىر دۆۋە يېپ يېڭى جەيناماز چىقتى. نېمىشقا ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورۇسام. “بۇ قىلىچ چۈشۈرۈلگەنجەينامازنى سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەقدىم قىلغانىدى. كۈۋەيتلىك ئوقۇغۇچىلار نارازى بولۇپھۆكۈمىتىگە ھازىرقى يېڭى جەينامازلارنى ئالدۇردى. شۇندىن كېيىن بۇ جەينامازلاربىكار بولدى” دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. تۆۋە، نامازنى ئاللاھقا ئوقۇمدىغاندۇقجەينامازغىمۇ؟ ئۇنى قايسى دۆلەتنىڭ تەقدىم قىلىشى بىلەن نامازنىڭ قوبۇل بولۇشىئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارمۇ؟ كۆز ئالدىمدا مەسجىدىمىز سەيناسىدىكى چىملىققا بۇلتۇرئەتىيازدا ساۋاپ ئۈچۈن تىكىلىپ پەرۋىشسىزلىكتىن قۇرۇپ كەتكەن قارىغايلار خۇددى ياپۇنلۇق مۇسۇلماننىڭ گېپىنى تەستىقلىغاندەك سالپىيىپ تۇراتتى. بۇلارغا قاراپۋەتەندە ھەر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆچەت تىكىش بايرىمىدا تىكىلىدىغان كۆچەتلەريادىمغا كەچتى. ئۇ چاغدا بىزنىڭ كۆچەت تىكىشىمىز پەقەت ۋەتەنپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن ئېدى. بىز يىلدا بىر قېتىم ۋەتەنپەرۋەر بولاتتۇق، كۆچەتلەر يىلدا بىر قۇرۇپ، قايتاتىكىلىپ تۇراتتى. بەيتۇللاھ ئاللاھنىڭ ئۆيى دېگەنلىك، قارىغايلار ئەگەر ئاللاھنىڭئۆيى ئالدىدىكى سەيناغا ئەمەس، ئۆز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا تىكىلگەن بولساقۇرۇپ كېتەرمىدى؟ مەسجىدتىن قايتىش يولۇمدىكى بۈك باراقسان قارىغايلار بىلەنئورالغان چىركاۋغا قاراپ ئۆتۈپ كەتتىم. چىركاۋ ھەر كۈندىكىدەك ئادەمسىز ئېدى.
مەنبە : ئوكيان تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 01 April 2011
ئاپتۇر: Alnoor024
تەۋە سەھىپە: * ئىسلامغا ئائىت ئەسەرلەر, * ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دوستلىشىش
تاھىر
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 1075
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1075دانە
ئۆسۈش: 3020 %
مۇنبەر پۇلى: 13257 سوم
تۆھپىسى: 162 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-04-16

ئالە شەنى ، گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسى قانداقسىگە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭكىگە ئۆزگىرەپ قالدى ؟     
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-04-02 21:16قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
كۆكئاي
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 370
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە370دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 4325 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-04-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 21:27

1-قەۋەت (تاھىر) نىڭ يازمىسىغا

ئىككىسى بىر ئادەم
dinimizislam.blogbus.com
دوستلىشىش
تاھىر
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 1075
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1075دانە
ئۆسۈش: 3020 %
مۇنبەر پۇلى: 13257 سوم
تۆھپىسى: 162 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-04-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 23:06

2-قەۋەت (كۆكئاي) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت . گۈلەن ئەپەندىنىڭ تەرجىمالىنى بىلمىگەچكە .....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئەركەكلەر قەسەم قىلمايدۇ ، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2410 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2011-04-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 00:07

    
ئەركەكلەر قەسەم قىلمايدۇ ، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر سۆزى قەسەمدۇر .
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 456
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە456دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 4847 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2011-04-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 13:24

بۇ تېمىنى ئۇقۇپ يا كۇلۇشۇمنى يا يېغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم !
سەن  دۈشمەنگە باش ئەگسەڭ ،پەرزەنتىڭ تىز پۈكىدۇ!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 159
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1635 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-04-14
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 13:44

يىغلايلى...........................................؟چۇنكى..............................؟...............................ئاڭلايدۇ.
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 388
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە388دانە
ئۆسۈش: 510 %
مۇنبەر پۇلى: 4259 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2011-04-15
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 20:09

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ياخشى يېزىپسىز.