باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1294 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: 1- ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى توغرىسىدا
دوستلىشىش
mutepekkur
مۇرەككەپ يارىتىلغان ئاددىي ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 264
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
ئۆسۈش: 903 %
مۇنبەر پۇلى: 2997 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-04-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 15:05

1- ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى توغرىسىدا


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئەتە(جۈمە) 4- ئاينىڭ 1- كۈنى بولۇپ، نۇرغۇن ياشلار بۇ كۈننى «يالغانچىلار بايرىمى» نامىدا تەبرىكلىشىپ، بىر- بىرىگە چاقچاق قىلىش ۋە خوشالىق تېپىش مەقسىتىدە ئۆز- ئارا ئالدىشىدۇ. بولۇپمۇ ئەتە ئۇلۇغ جۈمە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلىرىمىزنىڭ  بۇ كۈننى ئەھمىيەتسىز، ھەتتا زىيانلىق ئىشلارغا ئۆتكۈزۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، يالغانچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ماقالىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن:

1- ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى توغرىسىدا

يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.islam_qa.com ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/199786 


     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنى ماختايمىز. ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز ۋە كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقى، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلىغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ.
    يالغانچىلىق-ئالدامچىلىق ناچار ئەخلاق بولۇپ، ئىنسانىيەتتىكى تەبىئىتى پىترەت يالغانچىلىقنىڭ ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكىنى قەتئى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى يالغانچىلىقنىڭ قايسى تۈرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ساماۋى شەرئى پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئەخلاقسىزلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. بىزنىڭ توغرا دىنىمىز قۇرئان-ھەدىس ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ ناچار ئىللەتتىن ساقلىنىشقا بۇيرىغان يالغانچىلىقنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ.
     شەرىئەت، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدىغان، ناھەق قان تۆكۈلمەيدىغان باشقىلارنىڭ يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىنمايدىغان كىشىلەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان، ئىككى تەرەپ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان مەلۇم ئىشلاردا يالغان سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
شەرىئەت كىشىلەرنىڭ يالغان سۆزلىشى ۋە باشقىلارغا خالىغانچە يالغان خەۋەر يەتكۈزۈشى دۇرۇس بولىدىغان  ھېچقانداق بىر كۈن ياكى سائەت-مىنۇت ۋاقىت بېكىتمىگەن، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارالغان ئاپرىل ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى يالغانچىلىق ۋە بىر-بىرىگە يالغان خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە بۇ كۈندە يالغان سۆزلىسە بولىدۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ شەرىئەتتە ھېچقانداق ئاساسى يوق.
     يالغانچىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا ئاللاھغا يالغان چاپلايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس، دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر» نەھلى سۈرىسى 105 -ئايەت .
      ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغانچى ئەمەسلىكىنى، ھەقىقەتەن يالغانچىلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان چاپلايدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا يالغانچىلىق بىلەن تونۇلغان دىنسىز كاپىرلاردىن ئىبارەت كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ سەمىمى، راستچىل، ئېلىم، ئىمان ۋە ئەمەلدە كامالەتكە يەتكەن، ئۆز مىللەتلىرى ئىچىدە راستچىللىق ۋە ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن مەشھۇر بولغان، ھەممە كىشى ئۇنى مۇھەممەد ئەمىن يەنى راستچىل مۇھەممەد دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى". (تەپسىر ئىبنى كەسىر 2- توم 588 -بەت).
     ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ،  سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ»  بۇ ھەدىسنى بۇخارىي 33-، مۇسلىم 59- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.
     يالغانچىلىق تۈرىنىڭ ئەڭ قەبىھ بولغىنى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلەشتىن ئىبارەت.
     بەزى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلىسە دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاپرىلدا ۋا باشقا ۋاقىتتا قىلغان يالغان سۆزلىرىگە چاقچاق قىلغان دەپ تۇرىۋالىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. بۇنىڭ شەرىئەتتە ھېچ قانداق ئاساسى يوق. بەلكى  يالغان سۆزلەش چاقچاق بىلەن ياكى ئۇنىڭ غەيرى بىلەن بولسۇن ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن چاقچاق قىلساممۇ ھەق سۆزنى دەيمەن» بۇ ھەدىسنى تەبەرانى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانىي سەھىھ دېگەن.
ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! سىلە بىزگە چاقچاق قىلاملا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مەن چاقچاق قىلساممۇ ھەق سۆزنى دەيمەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
     ئاپرىل ئېيىدا ئومۇملاشقان يالغانچىلىقنىڭ  نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنىڭ ئەسلى بىلىنمىسىمۇ لېكىن بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرى بار: بەزىلەر بۇ ئىش 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كىچە-كۈندۈز تەڭلەشكەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار پەسلى مۇناسىۋىتىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: بۇ بىدئەتچىلىك ئىلگىركى ئەسىرلەردىكى بۇت پەرەسلەرنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنى بايرىمىنىڭ قالدۇقلىرىغا تۇتىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ بايرام مەلۇم قوماندانلار تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ باشقىلارغا ئالدانماسلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىلىدۇ. ئاپرىل ئېيىدا ئومۇملاشقان يالغانچىلىق يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا راۋاجلانغان دەپ قارىلىدۇ.
      بەزىلەر بۇ يالغانچىلىقنىڭ ئەسلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر  بىرىنچى ئاپرىل يالغانچىلار بايرىمى دەپ بايرام قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى "ئاپرىل ئالدامچىلىقى" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان ئاچچىق ھەقىقەتنى كۆپچىلىكىمىز بىلمەيمىز.
مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىسپانىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كۈچىگە ھېچقانداق كۈچ تەڭ كېلەلمەيتتى، غەرب ناسارالىرى غەرب دۇنياسىدىن ئىسلامنى يوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ لېكىن كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى.
     ئىسلامنىڭ ئىسپانىيىدە تارقىلىشىغا ۋە يوقىتىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانىيەگە جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سىر ئۇلارنىڭ تەقۋالىقنى لازىم تۇتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كۈچ قۇۋۋىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئىسپانىيەگە ھاراق-تاماكا يۆتكەپ ھەقسىز تارقاتقان، غەربنىڭ بۇ تاكتىكىسى ئۈنۈم بەرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئىسپانىيە ياشلىرىدا ئىتىقاد سۇسلۇقى، ھاۋايى -ھەۋەسكە بېرىلىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئارتىپ بارغان.
      ئاخىرقى نەتىجىدە غەربنىڭ كاتولىك خرىستىئانلىرى مۇسۇلمانلار 800 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسپانىيەنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ غەرناتا شەھىرىدىكى ئاخىرقى قورغىنى ئاپرىلنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ كۈننى ئاپرىل ئالدامچىلىقى دەپ ئاتىغان(APRIL FOOL).
      ئۇلار شۇ يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاپرىلنىڭ بىرىدە بايرام قىلىپ مۇسۇلمانلارنى ئەخمەقلەر دەپ قارايدۇ. (ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمىغىنىدا ئىدى، بەلكىم 8ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان سەلتەنەتنى تارتقۇزۇپ قويمىغان بولاتتى)
     ئۇلار ساختىپەزلىك بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئالداشنى پەقەت غەرناتادىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگىلا قىلمايدۇ، بەلكى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە قىلىدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ بايرامغا قاتنىشىشىمىز ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ۋە قارىغۇلارچە ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىق، بەلكى بىزنىڭ دۆتلىكىمىزدىن ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشىمىزدۇر. ئەگەر بۇ بايرامنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلگىنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىزنى تەبرىكلەپ بايرام قىلمىغان بولاتتۇق. قېنى سىز يەنە بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ، بۇ كۈندە باشقىلارنى ئالداشتەك ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلامسىز؟ ياكى تۆۋە قىلىپ يالغانچىلىقتىن تىلىڭىزنى يىغامسىز؟ بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىمانىڭىزغا باغلىق بىر مەسىلە!.
    بىز ھەقىقەتنى بىلگەندىن كىيىن، بۇ كۈنلەردىكى مۇناسىۋەتلەرگە قاتناشماسلىق  ھەققىدە ئۆزىمىزگە ۋىجدانى ۋەدە بېرىشىمىز، ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كېتىش ۋەقەلىكىدىن ئىبرەت ئىلىپ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى تەتبىقلاپ ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم.  (ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، دۇنيادا بەزى بىر مۇسۇلمان مىللەتلەرنى گۇناھ-مەسىيەت، ئەيش-ئىشرەت، ھاراق- تاماكا ۋە چېكىملىكلەر بىلەن ۋاستلىق تەمىنلەپ، مىللەتنىڭ يوقىلىشىغا ئۇل ھازىرلاۋاتقان ھۆكۈمرانلارمۇ ئانچە ئاز بولمىسا كېرەك. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلار كاللىسىنى سىلكىشى، ئەخلاقى كىرزىسقا خاتىمە بېرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشى ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدۇر.-مۇھەررىر-)
      بىز يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بەلكى بۇ ئىسلام گۈللەنگەن دەۋرلەردە بولمىغان ياكى مۇسۇلمانلار پەيدا قىلغان ئىش بولماستىن، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھېلى-مىكىر، ئالدامچىلىقتىن مەيدانغا كەلگەن بايرامدۇر.
     ئاپرىل ئالدامچىلىقى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن ھادىسىلەرنىڭ سانى يوق، كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يالغاندىن بىرىنىڭ بالىسى، يەنە بىرىنىڭ ئايالى ياكى ياخشى كۆرىدىغان يېقىن كىشىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر قىلغاندا، بۇ ئۇشتۇمتۇت خەۋەردىن بەزى كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىققان، بەزىلەرگە خىزمىتىدىن بىكار قىلىنغانلىق ياكى ئۆيىگە ئوت كەتكەنلىك ياكى بالىلىرىنى ماشىنا سوقىۋەتكەنلىك توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈش، پۇت-قولى تۇتماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بەزى كىشىلەرگە ئايالىنىڭ باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەندە  ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى تالاق قىلىۋېتىش ۋەقەلىرى يۈزبەرگەن.
بۇ توغرىدىكى ۋەقەلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى  دىن، ئەقىل ۋە ساغلام تەبىئەت قوبۇل قىلمايدىغان يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن بولغان ئىشلاردۇر.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى يالغانچىلىقتىن ساقلىسۇن ئامىن.  

مەنبە: http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3684
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(gunahkar) ئېسىل تېما
  • دوستلىشىش
    تاھىر
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 1026
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1026دانە
    ئۆسۈش: 2960 %
    مۇنبەر پۇلى: 12717 سوم
    تۆھپىسى: 161 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2011-04-08

    ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام ، نەخ ۋاقتىدا يوللىنىپتۇ ...  
    ئەتە ئۈلەپ كەتسەم قايدا قىلامەن؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6834
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 5
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-31
    ئاخىرقى: 2011-03-31
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 16:26

    كوپ رەخمەت سىىز گە
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 836
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 8550 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2011-04-07
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 16:26

    ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام قېرىندىشىم ،بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز ئارقىلىق ئىسپانىيەنىڭ  بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەكمۇ ئېچىنىشلىق بۇ تارىخىدىن خەۋەردار بولدۇم ، ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ! بىزلەرگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە روشەن قەلىب كۆزى ئاتا قىلسۇن ئامىيىن !!!!!!!!!!!!!!!!
    اللا
    ئىنسان ئۆلمەيدۇ،دۇنيا ئۆلىدۇ!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1203
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 76
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
    ئۆسۈش: 130 %
    مۇنبەر پۇلى: 865 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2011-04-05
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 16:30

    ئىزانى غىزا دەپ يەۋېردىغان مۇشۇ ئېغىز يالغانچىلققىمۇ تويمايدۇدە.
    ئاچچىق يەمسەن-تاتلىقمۇ  ساڭا ئىختىيار،بىراق شۇنى ئۇنۇتما ساھىپخانغا بىر كۈنى چوقۇم قايتۇرسەن!
    svkvtni taj kilip takiwalay!!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6837
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-31
    ئاخىرقى: 2011-03-31
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 16:42

    ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
    ئاللاھ تىما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت قىلسۇن ئامىن!!! مەنمۇ تېخى مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال ئىزدەپ يۈرەتتىم ئەجەپمۇ ئۇدۇل كەلدى دىسە؟! ئاللاھ نىيەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ زاتتۇر!!! ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!!
    سۈكۈتنى تاج قىلىپ تاقىۋالاي!!!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 340
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە340دانە
    ئۆسۈش: 230 %
    مۇنبەر پۇلى: 3561 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-03
    ئاخىرقى: 2011-04-04
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 18:24

    ۋاختىدا يوللىنىپتو.........
    بۇرۇن نادان تۇخكەن دەيمەن........
    مەكتەپلەدە بىر بىر سىمىزنى بايرام دەپ ئالداپ....
    ھەتتا بۇ ئىش ئائىلىدىمۇ چەكلەنمەيىتتى....
    دوستلىشىش
    0997wijdan
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6588
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-20
    ئاخىرقى: 2011-04-06
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 18:46

    دۇنيادا  يالغانچىلىقتىن  ئىپلاس  ئىش بولماس
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6820
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 17
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-30
    ئاخىرقى: 2011-03-31
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 19:41

    dal   wahti    da   yolapsiz
    rahmat    。。。。 man     buixlani  teihi  uhmaidikan
    man  。。。。    sawak   daxlirim    ni   rasa、    aldai   dap    tikan   man      。。。qog   guna  din     sahlidigiz         koptin     koprahmat    
    دوستلىشىش
    نەفىسە
    People  believe  what  the   newspapres &nbs ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 135
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
    ئۆسۈش: 560 %
    مۇنبەر پۇلى: 1736 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-04
    ئاخىرقى: 2011-04-07
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 21:56

                اللە رەھمەت قىلسۇن....اللە قەلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.
    كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.