تىما : بىز ئانىلارغا مۇھتاج(تۈن لىرىكىسى)
sini  sehinixnig ozimu  man  uqun  bahit
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 39
نادىرلانغان يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى:59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
威望: 70 点
铜币: 68 枚
贡献值: 0 点
好评度: 0 点
توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-05-30
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-03
0楼  يوللانغان ۋاقتى: كۈن بۇرۇن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 بىز ئانىلارغا مۇھتاج(تۈن لىرىكىسى)

بىز ئانىلارغا مۇھتاج
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  قەدىرلىك مۇنبەرداش:

بەلكى سىز، ئۆزىڭىزگىمۇ ناتونۇش بولغان يىراق بىر  يۇرتتا، كەلگۈسى ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولىشىڭىز مۇمكىن،
ياكى ئۆز ئۆيىڭىزدە يەنە شۇ <<بالا غېمى>> ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكىۋاتقان مىھىرىبان ئاتا-ئانا بولىشىڭىز مۇمكىن،
ۋەياكى كۈن بويى ئۆز ئىشىڭىزغا ئۆزىڭىز يىتىشەلمەي يۈرگەن ئالدىراش خىزمەتچى بولىشىڭىز مۇمكىن.
سۆيۈملۈك مۇنبەرداش. سىز بۈيۈك ئارزۇلارنى قەلبىڭىزگە پۈكۈپ، يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭغىنىڭىزدا
مىھىرىبان ئانىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا قەلبىگە پۈكۈپ يۈرگەن بىر گۈزەل ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈچۈن،
گەرچە يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ،نا ئىلاج سىزگە ئاق يول تىلەپ،قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە قېپ قالغان
 بولىشى مۇمكىن.
سىزنى پۈۋلەپ پەپىلەپ قاتارغا قوشۇپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ
<<مەن كۆيەرمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالسىغا>> دەپ سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
بىراق سىز ئەشۇ مىھرىبان ئانىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىڭىز؟
ئەشۇ يىراق يۇرتتا ئانىڭىزنىڭ كۈتكىنىدەك ئۆز ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن ئالدىراش ئۆتىۋاتامسىز ياكى كېچىلىك
كۇلۇبلاردا ئويۇن تاماششا بىلەن ئالدىراشمۇ؟ بۈگۈن كېچە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىڭىزمۇ؟
سىزچۇ ؟ سىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقاندىن كىيىن، ئالدىغا بىرەر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيالىدىڭىزمۇ؟ ياكى
 سىزنى قاتارغا قوشقىنى ئاز كەلگەندەك سىزگە <<بالا باققۇچى>> بولۇپ، كەپسىز نەۋرىسىگە <<ئات>> بولۇپ،
مىشچان كېلىنىگە <<ناۋاي>> بولۇپ يۈرەمدۇ؟ 
قىنى سىزچۇ؟ ياشىنىپ ماغدۇرىدىن كەتكەندە، ھېچ بولمىغاندا ئاستىغا كۆرپە سىلىپ بىردەم بولسىمۇ بېلىنى
تۇتۇپ قويالىدىڭىزمۇ؟ ياكى سىز ئىشتىن كەلگۈچە تامىقىڭىزنى ئېتىپ، يەنە شۇ ئانىلىق مىھىرىبان قەلبى بىلەن
<<بالام! خىزمىتىڭ ئالدىراش،چارچىغانسەن؟>>دەپ قورۇق باسقان قوللىرىدا پۇت-قولىڭىزنى تۇتۇپ قويۋاتامدۇ؟
قەدىرلىك مۇنبەرداش:
سىز <<ئانا>> دېگەن سۆزنىڭ <<ئاپا>> دېگەن سۆزگە قاغاندا، ئىچ-ئىچىڭىزدىن،  يۈرەكنىڭ قات-قېتىدىن 
ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى سىز ئۇنىڭ باغرىدىن چىققان ئەمەسمۇ؟ 
ھازىر بالىڭىز سىزنى ئاپا دەپ چاقىرىدۇ، بىراق بالىڭىزنى بالىسى ئاپا دەپ چاقىرغاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىڭىزغا نىسپەتەن
ئانا بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
مۆھتىرەم مۇنبەرداشلار:
ئەشۇ مىھرىىبان قەلبى ئاتەش ئانىللىرىمىز بىزنى قانچىلىك ئارزۇ ئۈمۈتلەر بىلەن باققان؟ ئەشۇ ئانىلار بىزنى،
ئۇلارنى<<بالا باققۇچى>>،<<كالا ساققۇچى>>،<<نان ياققۇچى>>قىلىۋىلىشىمىز ئۈچۈن باققان بولغىيمىتى؟
ئۇلار بۇ ئالەمگە تۆۋرۈك ئەمەس. ئۇلار كىتىدۇ، بىز قالىمىز. بىزمۇ شۇلارنىڭ كۈننى كۆرۈپ كىتىمىز.
شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاسىرايلى! قەدىرلەيلى! ھۆرمەتلەيلى!





چۈنكى: بىز ئانىلارغا مۇھتاج!


ئاناڭ قالدى ياشىنىپ
ئاناڭ قالدى ياشىنىپ،بەل پۇتلىرى ئېگىلدى،
قۇندۇز چېچى ئاقىرىپ، تارغاق كۆرمەي چىگىلدى.
تونىمايدۇ گاھىدا ئىشىك چەكسەڭ سىنىمۇ،
نۇرى سۇنۇپ كۆزىنىڭ،كىرپىكلىرى تۆكۈلدى.
ئۆزى ئىچمەي ئىسسىق چاي، پۈۋلەپ ساڭا ئىچكۈزدى،
چايناپ ساڭا قاتتىق نان،مارجان چىشى تۆكۈلدى.
سەپەر قىلساڭ يىراققا ئەنسىرەيدۇ ئۇ سەندىن،
تىلەپ ساڭا ئامانلىق جەينامازغا يۆكۈندى.
ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، ساقلار ساڭا ئوشۇقنى،
تىتىرەيدۇ قوللىرى، تۇتالمايدۇ قوشۇقنى.
ئېيتالمايدۇ ئەللەينى بۇرۇنقىدەك يىقىملىق،
شۈمەك سېلىپ زاكىداپ،تەۋرىتەلمەس بۆشۈكنى.
يېتىرقىما،ئەيمەنمە، قورۇق باسقان ئەپتىدىن،
سېنى يۈدۈپ ھاپاشلاپ قالغان مەغرۇر قەددىدىن.
ھېس قىلىدۇ ئۆزىنى، تۆت كۈنلىكى قالغاندەك،
بۈگۈن ئۆتسە شۈكرى دەپ،تەمايى يوق ئەتىدىن.
ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ،باققان سىنى ئويلاپ قوي،
پاقلان سويۇپ، چاي قۇيۇپ، قورسىقىنى توقلاپ قوي.
<<ئاناڭ كۆيەر ساڭىلا،سەن كۆيىسەن بالاڭغا>>.
كۈن بولمىسا ھەپتىدە سوۋغات ئىلىپ يوقلاپ قوي.
پاكىز يۇيۇپ تاراپ قوي،چىگىش كىرگەن چېچىنى،
كۆرپە سىلىپ ئاستىغا، تۇتۇپ قويغىن بېلىنى.
يىيەلمەيدۇ ئېشىنى سىنىڭ گۆدەك چېغىڭدەك،
پۈۋلەپ چايناپ يىگۈزگىن، يىيەلمىگەن ئېشىنى.
ئانا بەرگەن ئاق سۈتكە،بارچە ئىنسان قەرىزدۇر،
ئاقلاش ئۇنىڭ سۈتىنى، مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر.
ئاناڭ ھايات چېغىدا ئالالمىساڭ رازىلىق،
ئۇ ئالەمگە بارغاندا سورىقى بار ئەرىزدۇر.
2010-يىلى 31-ماي دۈشەنبە
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-01 17:07قايتا تەھرىرلە ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما بىز ئانىلارغا مۇھتاج(تۈن لىرىكىسى),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
niyazali
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 97
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
威望: 0 点
铜币: 12 枚
贡献值: 0 点
好评度: 0 点
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-01
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-02
1楼  يوللانغان ۋاقتى: كۈن بۇرۇن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئانا ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلىمىڭىزگە ياراتقان ئېگەم قۇۋەت ئاتا قىلسۇن. قەلەن تەۋرەتكەن قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئاتا-ئانىللىرىمىزنى قەدىرلەيلى دوسلار!
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 97
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
威望: 0 点
铜币: 12 枚
贡献值: 0 点
好评度: 0 点
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-01
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-02
2楼  يوللانغان ۋاقتى: كۈن بۇرۇن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

رەسىم:
ئانىلارنىڭ ئۆمىرىنى بەرسۇن!
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UIDنۇمۇرى: 113
نادىرلانغان يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى:14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
威望: 0 点
铜币: 14 枚
贡献值: 0 点
好评度: 0 点
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-02
ئاخىرىقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-06-02
3楼  يوللانغان ۋاقتى: 14سائەت بۇرۇن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

جىنىم ئانام ئامان بولسۇن!   قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. دىمىسىمۇ خوتۇنىغا خوتۇن بولغانلار ئاز ئەمەس.