مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 25ئىنكاس
  • 12602كۆرىلىشى

ئوغرىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار! [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: چولپان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-26 22:47:14
— بۇ يازما samanyoli تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-04) —
ئوغرىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار!  




       ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشنى جازالاپ اﷲ تەرىپدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسدىن قوللىرىنى كېسىڭلار.
                                                                                                                   _ قۇرئاندىن

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
                       _ لۇتپۇللا مۇتەللىپ

        ئەڭ يامان ئوغرى مەنىۋىيەت ئوغرىسىدۇر، ئەڭ چوڭ ئوغرىلىنىش ئىتىقادنىڭ ئوغرىلىنىشىدۇر.
                                                                                                     _ قەلب خاتىرەمدىن
 

       <<ئوغرى>> دىگەن سۆز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مەنىسى ئېنىق بولغان ئاددىيغىنە بىر ئاتالغۇ. دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق قەۋمدە گەرچە ئاتىلىشى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما مەنىسى ئوخشاش بولغان <<ئوغرى>> ئۇقۇمى مەۋجۇتتۇر. ھەرقانداق ئىتىقادتىكى خەلق ئوغرىلىق قىلمىشىنى يامان كۆرىدۇ. ھەرقانداق تۈزۈمدىكى جەمىيەتتە ئوغرىلار تىگىشلىك جازالىنىدۇ. ئوغرىلىق قىلمىشى ھىچبىر قەۋم ئارىسىدا ھىچقاچان قانۇنلۇق بولۇپ باققان ئەمەس.
        گەرچە، <<ئوغرى>> دىگەن سۆزنى ۋە ئوغرىلىق قىلمىشىنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىنسانلار چۈشەنسىمۇ، ئەمما، <<ئوغرى>> سۆزىنىڭ ۋە ئوغرىلىقنىڭ مەنە دائىرىسىنى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلىشتىن غاپىل قالماقتا. كۆپ قىسىم ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە پەقەت ماددىي نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن كىشلەرلا ئوغرى دەپ ئەيىبلەنمەكتە. شۇنداقلا، پەقەت ماددىي نەرسىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يۇشۇرۇن ئىگەللىۋېلىنىشىلا ئوغرىلىق دەپ قارالماقتا.
        يۇقىرىدىكىدەك ناتوغرا قاراش قەۋمنىڭ پىكىر قاتلىمىنى ئىگەللىۋالغان بىر دەۋردە <<ئوغرى>> ئۇقۇمى بۇرۇنقى پىكىرگە يات بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئىپادە بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭىچە بىر خىل مەنىسىنى تاپتى. بۇ مەنىنى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىلىپ يەتتىم. بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ<< يىللارغا جاۋاب>> ناملىق شىئىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان <<ئۆمۈر ئوغرىسى>> بولغان <<ۋاقىت>> ئۇقۇمى ئىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇقارقى شېئىرىدا، ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن << يامان ئوغرى>> ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە دەرسلىك كىتابتا <<بۇ شىئىردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <يىللار> سۆزى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، بۇ شۇ دەۋردىكى زالىم ھۆكۈمرانلارنى كۆرسىتىدۇ>> دىيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنى ئۆز مەنىسىدە چۈشىنىشمۇ تامامەن مۇمكىن. ئاپتور بۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىشنىڭ ئۆز ئۆمرىنى ئۆزى ئوغرىلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۆمرىنى قەۋمىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۆزىنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز ئۆمرىنى ئۆزى ئوغىرلاشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان، دېيىشكە بولىدۇ.
       يۇقىرىدىكى پىكىرلەر بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلماقچى بولغان ئاساسىي ئىدىيە ئەمەس. بەلكى، يۇقارقى پىكىرلەر <<ئوغرى>> ئاتالغۇسىنى ماددىي جەھەتتىن باشقا جەھەتلەردىمۇ قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەسلىي مەقسەتكە كەلسەك، بۇ مۇھاكىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى <<مەنىۋىيەت ئوغرىلىقى>> بىلەن <<ماددىي بۇيۇم(ياكى پۇل) ئوغرىلىقى>> نىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كىشلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنى ۋە كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئىپادىسىنى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت.

        بۇنىڭدىن 10-15 يىل ئىلگىرى، يۇرتىمىزدا ئوغرىلىق ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلەتتى. سىرتقا چىقماقچى بولساق، ئىشىككە قۇلۇپ سالمايتتۇق. پەقەت، ئىت - مۈشۈكلەرنىڭ ئۆيگە كىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئىشىكنى يىپ بىلەن چىگىپ قوياتتۇق. ئۆينىڭ ئالدى دەرۋازىسىنى ئىچىدىن ئىلىپ قويۇپ، ئارقا ئىشىكنى تاقىمايلا چىقىپ كېتەتتۇق. بىر قىسىم ماتىرياللاردىن كۆرۈشۈمچە، بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، كىشلەر نەچچە كۈنلۈك، ھەتتا نەچچە ئايلىق سەپەرگە چىقسىمۇ ئىشىككە قۇلۇپ سالماي چىقىپ كېتىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئىكەنمىش. ئەمما ھازىر بىرەر سائەتلىك ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقماقچى بولغان كىشى ھەربىر ئېغىز ئۆيگە ئايرىم قۇلۇپ سالغاندىن تاشقىرى، ئالدى دەرۋازا، كەينى ئىشىك قاتارلىقلارغىمۇ چوڭ قۇلۇپلارنى ئېسىپ قويۇشىدۇ. بۇ ھازىرقى يېزىلارنىڭ ئەھۋالى. شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاشقىنىمىزدا، بىنادىن پەسكە چۈشۈپ ئەخلەت تۆكۈپ چىققۇچە ئىشىكنى تاقىماي قويۇپ قويىدىغان ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمىسا كېرەك.
         ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سىز شەھەر كوچىلىرىدا يانچۇقىڭىزغا كۆپرەك پۇل سېلىپ، پىيادە كېتىۋاتقان بولسىڭىز قانداق كەيپىياتتا ماڭىسىز؟ شۇنداق جەزىملەشتۈرىمەنكى، قولىڭىزنى پۇل بار يانچۇقىڭىزدىن ئايرىمايسىز ياكى ھىچ بولمىغاندا، بىرە- بىرە قولىڭىز بىلەن يانچۇقىڭىزنى سىلاپ قويىسىز. ئەگەر ئاپتۇبۇستا بوپ قالسىڭىز، قىستاقچىلىقتا بىرەر ئادەمنىڭ جەينىكى سىزگە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېلىقى كىشىگە بىر خىل گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغاندىن كىيىن، دەرھال يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى خىيالغا كەلتۈرىسىز ۋە بىر خىل ئىھتىياتچان كەيپىياتقا ئۆتىسىز.
         يۇقارقىلار كىشلەردىكى ئوغرىدىن خۇدۇكسىرەش كەيپىياتى بولۇپ، ئەتراپلىق تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بۇ خىل خۇدۇكسىرەش ئومۇمەن ماددىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى ۋە يېڭى مەدەنىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
         بىر قىسىم قەۋملەردىكى ئىتىقادسىزلىق ۋە ئىتىقادلىق قەۋملەردىكى ئىتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشىنى يۇقىرىدىكىدەك كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب دېسەك قىلچە خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى، ئىتىقادسىز قەۋمدە گۇناھ تۇيغۇسى بولمايدۇ. گۇناھ تۇيغۇسى بولمىغانىكەن، ( قانۇننىڭ جازاسىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلا بولسا) ماددىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئىتىقادى سۇسلاشقان قەۋمدە، بىر- بىرىدىن ئەيمىنىش قالمايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىنسان ئىختىيارلىققا قويۇپ بېرىلگەن ھەر قانداق ئىشتا ئۆز ئىتىقادىدىن كېلىپ چىققان ئەقىدە بويىچە ياشايدۇ.
         ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇرلاردەك 1000 يىل ئىلگىرىلا توغرا ئىتىقادنى تىكلەپ، ئاشۇ توغرا ئىتىقاد ئاستىدا ياشاپ، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بۇ قەۋمدە نىمە ئۈچۈن ئىتىقاد سۇسلىشىدۇ؟ كىشلەر نىمە ئۈچۈن ئۆز ئەقىدىسىدىن يىراقلىشىدۇ؟ بۇ دەل توغرا ئەقىدىمىزنىڭ ۋە شۇ ئەقىدىدىن كېلىپ چىققان پارلاق مەدەنىيىتىمىزنىڭ يات مەدەنىيەتلەر ۋە ئەقىدىلەر تەرىپىدىن ئوغىرلانغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
        <<قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى>> دىگەن ماقالدا بىر ئادەمنىڭ يېنىدىكى بىر ئادەمدىكى خۇلقىنى بىلمەستىن قۇبۇل قىلىۋالىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇنى بىر قەۋمدىكى بىر توپ كىشلەرنىڭ باشقا بىر قەۋمدىكى مەدەنىيەت ياكى ئىللەتلەرنى قۇبۇل قىلىۋېلىشىغا تەقلىد قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقارقى تەقلىد قىلىش(يۇقتۇرۋېلىش)، ئۇنى قۇبۇل قىلغۇچى ئادەمنىڭ ئۆز رازىلىقى ۋە پايدا- زىيىنىنى سېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق بىكىتىلگەن بولماستىن، بەلكى، تۇيماستىن قۇبۇل قىلىشتۇر. بۇ خىل قۇبۇل قىلىشتا چوقۇمكى، يېڭى بىر خىل قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەت شۇ كىشىدە ئەسلىدە بار بولغان قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ دەل ئۆز قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ياتلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشىدۇر.
        15 يىل ئىلگىرى مەھەللىمىزنىڭ يوللىرى ئىنتايىن ئەگرى - بۈگرى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى خام كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيلەر ئىدى (يوللار ئەگرى-بۈگرى بولغان بىلەن كۈڭۈللەر تۈز ئىدى.) يول بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ تېمىغا تەشۋىقات جۈملىلىرى يېزىپ قويۇلاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەھەللىدىكى بىر كىشىنىڭ تېمىدا << بۇرژۇئازىيىگە قارشى تۇرايلى!>> دىگەن بىر جۈملە خەت بار ئىدى. قىزىقارلىق يېرى، بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى شۇ چاغدا مەھەللىدىكى كۆپ قىسىم كىشلەر چۈشەنمەيتتى(مەنغۇ قەتئىي چۈشەنمەيتتىم.) مانا ئەمدىلىكتە دېھقان- چارۋىچىلار رايونىدا يېڭى يېزا قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بۇرۇنقى يوللار بۇزۇلۇپ، تۈپتۈز ئاسفالىت يوللار ياسالدى(ئەمما قەلبىدە ئەگرىلىك بارلار كۆپىيىپ كەتتى). بۇرۇنقى كونا ئۆيلەر پۈتۈنلەي چېقىلىپ پىششىق خشتىن <<يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي>>لەر سېلىندى. 15 يىلنىڭ ئالدىدىكى كوچىدىكى تاملارغا تەشۋىقات يازىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئەمما تامدىكى خەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ، <<ئەيدىز كېسىلى قاندىن، ئانىدىن بالىغا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ>>، <<ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نى توغرا ئىشلىتىڭ >> دىگەندەك تەشۋىقاتلار يېزىلدى. بۇرۇنقى بۇرژۇئازىيىگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتلىرى يوقاپ كېتىپلا قالماستن، بەلكى، ھازىرقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئاشۇ سۆزلەر ۋە ئىشلار دەل ئاشۇ بۇرۇن قارشى تۇرغان بۇرژۇئازىيىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت بولدى. چۈنكى، ھازىر بۇرۇن قارشى تۇرۇلغان بۇرژۇئا پىكىر-چۈشەنچىلىرى كۆپ قىسىم تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قاپلىدى. بۇ تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى ئوغرىلىۋاتقان ئوغرىلارنىڭ بىر خىلىدۇر. ئەمما بۇ ئوغرىغا دىققەت قىلغانلار قانچىلىك؟؟؟
      قايسى بىر ئېلاندا <<ئىنىرگىيە كېلىۋاتىمەن دىمەيدۇ>> دىگەندەك، بۇ خىلدىكى مەنىۋىيەت ئوغرىلىرىمۇ <كېلىۋاتىمەن> دىمەيدىكەن. شۇ سەۋەپتىن، نۇرغۇن كىشلەر مەنىۋىيىتىنى يۇشۇرۇن كەلگەن ئوغرىغا بېرىپ قويىۋاتىدۇ(ئوغرىغۇ ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن كېلىدۇ). ماددىي بايلاردىن بولۇش ئۈچۈن، مەنىۋىي كەمبەغەللىككە گىرىپتار بولىۋاتىدۇ.
      بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئوغرىلار ئاساسلىقى غەربنىڭ ماددىي مەنپەئەتچىلىك ئاساس قىلىنغان بۇزۇق پىكىرلىرى، ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساختا ئەركىنلىك شوئارلىرى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي يادرو قىلغان شەخسىيەتچىلىك تۈزۈلمىلىرى.... قاتارلىقلار بولۇپ، غەربتىكى كاپىتالىستىك ھاكىمىيەتلەر ئۆز مەبدەئىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىش ئارقىلىق، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىدا، بۇ بۇزۇق مەدەنىيەتلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ (ۋە باشقا مۇسۇلمان قەۋملەرنىڭ) نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە پىتنە ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ يېيىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

       ئىنتايىن خەتەرلىك بولىۋاتقان مەسىلە شۇكى، خەلقىمىز بۇ خىل ئالاھىدە ئوغرىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش كەيپىياتىمۇ تازا شەكىللىنىپ بولالمايۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مىللەت ئىچىدە ئۆزلۈكنى ئۇنتۇش، مەدەنىيەتتىن يىراقلىشىش، ئىتىقادىي سۇسلىشىش، ماددىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

     _ ئوغرى، ئوغرى!!! ئوغرىنى تۇتۇڭلار!!!

      يولدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يۇقۇرىدىكىدەك توۋلىغان ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئىشىنىمەنكى، دەرھال ئۆز يېنىڭىزغا قارايسىز. خۇددى سىزنىڭ بىر نەرسىڭىزنى ئوغرى ئېلىپ قاچماقچىدەك بىر خىل سىزىم دەرھال شەكىللىنىدۇ. ئوغرىغا لەنەت ئوقۇيسىز. ئەمما، مەنىۋىيىتىڭىز چىركىنلىشىپ كېتىۋاتقاندا، ئىتىقادىڭىز سۇسلاپ كېتىۋاتقاندا ياكى يېنىڭىزدىكى بىرسىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتكە يات بىر قىلمىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە مۇشۇنداق ئىھتىيات قىلىش ۋە غەزەپلىنىش ھىسياتى شەكىللىنەمدۇ يوق؟؟؟  

         سىز ئۆزىڭىزنىڭ ماددىي بايلىقلىرىڭىزنى ئوغرى ئېلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنچىلىك قىلىپ كېتىسىزكى، ئۆيىڭىزگە بىخەتەر ئىشىك ئورنىتىسىز. ئۆيىڭىز 5-6- قەۋەتلەردە تۇرۇقلۇق، دېرىزىگە سىرتىدىن تۈمۈر رىشاتكا ئورنىتىسىز. پۇلىڭىزنى ئوغرى ئېلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، بانكىغا قويۇپ قويىسىز( لازىم بولغاندا پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، شۇ كۈندىكى ئىھتىياجقا چۇشلۇقلا پۇلنى ئالىسىز). چۈنكى يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلىشىڭىزنىڭ ھەممىسى ھازىرقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلار ئەۋج ئالغان، خاتىرجەمسىزلىكە تولغان، بىر- بىرىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان، بۇزۇقلۇققا تولغان جەمىئيەتتە ئۆز ماددىي بايلىقلىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆز ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەمما سىز مەنىۋىي بايلىقىڭىزغا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلالماسلىقى ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشىپ باقتىڭىز؟ مەنىۋىيەت ئوغرىلىرىدىن قانچىلىك مۇداپىئەلەندىڭىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئاماللارنى ئىشلىتىپ باقتىڭىز؟؟؟


         مەنىۋىي ئوغرىلىق ماددىي ئوغرىلىقتىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر بىر ئوغرى سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ياكى باشقا مال-مۈلكىڭىزنى ئوغرىلىۋالغان بولسا، سىزگە ماددىي زىيان بولغان بولسىمۇ، ئەمما  مەنىۋىي جەھەتتىن سىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولىدۇ.  چۈنكى بۇ چاغدا سىز ئوغرىغا چىش- تىرنىقىڭىزغىچە ئۆچ بولىسىز، ئوغرىنى تىللايسىز. ئاشۇ تىللاۋاتقان چېغىڭىزدا ئوغرىلارنىڭ نەقەدەر يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ ئىنتايىن نىجىس قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئويلايسىز. بۇنىڭ بىلەن سىزدە مەڭگۈ ئوغرى بولۇپ قالماسلىقتىن ئىبارەت ئىدىيە مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەمما مەنىۋىي ئوغرىلىق بۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىز ئوغرىلار تەرىپىدىن بۇلغانغان بولسا، بۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزگە سىڭدۈرىۋالغان بۇ خىل ئىدىيىنىڭ ۋە بۇنداق ھايۋانلارچە ياشاش ئۇسۇلىنىڭ نەقەدەر بۇزۇقلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايسىز. چۈنكى بۇ ئاللىقاچان سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ۋە ياشاش نىشانىڭىزغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.  
        بەلكىم سىز ئىتىقادىڭىزنى ئاللىقاچان ئوغرىغا بېرىپ بولدىڭىز. چاتاق يېرى، ئۆزىڭىزمۇ بىر <<مەدەنىيەت ئوغرىسى>>غا ئايلىنىپ بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن.  چۈنكى بۇ چاغدا سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى  ئۆزلۈك ئېڭى، توغرا ئىتىقاد، مۇستەھكەم ئەقىدە...لەر ئاللىقاچان سۇسلىشىپ ياكى سۈپۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇزۇق ئىتىقاد، چەلكەش چۈشەنچىلەر توشۇپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بولسا، پەرزەنتىڭىزگە قايسى ئىتىقادنى سىڭدۈرىسىز؟ ئەلۋەتتە بالىڭىزنى ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئىتىقاد ۋە دۇنيا قاراش بويىچە تەربىيىلەپ چىقىسىز.  ئۇنىڭدىن سىرت، خۇددى ئەينى چاغدا سىز باشقىلاردىن يات مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىڭىزنى ئوغرىلىتىپ قويغانغا ئوخشاش، ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەرمۇ  سىزدىن  تەسىر ئالىدۇ -دە ئۆز ئىتىقادىنى ئۇنتۇشقا باشلايدۇ.  مانا بۇ چاغدا سىز باشقىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئوغرىلايدىغان ئوغرىغا ئايلىنىپ بولغان بولىسىز.
       يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشلەر ئۆز مال- مۈلكىنىڭ ئوغرىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا، ئۆز مال-مۈلكىنى خىلمۇ- خىل ئۇسۇللار بىلەن قوغدايدۇ. ئەمما، ئەڭ چوڭ مۇسىبەت بولغان <<مەنىۋىيەتنىڭ ئوغرىلىنىشى>>غا دىققەت قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
        جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان بارلىق پاراكەندىچىلىكلەر، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، ئەخلاقسىزلىقلار، مۇقىمسىزلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى كىشلەرنىڭ ئىتىقادىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ئىتىقادىمىزنى ساقلاپ قالالماسلىقىمىز __ مىللىتىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالماسلىقىمىز ۋە جەمىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنى كونتىرول قىلالماسلىقىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ( بىر ئادەمنىڭ ئوغرى بولۇپ قېلىشىمۇ دەل مەنىۋىيىتىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى سەۋەبىدىندۇر).
       غەربنىڭ ۋە يىراق شەرقنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە قىلغان تاجاۋۇزىغا باش ئەگمەستىن، يۇشۇرۇن سۇيقەستلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەستىن ئۆزىمىزدە بار بولغان توغرا  ئىتىقادنى قوغداش، زىممىمىزدىكى پەرۋەردىگار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تونۇش ، بۇرچنى تولۇق  ئادا قىلىش ... قاتارلىق ئىشلار مىللىتىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى، ئېسىل ئەخلاق ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى، كىملىكىمىزنى .... ساقلاپ قېلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.
      يەنە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ئۆز مەنىۋىيىتىڭىزنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇش بىلەن بىرگە، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ، قەۋمىڭىزنىڭ ئېسىل مەنىۋىي مىراسلىرىنى ئوغىرلايدىغان ئوغرىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!
------------------------------
      ئوغرى ، ئوغرى! ئوغرىنى تۇتۇڭلار!  
-----------------------------
     ئوغرى كەلدى!   تېلىۋوزۇردىن، توردىن، گېزىت ژۇرناللاردىن، غەربتىن، يىراق شەرقتىن ... خىلمۇ - خىل ئوغرىلار كەلدى.  ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي بايلىقىنى قوغداپ قالاي دىسىڭىز بۇ ئوغرىلارنىڭ مىكرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ، قاپقىنىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىڭ!
-----------------------------
     ئى ئىنسانلار! ئوغرىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار!!!


2011- يىل 3- ئاينىڭ 26- كۈنى

مەنبە: قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-10-04 13:20قايتا تەھرىرلىد ]

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2012-07-27
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 00:38:39
ياخشى تېما بۇلۇپتۇ ،ھەممە ئادەمنىڭ ئېڭىدا <<قىلغان ئېشلىرىمنىڭ ھەممنى ئاللا كۆرۈپ تۇرىدۇ ،ياخشىلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىققا، يامانلىقىم ئۈچۈن ئازاپقا ئېرىشىمەن >>دىگەن كۆز قاراش بولسا جەمىيەتتە ئوغۇرلارمۇ بولمايتى ،
دۇنيا نىممەتلىرىنىڭ ھالاللىرىغا ھېساپ ھاراملىرىغا ئازاپ بار بۇلىدىغانلىقنى ،ھەتتا تىنىقلىرىمىز ئۈستىدىمۇ جاۋاپقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن بولساق ۋاقىتنى قەدىرلەشنىمۇ بىلەتتۇق ،ئاللاھ بەرگەن نىممەتلەردىن ئوزۇقلىنىپ ئاللاھ بەرگەن ھاۋادىن نەپەسلىنىپ يەنە ئاللاھ بەرگەن ،،،،،،،،ھەممىنى بەرگەن شۇ رەببىمىزگە بۇنچىلىك تۇزكورلۇق قىلمايتۇق <<ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن >>دىيەلىسەك ھەم چوقۇم ئەمەل قىلالىساق < ئۇ >،،< بۇ  > ئوغۇرلارغا ،ۋاقىت ئوغۇرسىغا پۇرسەت بەرمەيتۇق ،
قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن ئاللاھ سىزنى ھەم بارلىق مۇسۇلمان قېرىداشلانى دۇنيا ئاخىرەتتە بەخىتلىك قىلسۇن

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 3201
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3201دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 37262 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2013-01-29
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 13:44:28
ئىسىل  تېما ، نادىرلانماپتىيا ؟؟؟  

 
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 15:19:24
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى قوزام نىڭ 2011-03-27 00:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى تېما بۇلۇپتۇ ،ھەممە ئادەمنىڭ ئېڭىدا <<قىلغان ئېشلىرىمنىڭ ھەممنى ئاللا كۆرۈپ تۇرىدۇ ،ياخشىلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىققا، يامانلىقىم ئۈچۈن ئازاپقا ئېرىشىمەن >>دىگەن كۆز قاراش بولسا جەمىيەتتە ئوغۇرلارمۇ بولمايتى ،
دۇنيا نىممەتلىرىنىڭ ھالاللىرىغا ھېساپ ھاراملىرىغا ئازاپ بار بۇلىدىغانلىقنى ،ھەتتا تىنىقلىرىمىز ئۈستىدىمۇ جاۋاپقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن بولساق ۋاقىتنى قەدىرلەشنىمۇ بىلەتتۇق ،ئاللاھ بەرگەن نىممەتلەردىن ئوزۇقلىنىپ ئاللاھ بەرگەن ھاۋادىن نەپەسلىنىپ يەنە ئاللاھ بەرگەن ،،،،،،،،ھەممىنى بەرگەن شۇ رەببىمىزگە بۇنچىلىك تۇزكورلۇق قىلمايتۇق <<ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن >>دىيەلىسەك ھەم چوقۇم ئەمەل قىلالىساق < ئۇ >،،< بۇ  > ئوغۇرلارغا ،ۋاقىت ئوغۇرسىغا پۇرسەت بەرمەيتۇق ،
قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن ئاللاھ سىزنى ھەم بارلىق مۇسۇلمان قېرىداشلانى دۇنيا ئاخىرەتتە بەخىتلىك قىلسۇن

سىز ماقالىنى تۇلۇق ئوقۇماپسىز ھە!
مەن بۇ ماقالىدا  ۋاقىت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. تىمىنىڭ تۆۋەندىكى يەرلىرىنى كۆرۈپمۇ باقماپسىز:
يۇقىرىدىكى پىكىرلەر بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلماقچى بولغان ئاساسىي ئىدىيە ئەمەس. بەلكى، يۇقارقى پىكىرلەر <<ئوغرى>> ئاتالغۇسىنى ماددىي جەھەتتىن باشقا جەھەتلەردىمۇ قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەسلىي مەقسەتكە كەلسەك، بۇ مۇھاكىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى <<مەنىۋىيەت ئوغرىلىقى>> بىلەن <<ماددىي بۇيۇم(ياكى پۇل) ئوغرىلىقى>> نىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كىشلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنى ۋە كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئىپادىسىنى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. 
ئەڭ يامان ئوغرى مەنىۋىيەت ئوغرىسىدۇر، ئەڭ چوڭ ئوغرىلىنىش ئىتىقادنىڭ ئوغرىلىنىشىدۇر.

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1818
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1818دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 19177 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 15:22:26
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىزگە ئاللاھ ئەجىر ئاتاقىلسۇن !

دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2195
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2195دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 28684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 15:25:23
ياخشى تىما ،،،،،،،،ئىسمىڭىزغا ھەقىقەتەن ماس كەپتۇ جۇمۇ،،،،،ئىسىل تەپەككۇرلار ئىكەن ،،،،

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2012-07-27
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-27 22:42:03
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى mutepekkur نىڭ 2011-03-27 15:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىز ماقالىنى تۇلۇق ئوقۇماپسىز ھە!
مەن بۇ ماقالىدا  ۋاقىت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. تىمىنىڭ تۆۋەندىكى يەرلىرىنى كۆرۈپمۇ باقماپسىز:
يۇقىرىدىكى پىكىرلەر بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلماقچى بولغان ئاساسىي ئىدىيە ئەمەس. بەلكى، يۇقارقى پىكىرلەر <<ئوغرى>> ئاتالغۇسىنى ماددىي جەھەتتىن باشقا جەھەتلەردىمۇ قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەسلىي مەقسەتكە كەلسەك، بۇ مۇھاكىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى <<مەنىۋىيەت ئوغرىلىقى>> بىلەن <<ماددىي بۇيۇم(ياكى پۇل) ئوغرىلىقى>> نىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كىشلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنى ۋە كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئىپادىسىنى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. 
ئەڭ يامان ئوغرى مەنىۋىيەت ئوغرىسىدۇر، ئەڭ چوڭ ئوغرىلىنىش ئىتىقادنىڭ ئوغرىلىنىشىدۇر.

سىز مېنىڭ ئىنكاسىمنى چۈشەنمەپسىز ،، مەن بۇ ئىنكاسنىمۇ  مەنىۋى ھەم ماددى ئوغۇرلارنى كۆزدە تۇتۇپ بەردىم. شۇ مەنىۋى ئوغۇرلارغا پۇرسەت بەرمىسەك ئىتىقادنىڭ ئوغرىلىنىشى بۇلمايتى .ئىتىقادنىڭ ئوغرىلىنىشى بولمىسا ماددى ئوغۇرلىرىمۇ جەمىيتىمىزدە ھەم بولمايتى. خىيالىڭىزدا مېنى پەقەت ماددى بويۇم ئوغۇرلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ پىكىر قىلدى دەپ چۈشنىپسىزدە ،مەن ئۇنداق تېمىنى پۈتۈن ئوقۇماي چۈشەنمەي تۇرۇپ گەپ قىلمايمەن
[ بۇ يازمىنىقوزام 2011-03-27 22:48قايتا تەھرىرلىدى ]

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 630
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە630دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 6881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2013-01-21
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-28 02:35:49
ۋاي نىمىدىگەن ئۇزۇن.........................
تايىر قىرىندىشىمىز دىگەندەك نادىرلىۋەتسۇنا.........
ئۇستىدىن ئىچىپلا پاچىلاپ بۆلۇپ ئوقۇپ تۇگىتەي....!

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 850
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە850دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 9906 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-04 13:19:17
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-03-28 02:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ۋاي نىمىدىگەن ئۇزۇن.........................
تايىر قىرىندىشىمىز دىگەندەك نادىرلىۋەتسۇنا.........
ئۇستىدىن ئىچىپلا پاچىلاپ بۆلۇپ ئوقۇپ تۇگىتەي....!

تارانچى،  ئۇزۇن بولدى  يوقاپ  كەتتۇققۇ؟
ئۇنداق قىلماي كەپ تۇرىلى

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 7308 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-12-11
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-10-04 14:39:43
ئىككىمىز <<ساقچى>>لىقنى تەڭ قىلايلى بولامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟<<ئويلىنىش>> ئەپەندى

 دىگەن                 دېگەن
جەمىيەتتە               جەمئىيەتتە
تىگىشلىك                 تېگىشلىك
 ھىچبىر                    ھېچبىر
ھىچقاچان                 ھېچقاچان
شىئىرىدا                   شېئىرىدا
يۇقارقى                    يۇقىرىقى
دىيىلگەن                  دېيىلگەن
 كىيىنلىكى                  كېيىنلىكى
ئوغىرلاشتىن                 ئوغرىلاشتىن
ماتىرياللاردىن             ماتىرىياللاردىن
ئوغىرلانغانلىقى            ئوغرىلانغانلىقى
<<قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يۇلۇقساڭ يارىسى>> دىگەن ماقالدا بىر ئادەمنىڭ يېنىدىكى بىر ئادەمدىكى خۇلقىنى بىلمەستىن قۇبۇل قىلىۋالىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ،
بۇ جۈملە باغلاشمىغان.

خشتىن                      خىشتىن
ئىنىرگىيە                    ئېنىرگىيە
دىمەيدۇ                     دېمەيدۇ
دىگەندەك                   دېگەندەك
<< ....ئۆز مەبدەئىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىش...... >>بۇ خېتىڭىزنى ئوقۇيالمىدىم.
سىزىم                       سېزىم
ئىھتىيات قىلىش               ئېھتىيات قىلىش
 ھىسياتى                      ھېسىياتى
ئوغىرلايدىغان              ئوغرىلايدىغان
گېزىت ژۇرناللاردىن،       گېزىت- ژۇرناللاردىن،

تەقسىر،مېنىڭ يازمام ئۈچۈن چەككەن جاپاسىڭىزغا جاۋاب قايتۇردۇم. قۇبۇل قىلغايسىز.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى