مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 73ئىنكاس
  • 30710كۆرىلىشى

چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن ..... [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 3201
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3201دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 37262 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2013-01-29
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-23 23:36:01
— بۇ يازما general تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24) —
    
كىچىك ھەسەن
                        چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

چاناققەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنى
دەرھال تەربىيلەپ تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋاتاتتى.  يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن
ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ
ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە قويغانلىغىنى  كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى-
    بالام، ئسمىڭ نىمە؟
    - ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.
    - سەن نەدىن؟
    - يوزغاتتىن.
    - چېچىڭدىكى نىمە؟
    - مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى.
    - نىمىشقا؟
    - مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.
    - ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.
    ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ،
تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى. چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن
ئارتۇق شېھىتلەر بىرىلگەن بولۇپ دۆۋلەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا
ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ئاھ ۋەتەن دەپ چىققان بالىلار
يىراق-يىراقلاردىن مېڭىپ ھەتتا بەزىلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناققەلئەگە كىلىپ پىدائى
بولۇپ تىزىملىتىۋاتاتتى. كىچىك ھەسەن ئەنە شۇلاردىن برى ئىدى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە قويغان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ
ئوينايدىغان بولدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق كۈڭۈل،
باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدى، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
    بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى. ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىرىدىن ياردەم
سورىدى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى.
    - جېنىم ئاپا. جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر... دەپ باشلىدى، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ
ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى، ئۈزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى،
ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى
ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز... دەپ يازدى، غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى.
نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا نوت دەپ،- ئاپا، دادا مەندىن كىيىن
ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار، مىنى قوماندانىم ۋە
دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ يازدى.
    كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلىدى، چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئېنگىلىسلار
گېلىبولۇغا پۈتۈنكۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەت ئارقا- ئارقىدىن
شېھىت بۇلۇشقا باشلىدى. ياردەمگە بارىدىغان ئەسكەرلەرمۇ قالمىدى. ھەسەننىڭ قىسمى
دۈشمەنگە يېقىن ئىدى قۇماندان ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتى، نىمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ
كىتىۋاتاتتى. چۈنكى ئەسكەرلىرى يېڭى كەلگەن بالىلار بولۇپ ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى
يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا
ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىپ تۇرىۋالدى. قۇماندان كىچىك ھەسەنلەرنىڭ ئۈلۈمگە
كىتىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىزلىكتىن ئۇرۇشقا ئەۋەتتى.
    گېلىبولۇ گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى.كىچىك ھەسەننىڭ قىسمىدىن ھىچكىم ساق قالمىدى،
ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قۇماندان سىررى بەيگە
بىرقانچە پارچە خەت كەلدى. ھەسەننىڭ يېزىسىنىڭ كاتىۋى خەتنى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە
يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار ئىدى. خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:
    -جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن.
پۇلىسىنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز،
بىزدىن جاتىرجەم بول.
    ئانىسى:
    - جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا
دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك
ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما،
ئوتقا كىر دىسە كىر. كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا
چىقىشىپ
ئۈتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر.
ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاخ سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ چېچىڭدىكى
خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قۇربانلىققا ئاتىغان
قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار. مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە
ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا
تاللىدىم. جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن
ئىنسانلار ئىچىدىن سىنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن دەپ
ئاپاڭ خەلىچە.
    قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۈكۈلدى ئارقىدىن پوچتىچىغا- سىز بېرىپ خېنە
ياققان ھەسەننى تېپىپ كىلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ
دىدى. پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ- قۇماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن
ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ.
    قۇماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى، ئۈزىگە كەلگەندىن كېيىن- بىلىشىم كېرەك ئىدى،
بىلىشىم كېرەك ئىدى، قۇربانلارخېنە قۇيۇلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويغان...
ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى.
     شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شىئىردە قۇماندانىغا بىرىدىغان جاۋاپ يېزىلغان:
                              ئانام قۇيۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،
                             مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.
                             ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى بىر ھەدىيە،
                               قۇماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم... .


كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى



تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تەۋبە قېرىندىشمىز ...
_____________________________________

گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى:

بۈگۈن(2012.5.27) مۇنبىرىمىز ئەزاسى << نەزىفە0515>> بۇ فىلىمنى يوللىغان، بۇ يازمىغا قىستۇرما قىلدىم.( فىلىمدە <ھەسەن> ئەمەس، < ئەھمەد> دېيىلىپتۇ.)


چوڭ ئېكراندا كۆرۈش:
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzc1NTQ2Mzk2/v.swf
[ بۇ يازمىنىgeneral 2012-05-27 18:20قايتا تەھرىرلىدى ]
جەمئىي1دانە باھا
general مۇنبەر پۇلى +3 ئېسىل ئەسەر 2011-03-24

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1412
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 3940 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2012-12-13
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 01:45:05
نىمە دىگەن تەسىرلىك ، كۆزلىرىم قىززىۋاتىدۇ ........................................

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5278
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 877 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-07-21
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 05:07:10
نىمەدىگەن تەسىرلىك ۋەقەلىك ........!  نىمە دىگەن ياخشى ئانا ..........! ھەقىقى مېھرىبان ئانا ۋە كۆيۈمچان ئاتا .............  ئاللاھنى ھەممىدىن ياخشى كۆرگەن ئاتا-ئانا ............................
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ئاللاھ  قولىڭىزغا بەركەت بەرسۇن!

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2195
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2195دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 28684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 09:29:31
ئاللاھۇ ئەكبەر ،،،،،،،،ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئەسلىمە ئىكەن ،،،،،،،

 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5951
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 115
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-28
ئاخىرقى: 2012-03-14
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 10:52:50
اللە رەخمەت قىلسۇن!!!
 ھەقىيقىي مىھىر-مۇھەببەت، كۈيۈنىش دىگەن شۇ ئەمەسمۇ.....
ئاتا-ئانىلىرىمىز شۇنداق بولسا، بىزمۇ ھەم شۇنداق بولساق ئۆزىمىزنى ھەم يۈرەك پارىلىرىمىزنى اللە ئۈچۈن ئاتىيالىغان بولساق............. اللە ھەممىمىزگە كامىل ئىمان ئاتا قىلسۇن................. امىن!!!!!

دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1000
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1000دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 12715 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-01-30
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 11:06:38
Re:چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن .....گە تولۇقلىما
يوللىغۇچى: muzepper 

 خېنە قويغان كىچىك ھەسەننىڭ رەسىمى. ( شۇ تېمىغا ئاتاپ يوللۇدۇم)

 مانا بۇ كىچىك ھەسەننىڭ ھەيكىلى



مەنە بۇ كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى. بۇ ئىككى رېسىمنى يان، يانغا قۇيۇپ تېمىنىڭ ئاخىرىغا چاپلاپ قۇيۇڭلا.

مەنبە: http://www.google.com.tr/search?q=k%C4%B1nal%C4%B1+hasan&hl=tr&prmd=ivnsfd&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=BJOKTcjfDcf0sgb69ui0DA&ved=0CC0QsAQ&biw=1440&bih=775

 
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 147
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە147دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2012-06-21
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 11:17:38
رەھمەت      سىلەرگە،
ئەجرىڭلارغا  تەشەككۇر

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1818
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1818دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 19177 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 11:22:38
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ تېمىنى قايسى كۈنى پانتېكىن مۇنبىرىدە كۈرۈپ بەكمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم ،
كەڭسايدىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ سىزنىڭ ئەجىرڭىزدەبۇ تېمىنى  كۈرۈشتىن بەھرىمەن بولدۇق ، سىزگە كۆپ رەھمەت !

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 845
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە845دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 8847 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 12:16:25
ئەجەپ كىچىك بالىلار ئىكەن .  ھەقىقى تۇرك قېنى بار دە !

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6647
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-10-20
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 12:31:04
ھەرقانداق بىر ئادەم .ئۇز ۋەتىنىنى مۇنقەرز بولمىسۇن دىسە، ئەشۇنداق يۇرەك پارىسىنى ،جىنىنى .ۋەتەن ئۇچۇن  بېغىشلىغىدەك روھ ۋە جاسارەت بولىشى  كېرەك.
ئاپىرىن ئەشۇنداق خەلىققە

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى