مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 34ئىنكاس
  • 13709كۆرىلىشى

مۇنبەر دېگەن! [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 374
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە374دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 5342 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2013-01-31
0-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-23 22:18:47
— بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24) —
    

مۇنبەر دېگەن!
ئۆمەر

مۇنبەر دېگەن مەۋھۇم بىر دۇنيا،
نېقاب تارتقان تانسا مەيدانى؛
دىلخەستلەرگە دىلكەش ئۇ گويا،
تاپالايسەن سىرداش ھەمرانى!

بۇندا تولا شائىر، ئەدىبلەر،
قەلەم بىلەن ئاتلانغان جەڭگە.
قەلەم ھەققى، موكاپاتىغا
مۇنبەرلەردىن تارقىتار تەڭگە.

بۇ تەڭگە ھەم مەۋھۇم تەڭگىدۇر،
مىڭ تەڭگىگە كەلمەيدۇ بىر نان.
مۇنبەرلەرگە خۇمار بەڭگىدۇرـ
مەيلى كونا يا يېڭى مېھمان!

مۇنبەرنىڭمۇ بولغىنى ياخشى،
ئۇ ئەمەسمۇ تېمى يوق مەكتەب.
ئەزانىڭمۇ تولغىنى ياخشى،
خېرىدارسىز قالغاندىن ئەسنەپ!

باشقۇرغۇچى ــ جاپاكەش ئىنسان،
ھەق، سىتاژسىز بىكارلىق كادىر.
لايىق ئەمەس ئاڭا دۆت، نادان،
مەلۇم ساپا قىلمىسا ھازىر!

ۋالاقلىما چاچرىتىپ كۆپۈك،
بولمىساڭلا تولمىغان چېلەك؛
ئىنكاس قوپال، قاپاقلار تۈرۈك،
شۇنچە كېبرى قىلماق نە كېرەك؟

ئەزا ئۈچۈن ئىللىق ھەم سىلىق -
بولماق كېرەك، چىقارماي پۇتاق؛
سەن گويا سۇ، ئەزالار بېلىق -
بوپ ئۆز-ئارا ئۆتەيلى ئېناق!...
  
مۇنبەر دېگەن دەۋەت سورۇنى،
ئېمان-ئىسلام بىزنىڭ غايىمىز!
قورققانغا كۆرۈنىدۇ قوش،
خەتەرلىكتۇر ھەتتا سايىمىز!...
  
توشقانچىلىك يۈرەككە ئېگەـ
ئەمەس توۋا، لېكىن گاھىمىز.
قورققانغا ئۆلمىسەك ئىدۇق،
پەقەت قەبرە بارار جايىمىز!...



مەنبە: ئۆزۈم

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

كارامەت

ئېسىل

قىززىق

مەنىلىك

ئوسال

نوچى

تازابىر
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1728
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1728دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 22386 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2013-01-13
يۇمشاق سافا   يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 00:22:40
مۇنبەر دىگەن ئاجايىپ ئىكەن
تالاش -تارتىشى بەزىدە كۇلكە
ئۇقۇشماستىن ئۇزئارا دۇسلار
بەزى چىمەن ،بەزىدە چۇلكە،،،،

 
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2195
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2195دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 28684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2013-01-31
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 00:32:05
ياخشىى تىما يوللاپسىز ،بۇرادەر،،،،،،،مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ،
،،،،،،ھەي كۆۋرۈك ھاجى،،،بۇ چۇلكە دىگەن گەپنى بىر تەرجىمە قىلىۋېتە،،،،

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 3201
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3201دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 37262 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2013-01-29
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 09:20:51
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم  ياخشى يىزىپسىز ئۆمەر ئاكا ...  

 
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1818
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1818دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 19177 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2013-01-31
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 10:55:31
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئىسىل شىئېرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ! مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيانى شىئېرىڭىز ناھايتى ئىنىق شەرھىلەپ بىرىپتۇ .ئىلھاملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن !

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 147
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە147دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2012-06-21
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 11:19:20
رەھمەت.

 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 6220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2011-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-19
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 11:32:24
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 908
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە908دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 10934 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-12-29
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 12:19:41
ۋاھ ، ئېلھام كەپتۇدە !

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1406
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1406دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 15753 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2013-01-31
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 12:35:49
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم بۇرادەر~~~
سىزنىڭمۇ  تېما  يوللايدىغان  ۋاقلىرىڭىز  بولىدىكەن ھە~~~
شۇنداق  ياخشى  چىقىپتۇ  بۇ  شېئىرىڭىز.

دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1855
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1855دانە
ئۆسۈش: %
مۇنبەر پۇلى: 20089 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تىزىملىتىش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2013-01-31
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2011-03-24 19:08:06
مەزمۇنى ياخشى شىئىر ئىكەن ،،،
تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن ،، مۇنداق ھۇنەرمۇ بار دەڭە ،،

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك150 بايت
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى