باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1647 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جۇڭگولۇق ئابدۇللا (ئادىل تۇنىياز)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 243 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2011-04-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 18:37

جۇڭگولۇق ئابدۇللا (ئادىل تۇنىياز)

        شېكەر قوشماي قېنىق دەملەنگەن تاڭسۇق ئەرەبچە قەھۋە ئىچكەچ مېھمانخانا دېرىزىسىدىن دۇبەي كوچىلىرىغا نەزەر تاشلىغان ئادەم مىغىلداپ ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىراي-تۇرقىغا قاراپ ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ كۆپى جۇڭگولۇقلار دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى،ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە خەنزۇلار ئانچە كۆپ ئەمەس،گەرچە جەنۇبىي جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم لىق ئادەم بىلەن شارجا ئايرۇدۇرۇمىغا قونسىمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ.ئەبۇزەبىدىكى سىتى پىلازا ياكى ئەلئەيىندىكى ئەلمول دەرىجىدىن تاشقىرى بازىرىنى ئايلانغان ئادەم رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا كۆز چاقنىتىپ تۇرغان قىممەت باھالىق چەتئەل ماللىرى ئىچىدىن جۇڭگونىڭ بىرەرمۇ مېلىنى بايقىيالمايدۇ.بىراق،توپ تارقىتىش دۇكانلىرىدا ياكى ئادەتتىكى بازارلاردا سېتىۋاتقان ئەرزان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپى جۇڭگونىڭ،ئۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگونىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر سانائەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.گەرچە يەرلىك ئەرەبلەر ئاقسۆڭەكلىك سالاپىتى بىلەن ئامېرىكا،ياپون،شېۋىتسىيە،ئىتالىيە،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زەھەردەك قىممەت ماللىرىنى تاللاپ سېتىۋالسىمۇ بۇ دۆلەتتە كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ،ئىشلەمچى ھىندىلار،پاكىستانلىقلار،پارىسلار ۋە باشقا نامرات ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر دەماللىققا جانغا ئەسقاتىدىغان جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرىغا يبگۈرىدۇ،جۇڭگولۇقلار بىلەن ھەرھالدا يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلىشىدۇ.    
        بىر كۈنى ئەلئەيىن شەھرىدە يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مىسىرلىق دوستۇم ئەرزان سائەت ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئالايىتەن بىر خەنزۇنىڭ دۇكىنىغا باشلاپ باردى،ۋە<سەن جۇڭگولۇق بولغاندىن كېيىن،ھە-پە دېيىشىپ بەرسەڭ،ئازراق بولسىمۇ ئېتىبار قىلىپ قالار>دېدى.بىز كىرگەندە 39-40ياشلارغا كىرگەن بىر خەنزۇ يىگىت قول سائەتلىرىنى تەكچىگە تىزىۋاتقان ئىكەن.    
         _سىز قايسى دۆلەتتىن؟_دەپ سورىدى.   
          _مەن جۇڭگودىن كېلىشىم،_دېدىم مەنمۇ ئېنگىلىزچە جاۋاپ قايتۇرۇپ.ئۇ چىراي-تۇرقۇمدىن،بۇرۇتلىرىمدىن ۋە ئەرەبچە،ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزۇمدىن مېنى ئاللىقاچان باشقا دۆلەتكە تەۋە قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك،ئىشەنمىگەندەك قاراپ قويدى-دە،گېپىمنى تەكرارلىدى. 
         _مەن جۇڭگولۇق دېدىڭىزما؟ چاقچاققا ئۇستىكەنسىز.   
         _ئۇنداقتا مەيلى،سىزچە مەن قايسى دۆلەتتىن؟   
         _ئۆزبېكىستان ياكى ئىراندىن.   
       قايتا چۈشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك ھېس قىلدىم،بىز ئارىلاپ ئېنگىلىز ياكى ئەرەب تىلىدا باھاسىنى سورىغاچ سائەتلەرنى تاللاشقا كىرىشىپ كەتتۇق،ھەيران قالغىنىم باشقا خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەرەبچىسىمۇ،ئېنگىلىزچىسىمۇ خېلىلا ياخشى ئىدى.دەل شۇ چاغدا نامازشامغا مەسچىت-مەسچىتلەردىن ئەزان ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى. 
         _ كەچۈرۈڭ،نامازشامنى ئوقۇۋېلىپ كېلەي.    
     مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.ئۇ دۇكاننى تاقاۋاتقان چاغدا كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى بىلەن گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئارىسىدا گويا زۇلمەتكە ئىشىك يېپىۋاتقان بىر نۇرلۇق سېيمانى كۆرگەندەك باشقىچە بىر يېقىنلىقنى سەزدىم.  
       ئەنە شۇ يېقىنلىق مېنى بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا سۆرەپ باردى.ھەر قېتىم ئۇ شۇنداق قىزغىن،سەمىمىي ۋە مۇسۇلمانلارغا خاس تەۋازۇ بىلەن كۈتۈۋالاتتى.بىز تىلنىڭ سىرتىدىكى نامەلۇم سېھىر بىلەن خېلى ئۈلپەتلەردىن بولۇپ قالغان بولساقمۇ ئۆزۈمنى قايتا ئىزاھلاپ يۈرمىگەن ئىدىم.   
       بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام ئۇنىڭ يانفونى جىرىڭلاپ كەتتى،ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا خەنزۇچە سۆزلىدى،قارشى تەرەپ جۇڭگولۇق ئىدى.مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ،ئۇنىڭ ئېيتىشقا بولمايدىغان بىر قىسىم مەخپىيەتلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم-دە ،كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ بىر ئاز تۇيۇپ قالغاندەك نېمىشقا كۈلۈپ كەتكىنىمنى سورىدى. 
   مەن خەنزۇ تىلىدا:  
      _سېنىڭ مەخپىيەتلىرىڭنى ئۇقۇپ قالدىم-دەپ كۈلدۈم.   
      _سەن راستىنلا جۇڭگولۇقمۇ ؟    
      _مەن باشتا دېگەنغۇ.   
      _جۇڭگونىڭ قەيىرىدىن   
      _شىنجاڭدىن . 
      _ھەي،بالدۇرراق شىنجاڭدىن دېسەڭچۇ! 
    ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ زۇۋانىنى ئۇقالايدىغان بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمدىن خوش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇياتلىق مەخپىيىتىنى ئۇقۇپ قالغىنىمدىن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندى. ئارقىدىن بىز قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق .ئۇ ماڭا قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماي باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.   
      ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ خېنەندە تۇغۇلۇپ،شاڭخەيدە چوڭ بولغانىكەن.ئەگەر تەقدىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئىماراتقا (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى)ئېلىپ كەلمىگەن ،نەۋرە ئاكىسى ئۇنى ئالداپ بار-يوق بىساتىدىن ئايرىپ كۆك تۆشكە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان بولسا ،ئۇ مەڭگۈ ئىسلام نۇرىدىن ھىدايەت تاپالماي ئۆتۈپ كېتەر ئىكەن.  
       _ياقا يۇرتتا نە بېشىمنى سىلايدىغان ئۇرۇق -تۇغقىنىم ،نە ۋەتەنگە قايتقۇدەك پۇلۇم ،ياتقۇدەك يەر ،يىگۈدەك نېنىم يوق باشپاناھسىز قالدىم .تالا ئوتتەك ئىسسىق ،تۇنجى قېتىم ئىنساننىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ،دۇنياغا قۇرۇق قول كېلىپ قۇرۇق قول كېتىدىغىنىنى ھېس قىلدىم .كىشىلەر مەسچىتكە كېتىۋاتاتتى .بۇنىڭ ئىچىدە بايلارمۇ ،مەندەك پېقىر-مىسكىنلەرمۇ بار ئىدى .ئەرەبلەرمۇ ،مۇساپىرلارمۇ بار ئىدى .ئويلىسام ئۇلارمۇ باشپاناھسىز ئىكەن .ئۇلارغا ئەگىشىپ مەسچىتكە_ پاناھ جايغا كىردىم .ئۇلار قىلغاننى قىلدىم .كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ،ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم .جامائەت بېشىمنى سىيلىدى .مىسكىن مۇسۇلمان ئىكەن ،دەپ ئاش-تاماق بەردى .خەيرىخاھلىق قىلدى .بولۇپمۇ بىر تەقۋادار سۇدانلىق خالىس نىيەتتە ياردەم قىلدى ۋە ئايەت ئىسلام ئۈگەتتى ،ئەرەبچە ئۆگەتتى ،نامازنىڭ ،ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم .بارلىق ئىنسانلارنىڭ باشپاناھىنى تونۇدۇم .ئۇلار مېنى يېڭى مۇسۇلمان دەپ ئىقامەت بەردى ،ساخاۋەت قوللىرىنى سۇندى .دۇكان ئاچتىم ،پۇللۇق بولدۇم ،بىر مەزگىل خوتۇنۇم بىلەن قىزىمنى ۋە سىڭلىمنى ئەكىلىپ تۇرغۇزدۇم ،ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولدى .ھازىر شاڭخەيدە .  
     _مۇسۇلمان بولغىنىڭىزنى باشقا جۇڭگولۇقلار ئۇقامدۇ ؟ئۇلار سىزنى يەكلەمدۇ ؟  
     _مەن ھەممىسىگە ئېيتتىم ،ھەقنى تونۇش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس ،بەلكى ئىككى دۇنيا خوش بولىدىغان ئىش .شاڭخەيگە بارغاندا مەسچىتنىڭ ئاخۇنىنى چاقىرىپ ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمنى جاكارلىدىم .باشتا ئۇرۇق-تۇققان ،دوست-بۇرادەرلەر بۇنى قوبۇل قىلالمىدى .مەنمۇ ئۇلارنىڭ دىنسىزلىقىنى ھۆرمەت قىلغان يەردە ئۇلارمۇ ئاخىر مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلدى .ھازىرمۇ بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار بىلەن ئارىلىشىمەن ،بەزمە-باراۋەتلىرىگە بارىمەنۇ ،مۇسۇلمانچە بولمىغان تامىقىنى يىمەيمەن ،ھارىقىنى ئىچمەيمەن .  
    _سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىن باشقا بۇ يەردە يەنە مۇسۇلمان بولغان خەنزۇلار بارمۇ ؟  
    _خەۋىرىڭىز يوقكەن-دە ،40-يىللاردا ما بۇفاڭنىڭ بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەنزۇ ئەسكەرلەردىن بولۇپ 100نەچچە جۇڭگولۇق ئەينى چاغدىكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كېلىپ  شارجا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن .ئىمارات مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئىماراتنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلىنىپتۇ ،شۇڭا شارجا ياكى دۇبەيدە كېتىۋېتىپ مۇۋاتىنلارنىڭ(يەرلىك ئەرەب) ئاق كاندۇرا ،قارا چەمبىرىكىنى كىيىپ كېتىۋاتقان جۇڭگو چىراي كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىسىز ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي .بىراق ،ھازىرقى ياشلىرى پۈتۈنلەي ئەرەبلىشىپ كەتكەن ،جۇڭگو تىلىنى ئاساسەن ئۇقمايدۇ .    
    ئەرەبلەر ئابدۇللا دەپ ئات قويىۋالغان ،ماڭا ئۆزىنى شىياۋ تيەن دەپ تونۇشتۇرغان بۇ شاڭخەيلىك يىگىت تولىمۇ قىزغىن ،سەمىمىي ،ۋە تەقۋادار ئىدى .كىرگەنلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالاتتى .سىلىق-سىپايە ،مەرى ئىسسىق ،راست سۆز ئىدى .ئېھتىمال ئەرەبلەر ئارىسىدائۆتكەن ئون يىللىق ھايات ،ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل ئىسلام ئەخلاقى ئۇنىڭ خارەكتىرىدە مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك .مەن كېيىنچە ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر شېئىر يازدىم:  
                             جۇڭگولۇق ئابدۇللا                  
                   ئەرەبلەر   ئۇنى  شۇنداق  ئاتايدۇ ، 
                   ھاجىتى چۈشكەندە ئەرزان سائەتكە                   
                   ياكى شياۋ تيەن  
                   ماڭغاندا تاھارەتكە                  
                   ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن                  
                   ئەگىشىپ جامائەتكە .                  

                   ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم،                
                   ئەخلەت ساندۇقى يېنىدا .                
                   يالتىراق ئۇچماقتا قاناتسىز ،  
                  كوچىلار بويالغانىدى 
                  قۇياشنىڭ ئىسسىق قېنىدا .               

                  جىن شاپتۇل غاجىغاندەك                
                  چىققاندەك سۇنىڭ جېنى .               

                  ئۇنىڭ دىنى 
                        ئىسلام                 
                 ئايرىلىپ ھەممە نەرسىسىدىن ،
                  شاپائەتكە ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ .                 
                 ئۇنىڭ ئىسمى ئككى بولدى                  
                 ئككى رەت ئۆتكەندەك ئەينەك ئالدىدىن ،                 
                 كېيىنكى ئىسمى شەپەققە تولدى ،                 
                 تىك تاغ بىلەن ھۆل ئىدىيە كېسىشكەن ،                 
                 سەددىچىن سېپىلىنىڭ گۇگۇم پەيتىدە ،                
                ئۆسكەن موگۇلاردەك يامغۇردىن كېيىن .  

                مەن ھاۋادا ياشايمەن ،يىلتىزسىز ،
                ئۇ سۇدا ياشايدۇ يالقۇنسىز .
                          .    
ئادىل تۇنىياز <پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر> 
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىلى3-ئاي نەشرى
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(rabiya)
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    تاھىر
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 1026
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1026دانە
    ئۆسۈش: 2960 %
    مۇنبەر پۇلى: 12717 سوم
    تۆھپىسى: 161 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2011-04-08

        _ كەچۈرۈڭ،نامازشامنى ئوقۇۋېلىپ كېلەي.    
         مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.ئۇ دۇكاننى تاقاۋاتقان چاغدا كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى بىلەن گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئارىسىدا گويا زۇلمەتكە ئىشىك يېپىۋاتقان بىر نۇرلۇق سېيمانى كۆرگەندەك باشقىچە بىر يېقىنلىقنى سەزدىم.  
    __________
    ئىسلام ھەرقانداق قەلىبنى نۇرلاندۇرۋىتىدۇ ....  
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئەتە ئۈلەپ كەتسەم قايدا قىلامەن؟
    hudayim bar himim yuk
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 411
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 4317 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-24
    ئاخىرقى: 2011-04-08
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 00:27

    ئاللاھ ھىداديدت قىلغانى ھچكىم قىلالىمايدۇ.
    قوزام
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 383
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە383دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 4140 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-06
    ئاخىرقى: 2011-04-07
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 00:40

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى asanat نىڭ 2011-03-24 00:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئاللاھ ھىداديدت قىلغانى ھچكىم قىلالىمايدۇ.

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاسانات ھەجەپ قۇسۇرچىكىن دىسىڭىز مۇ مەيلى .  ئاۋۇخەتنى ئۆزىڭىز ئوقۇپبىقىڭە قاندايىزىپسىز .
     ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ دىمەكچىغۇسىز.   ئاللاھنىڭ كالامىنى يازغان ئىكەنسىز ھەربىر جۇملە،سۆز ،ھەرىپكەمەسئۇل بولغان ئاساستا يازسىڭىز دىگەن ئۇمۇتتەمەن .  ئاخىرىدا سىزگەئاللاھنىڭ رەخمىتىنى تىلەيمەن. ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن  ، امىن.
    [ بۇ يازمىنىend 2011-03-24 01:01قايتا تەھرىرلىدى ]
    كۈمۈش
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6691
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-24
    ئاخىرقى: 2011-03-25
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 11:21

    ئاللا ھەممە ئادەمنىڭ  دىلىغا ئىمان،  كۆڭلىگەئىنساپ بەرگەي.مۇشۇنداق ياخشى ئىشلار داۋاملاشقاي!     
    كۈمۈش
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 836
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 8550 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2011-04-07
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 11:27

    قېرىندىشىم مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

    ئاللاھ ھەر بىرلىرىمىزنى ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىشقا نىسىپ قىلسۇن !
    اللا
    ياردەم مەزمۇنى
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 945
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 9828 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2011-04-07
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 11:29

    ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەسەرلىرى ياخىشى ھە؟
    كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 377
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە377دانە
    ئۆسۈش: 890 %
    مۇنبەر پۇلى: 4397 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-28
    ئاخىرقى: 2011-04-08
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 11:57

    ئادىل تۇنىيازنى مەن <<قەشقەردىكى يەر شارى>> ئارقىلىق تونىغان.
    دوستلىشىش
    قوزام
    ئانا سەن مېنىڭ پەرىشتەم ،مەن مەڭگۈ سېنىڭ قوزاڭ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 50
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-26
    ئاخىرقى: 2011-04-08
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-27 00:10

    ئاپتۇر (kizilkowruk) نىڭ يازمىسىغا

    بۇ تېمىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم ئۇ مۇنبەر گىمۇ سىز يوللىغانما...مەنمۇ بۇ تېمىنى  مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا كىتابخانىغا بېرىپ ئۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ كەلدىم ئېلگىرىمۇ ئوقۇغان ئەمما سېتىۋالمىغان ئىدىم ،،رەھمەت سىزگە ياخشى تېما يوللاپسڭز .
    ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ
    دوستلىشىش
    جەڭچى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 46
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 465 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-29
    ئاخىرقى: 2011-04-08
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-30 13:46

    ئادىل تۇنىيازنى مەن <<قەشقەردىكى يەر شارى>> ئارقىلىق تونىغان.
    دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.