باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 67 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىغ يارىسى بىردەملىك ، كۆڭۈل يارىسى مەڭگۈلۈك....
دوستلىشىش
تاھىر
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 831
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە831دانە
ئۆسۈش: 2200 %
مۇنبەر پۇلى: 10177 سوم
تۆھپىسى: 161 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 11:04

تىغ يارىسى بىردەملىك ، كۆڭۈل يارىسى مەڭگۈلۈك....

 
يۈرەككە تەگكەن گەپ



      بىر ئېيىقچاق چاتقاللىق ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ چىقالماي تۇرغاندا، بىر ئوتۇنچى كىلىپ قېلىپ ئۇنى چىقىرىپ قۇيۇپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئانا ئېيىقچاق :
      - خۇداسىنى ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي ساخاۋەتچىم،ماڭا چوڭ ياردەم قىلدىڭ،دوست بۇلۇپ قالساق قانداق دەيسەن؟ - دەپتۇ.
- ھىم،قانداق بۇلار......
- بۇنىمەدىگىنىڭ؟
- نىمەدىسەم بۇلار؟ ئېيىقلارغا بەك ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە،ھەممە ئېيىق شۇنداق دىگىنىم ئەمەس.
- ئادەملەرگىمۇ ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ، - ئېيىق جاۋابىدىن ، - بىراق مەنمۇ سىنى دىمەكچى ئەمەسمەن.
      شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياخشى دوست بۇلۇپ قاپتۇ . بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇتۇنچى ئورمانلىقتا ئېزىپ قاپتۇ،ئۇ.ئوخلىغىدەك يەرتاپالماي ئېيىقنىڭ ئوۋىسىغاكەپتۇ. ئېيىق ئۇنى بىرئاخشام قوندۇرۇۋاپتۇ، ھەم مول غىزالاربىلەن مېھمان قىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگىنى ئوتۇنچى مېڭىشقا تەمشەلگەندە، ئېيىق ئۇنى سۆيۈپ قۇيۇپ:
     - مىنى كەچۈر بۇرادەر، ياخشى كۈتەلمىدىم، - دەپتۇ.
    - تۈزۈت قىلىپ كەتمە ئېيىق ئاداش، مىنى ئوبدان كۈتكىنىڭدە گەپ يوق ، بىراق بىرلا يىرىڭ ماڭا ياقمىدى، بەدىنىڭ بەك سېسىق پۇرايدىكەن .
    ئېيىق بۇگەپتىن بەكمۇ بىئارام بوپتۇ .
    - پالتا بىلەن بېشىمغا بىرنى چاپە ! ئوتۇنچى ئۇنىڭ بېشىغا بوشقىنا بىرنى ئۇرۇپتۇ .
    - قاتتىق چاپ ، تېخىمۇ كۈ چەپ چاپ ! - دەپتۇ ئېيىق .
      ئوتۇنچى كۈچەپ بىرنى چاپقانىكەن ، ئېيىقنىڭ بېشىدىن ئىسسىق قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ .
      بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئوتۇنچى ئېيىقنىڭ ئوۋۇسىغا يېقىن يەرگە كىلىپ قاپتۇ - دە،ئۇنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بوپتۇ .ئېيىق مول تائاملار بىلەن ئۇنى قىزغىن كۈتىۋاپتۇ. قايتىدىغان چاغدا ئوتۇنچى :
      - ياراڭ ساقىيىپ قالدىمۇ؟ بۇرادەر ، - دەپتۇ .
     - قايسى يارىنى دەيسەن ؟
     - مەن بېشىڭغا پالتا چېپىپ قالدۇرغان يارىچۇ ؟
     - ھە ، شۇكۈنى جېنىمدىن ئۆتكىدەك بىر ئاغرىۋىدى ، كىيىن ئۇنتۇپمۇ قاپتىمەن ، لىكىن شۇكۇنى قىلغان  بىر جۈملە سۆزۈڭ ھازىرغىچە يۈرىكىمدىن چىقمايدۇ، - دەپتۇ ئېيىق.

مەرىفەت تورى
مۇنبەر ئارا مۇنبەر كۆردۈم ، ئەڭ نوچىسى كەڭساي مۇنبىرى